ئەسسىلام باغداشنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى :
تور بېكىتىمىزدە باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى چىقارغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ئەزالار ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، بىز بۇ ئەزالاردىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدۇق . باغداش تور گۇرۇپپىسى ۋە باغداشنىڭ كونا ئەزالىرى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتتۇق ، مۇنبەرنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا قارىتا يەنە باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلمىز ۋە تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز .
1 مۇنبەر مەسئولى : alqondi
alqondi باغداش مۇنبىرىنىڭ كونا ئەزالىرىنىڭ بىرى ،كومپىيوتور سەۋىيىسى يوقىرى ، مۇنبەر باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسدىن چىقالايدۇ ، ئەزالارنىڭ تېخنىكا ۋە مەشغۇلاتلىرىغا ياردەم بېرەلەيدۇ ،باشقۇرغۇچىلارغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلالايدۇ. شۇڭا alqondi نى مۇنبەر مەسئولى قىلىپ بېكىتتۇق ،بارلىق تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا alqondi نىڭ مۇنبەر مەسئوللۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمىز .
2.باشقۇرغۇچىلار :
1. kokturuk 2.ilim 3.otyvrak
4.everoll
5.nijat
يەنە باغداش مۇنبىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ باشقۇرغۇچى بولۇشنى خالايدىغان ئەزالار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتىنى ئالدىنقى قېتىمقى تېمىدىن كۆرۈڭ :
ئەسكەرتىش : يەنە مۇنبەرنىڭ مېدال تارقىتىش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى
باغداش تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق تىرىشايلى ! باشقۇرغۇچىلىققا تەيىنلەنگەن ئەزالارمۇ باغداشنىڭ كونا ئەزالىرى ، شۇنداقلا ئىقتىدارلىق ئەزالار ، كېڭىشىش ئارقىلىق يوقىرىقى بەش نەپەر ئەزانى باغداش مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىقىغا تەيىنلىدۇق .تورداشلارنىڭ بۇ باشقۇرغۇچىلارنى قىزغىن قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! |