- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6443
- نادىر
- 0
- يازما
- 238
ئۆسۈش
  28.86%
|
بۇ ماقالا كۆكنۇر شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان ئۈزۈمزار رسىتۇرانىدىكى ئولتۇرۇشتا ساھىپجامال خانىمنىڭ ئۇستازى چاچاۋجىڭ فىراففىسۇر تەرىپىدىن ئوقۇلغان ئاپتۇر بۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇشى كىرەكقۇ دەيمەن.
ئەمدى ئاستىدىكى ھاكىم ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىغا كەلسەك بۇ كىشى نىيۇتۇن ۋە ئېينىشتىيىننىڭ ئاللا بۇرۇن تۇرمۇش ۋە تەجرىبىنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن نەزەرىيەلىرىنى يوققا چىقارماقچى، ئۇنىڭ گىپى بويىچە بولغاندا فىزىكا ھەتتا فىزىكىنىڭ تۈرتكىسىدە تەرەققى قىلغان بارلىق پەنلەرنى قايتا يېزىش كىرەكمىش، لىكىن بۇ مەڭگۇلۈك دىۋگاتىل مودىلىدەكلا ئەقىلغە سىغمايدىغان خىيال.
بۇ كىشىنىڭ بۇ خىل قاراشلىرى ساھىپجامال خانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىلىم ئەھلىلىرى تەرىپىدىن قۇبۇل كۈرۈلمىگەن، ھەم ئۇنداق بولىشى مۈمكىن ئەمەس، شۇڭا بۇ يەردە بۇ كىشى ساھىپجامال خانىمدىن ئاچچىغىنى چىقىرىۋاتىدۇ خالاس.
ھاكىم ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ يازغان ماقالىلىرىنى توردىن ئوقۇغان بولسىڭىز ئۇنىڭ نىيۇتۇن ۋە ئىينىشتىيىنلارغا ئۆزىنى تەڭرى دىگەن دەپ تۆھمەت قىلغدانلىقىنى، ئىلمى تەجرىبىگە ۋە ماتىماتىكىغا ئەمەس ماركىسىزىم قاتارلىق نەزەرىيەلەرگە ئاساسلىنىپ فىزىكا مەسىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.
مىنىڭچە بىرەر ژورنالمۇ قوبۇل قىلمىغان نەرسىنى ساھىپجامال خانىمغا تەڭلەپ رەددىيەگە ئۇچرىسا ئۇنىڭدىن خاپا بولۇپ ئۇنى ئالدامچى.........دىگەندەك سەلبى ئۇنۋانلار بىلەن باھالاش بەكمۇ غەلىتە كىسەللىك ئالامىتى بولسا كېرەك. |
|