- تىزىملاتقان
- 2011-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17314
- نادىر
- 8
- يازما
- 660
ئۆسۈش
18.29%
|
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى taratiدە2011-03-08 09:41يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەمدى ئاتالمىش ئاياللار بايرىمىنىڭ تارىخىغا نەزەر سالساق ئەسلى بۇنداق : بۇ كۈن ئەسلىدە پاھىشە ئاياللارنىڭ ئازاتلىق كۈنى ئىدى ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ دۆلەتتىن دۆلەتكە سىڭىپ كىرىپ خاس ئاياللار بايرىمىغا ئوزگەردى.
--------------------------------------------
گەپ بولسا تېپىپ قىلىۋىرەمسىز نىمە ؟ نەدىن تاپتىڭىز بۇ ئاساسى يوق گەپنى ؟ پاھىشە ئاياللارنىڭ ئازادلىق كۈنى ئەمەس ئىدى، بەلكى سايلامدا بىلەت تاشلاش ھوقۇقى بولمىغان ئاياللارنى ئادەم قاتارىدا كۆرۈش ئۈچۈن ئاياللار قوزغىلىپ چىققان كۈن ئىدى.
ئۆيدە بىر يىل جاپا چىكىپ ئىشلىگەن ئايالغان ئەرلىرى بۈگۈن بايرىمىڭكەن، ماڭە مەن سېنى مېھمان قىلاي، دىسە، سىلەرنىڭ نەرىڭلار ئاغرىپ قالدىكىن.
ئاياللار بايرىمىنى ئۆتكۈزىمىز، رىستۇراندا، دىبادا ئۆتكۈزمىسەكمۇ، تاماق يىيىشىپ، جەم بولۇپ، كۆرۈشۈپ ، ھال-ئەھۋال سورىشىپ ئۆتكۈزىمىز.
.......
مەن تاراتىنىڭ گىپىگە قوشۇلىمەن .
تۇۋەندىكى قۇرلارغا نەزەر سېلىڭ:
«8 -مارت» ئاياللار بايرىمى خەلقئارالىق ئاياللار بايرىمى بولۇپ، دۇنيا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك،تىنچلىق ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنى. بىر ئەسىردىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەر خانىم-قىزلىرى بۇ ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن جەۋىر-جاپا ۋە تىرىشچانلىقلارنى سىڭدۈردى.
1857 -يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىدىكى كىيىم-كېچەك ۋە توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدىكى ئايال ئىشچىلار نامايىش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 12 سائەتلىك خىزمەت تۈزىمىگە ۋە ناچار خىزمەت شارائىتى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ،لېكىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان.
1908-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 1500دىن ئارتۇق ئايال ئىشچىلار نيۇيورك شەھىرىدە نامايىش قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى قىسقارتىش، مائاشىنى ئۆستۈرۈش، بالا ئىشچىلارنى ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسىنى قاتتىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شوئارى بولسا «بولكا ۋە ئەتىرگۈل» بولۇپ، بولكا ئىقتىسادىي كاپالەتكە، ئەتىرگۈل تۇرمۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
شۇ يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا جەمىيەت پارتىيىسى 2-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنىنى «دۆلەت ئىچى ئاياللار بايرىمى» قىلىپ بەلگىلىگەن.
1910 -يىلى گىرمانىيىلىك جەمئىيەتشۇناس CLARA ZETKIN ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىچى بايرىمىنى «خەلقئارالىق ئاياللار بايرىمى» قىلىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ كوپىنھاگىندا ئېچىلغان خەلقئارالىق ئاياللار جەمئىيەتشۇناسلىقى يىغىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. لېكىن ئېنىق كۈنى بېكىتىلمەيدۇ. 1917-يىلى روسىيە ئاياللىرىمۇ نامايىش قىلىپ «بولكا ۋە تىنچلىق» شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا تۆۋەن مائاش ۋە ناچار خىزمەت شارائىت ئۈستىدىن قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن. كېيىن ياۋروپادا كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىپ 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى ئاياللار ئازاتلىق، تىنچلىق، باراۋەرلىك بايرىمى قىلىپ بەلگىلىگەن.
1924 -يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تۇنجى قېتىملىق ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىگەن خاتىرە يىغىنىنى ئاچقان.
1949 -يىلى دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى قارار قىلىپ 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى ئاياللار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈندە مەملىكىتىمىزدىكى ئاياللار يېرىم كۈن ئېلىشقا، ھەرخىل خاتىرە پائالىيەتلىرى قىلىشقا قارار قىلىنغان.
1977 -يىلى 12-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە تىنچلىق كۈنىنى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى قىلپ بېكىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىنى بېكىتكەن.
