- تىزىملاتقان
- 2012-4-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 170
- نادىر
- 0
- يازما
- 31
ئۆسۈش
  56.67%
|
توخۇتۇر پويىز ئىستانسىدا ئاۋارىچىلىقىتا قېىلىشىغا ئۆزىنىڭ بىلەتكە سەل قارىغانلىقى سەۋەپچى بوپتۇ، پويىز ئىستانسىدا ئادەمنىڭ جىقلىقىنى ئەلۋەتتە ئويلىشى كېرەك ئىدى ،،شۇنداق بولغانىكەن پويىز ئىستانسىغا بالدۇرراق چىقىۋالىدىغان گەپ، ياكى بولمىسا بىلەتنى بالدۇرراق نەقلەشتۈرۋالىدىغان گەپ.
ئەمدى توخۇتۇرغا تەكلىپ، سىزنىڭ بۇ ئاۋارىچىلىقىڭىز تېخى تۈگىمەسلىكى مۇمكىن، سىزنىڭ بىلەتنى ئالالماسالىقىڭىزدىكى سەۋەپ ئىسمىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەمەس بەلكى كىملىكىڭىزدىكى سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىزنى ساقلاۋاتقان ئۈزەكنىڭ مەسلىسى ياكى پويىز ئىستانسىى بىلەت سېتىش سېستىمىسىنىڭ سىزنىڭ كىملىكىنى تونىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان، بەلكىم بۇ ئەھۋال بانكىدىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن، بەزىدە بىر نەچچە قېتىم سۈرگەندىن كىيىن ئىشلەپمۇ قالىدۇ،،ئەمما بۇندىن كىيىن پويىز بېلىتىنى توردىن سېتىۋالغاندا بالدۇرراق بېرىڭ!!!
مەن ئادەتتە بىلەتنى توردىنلا ئالىمەن، باشقىلارغىمۇ ئېلىپ بېرىمەن، بىرەرسىدە مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەن، شۇڭا بۇنى ئىسىمنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن قارىماسلىق كېرەك، مېنىڭ ئۇكامنىڭ كىملىكى سودا سانائەت بانكىسىدە ئوبدان ئىشلىمەيدۇ، لېكىن قۇرۇلۇش بانكىسىدا نورمال، بۇ سودا سانائەت بانكىسىنىڭ سېستىمىسىنىڭ كىملىك سېستىمىسى بىلەن بىردەك ئەمەسلىكىدىن ياكى نەشىرىنىڭ بىردەك بولمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك،،،
ئەمدى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ياكى ئوتتۇرىدىكى چىكىتنىڭ بولغانلىقىدىن كېلىۋاتقان ئاۋارىچىلىقلار ئەسلى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خاتالىقى ئەمەس، ئاشۇ مەشغۇلات ئېلىپ بارغۇچى نانقېپىلارنىڭ بىلىمسىزلىكى ياكى مەشغۇلاتنى توغرا ئېلىپ بارالمىغانلىقىدىن كېلىۋاتقان ئاۋارىچىلىق، ئاشۇ نانقېپىلار مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئوبدان ئۆگىنىپ خىزمەت قىلسىلا بۇنداق ئاۋارىچىلىق ھېچكىمگە كەلمەيدۇ، ئەگەر تورداشلار يەنە شۇنداق ئسمىڭ ئۇزۇنكەن ياكى ئوتتۇرىسىدا چىكىت باركەن دېگۈچىلەرگە كىملىكنى چىقىرىپ ئۇدىگەن ئاتام قويغان دۇرۇس ئىسىم، دۆلەت بەرگەن قانۇنلۇق چىكىت دەپ شۇنداق دىگۈچىنىڭ كۈزىگە تىققۇلۇق!!! |
|