ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن تۆۋەندىكى سۇئاللارغا ئاللاھقا قەسەم قىلىپ تۇرۇپ راستچىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىڭلار ئويغۇنىشىڭدا ئاللاھنى ياد {زىكرى تەسبىھ دۇرۇت ئوقۇش} ئەتتڭمۇ؟ بۇگۇن بەشۋاق نامىزىڭنى ۋاقتىدا ئوقۇدىڭمۇ؟ بۇگۇن ئاللاھتىن سېنى جەننەتكە كىرگۇزۇشنى تىلەپ دوزاختىن پاناھ تىلىدىڭمۇ؟ بۇگۈن نەپلە ئەمەللەرنى مۇكەممەل قىلدىڭمۇ؟ بۇگۇن ئاللاھ سېنى ئىسلام نىمەتلىرىگە مۇيەسسەر قىلغىنىغا شۇكرى قىلدىڭمۇ؟ بۇگۇن قۇرئان ئوقۇدىڭمۇ؟{ھەدىس كۆردىڭمۇ؟دىنى كىتاپ كۆردىڭمۇ}؟ سەن بۈگۈن ئوقۇغان نامىزىڭدا ئايەتلەرنى ئويلاپ ئاللاھتىن قورقۇش ھېس قىلدىڭمۇ؟ بۇگۇن قۇلىقىڭنى ،كۆزىڭنى،ئەزالىرىڭنى ھارامدىن ساقلىدىڭمۇ؟ بۇگۇن باشقىلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا تەرغىپ قىلىپ يامان ئىشلاردىن توسىيالىدىڭمۇ؟ بۇگۇن مەخپى،ئاشكارە ئەمەللىرىڭنىڭ ھەممسىنى خالىس قىلدىڭمۇ؟ ساڭا يامانلىق[زىيان يەتكۇزگەن}قىلغان كىشىلەرنى كەچۇردىڭمۇ؟ ئاللاھ يولىدا دوسىت بۇلۇپ ،ئاللاھ يولىدا دۇشمەنلەشتىڭمۇ؟ بۇگۇن يامان ھەمرادىن يىراق بۇلۇپ،ياخشى ھەمراھ تاللاش توغرىسدا ئىزدەندىڭمۇ؟ بۇگۇن ياخشى ئىش قىلدىڭمۇ؟ بۇگۇن ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىدىڭمۇ؟ بۇگۇن ئاللاھتىن گۇناھىڭنى مەخپىرەت قىلىشنى تىلىدىڭمۇ؟ بۇگۇن ئاللاھتىن مۇسۇلمانلار ئۇچۇن مەخپىرەت تىلىدىڭمۇ؟ قەلبىڭنى{ئالدامچىلىق،ئىچى تارلىق،كۆرەلمەسلىك}كېسەللىرىدىن پاك قىلدىڭمۇ؟ بۇگۇن تىلىڭنى يالغان،غەيۋات،سۇخەنچىلىك،جىدەل ۋە بىھۇدە سۆزلەشتىن پاك قىلدىڭمۇ؟ ئۆزۇڭنى كەمتەرلىك،چىداملىق،پەرىزكارلىق،تەقۋادارلىق،مېھرىبانلىق،ئاللاھقا ئىخلاس قىلىشقا كۆندۇردىڭمۇ؟ ھەر ئايدا ئۇچكۇن نەپلە روزا تۇتتىڭمۇ؟ جۇمە كۇنى غۇسلە قىلىش،سۇرە كەھىفنى ئوقۇش،دۇرۇت ئوقۇش قاتارلىق ئەمەللەرنى قىلدىڭمۇ؟ بۇگۇن بىرەر ماقالە ئۇستىدە ئىزدەندىڭمۇ؟{ئونۋىرسال كىتاپلارنى ئوقۇدىڭمۇ}؟ ئسلامغا يېڭى كىرگەنگەنلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ئۇچۇن ياخشى ئىش قىلدىڭمۇ؟ ئاللاھتىن بۇگۇن سېنىڭ قەلبىڭنى ئاللاھنىڭ دىنى ئۇستىدە مۇستەككەم قىلىشنى تىلىدىڭمۇ؟ مەنبە:مەرىفەت مۇنبىرى |