يۇقۇرقىلاردىن سىرىت،بۇ يىلقى مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى سىياسىي كېڭەشنىڭ 10-نۆۋەتلىك 5-يىغىنىدا ‹8-مارت›ئاياللار بايرىمنىڭ نامىنى ‹8-مارت› خانىم قىزلار بايرىمى قىلىپ ئوزگەرتىشكە سۇنۇلغان.بەلكىم 2008-يىلىدىن باشلاپ ئەمىللىشىپ بولدى.
شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ ئۇيغۇر-قىز ئاياللىرىمىزنىڭ ھەقىقى بايرىمى.مەن چىن قەلبىمدىن كەڭ دوستلارنىڭ بايرىمنى تەبرىكلەيمەن!!! بۇگۇن ئانىغىمۇ،قىزغىمۇ،كېلىنگىمۇ بايرام.تۇنجى بولۇپ مېھرىۋان ئانىمىزغا گۈل ئېلىپ سوۋغا قىلىشنى ئۇنۇتمايلى!دوستلارغىمۇ كۆڭۈل سوۋغىمىزنى سۇنايلى! يىتىم -يىسىر،يالغۇز ئانىلارغىمۇ چىن قەلبىمىزدىن بايرام تەنتەنىسىنى .كۆڭۈل شادلىغىنى سۇنايلى! كۆڭۈللەر شاتلانسۇن،قەلبىمىز نۇرلانسۇن!!!
بىز ئەرلەر، قەدىمقى غەيۇر ئەجداتلىرىمىزغا ئوخشاش تۇلپار ئۈستىدە قامچا ئوينىتىشنى، ئاياللار ئۈستىدە قامچا ئوينىتىشقا، كىيىك ۋە ماراللارغا بەتلىگەن ئوقيانى، نارىسىدە قىزلىرىمىزغا، ياۋلارغا شىردەك ھۆكىرىشىمز، مەزلۇمەلەرگە ھۆركىرەشكە، ياۋلارنىڭ كارنىيىدىكى قەھىرلىك قولىمىز،ئاياللارنىڭ بوينىدىكى زەھەرلىك قولغا ئۆزگەردى. مەن بارلىق ئەرلەر نامىدىن، ئۇيغۇرئاياللىرى ۋە بالىلىرىغا مەڭگۈلۈك ئاسايىشلىق يارتىپ بىرەلمىگىنىمىزگە ئۆكۈنىمەن...
ئاياللار...!!! سىلەر يەنىلا سەۋىرلىك ئىنسان، سىلەر ئەرلەرنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھامىسى... .
ئاياللار دۇنياسىغا چاخچاق:
ئەگەر ئەرلەرنىڭ گېلىدا تۇرۇپ قالغان بىر تال بۇغداي، سىلەرنىڭكىدىمۇ تۇرۇپ قالغان بولسا ئىدى، ھەممىڭلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى، تارىخى شەخىس تۇمارىسقىلا ئوخشاپ قېلىپ، ئاياللار ھاۋادا، ئەرلەر پەگادا.....
تارىختىكى ئۇيغۇر(ھون) ئاياللىرى روھىغا :
<< ئەرتۇڭا >> ئۇدۇمسىز ، ئۆچەكلەر قۇرۇق ،
ھامىلىق قامچامنىڭ دەستىسى سۇنۇق .
ئەر - ئوغۇل << ئوردۇس>>سىز ،ئاياللار رەڭسىز ،
بولمىغان شىمالدا گىرىم ، لەۋسۇرۇخ .
بۈگۈنكى ئاياللار بايرىمىغا :
ئانامنى ھەجگە مىڭ يۈدۈپ بارغۇم بار ،
جۈپتۈمنى بىر ئۆمۈر كۈتۈپ قانغۇم بار .
كەلگۈسى ئەۋلاتنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ،
قىزىمنى تەربىيەلەپ سەپكە قاتقۇم بار.
|
ئاياللار
چىۋەر ئىشچان خانىم-قىز نامى ئۇلۇغ ئاياللار ،
پەرزەنت ئۇچۇن ھەر قاچان تىنىم تاپماس ئاياللار .
ئەرلىرىگە بەك سادىق مېھرى ئوتلۇق ئاياللار ،
خىزمىتىدە شان-شەرەپ تۆھپە قوشقان ئاياللار .
جاپا نىمە، ئىش نىمە ، ئاياللارغا ھىچ نىمە ! ؟
مال-دۇنياغا كۆزى توق لازىم ئەمەستۇر ھىچ نىمە ؟
ئېتىز-ئىرىق بېشىدا زاۋۇت، مەكتەپ ھەر نىمە ؟
پەرزەنتلىرى كويىدا جاپا چەككەن ئاياللار .
ئىناق-ئىجىل ئۆتىمىز ،بۇ دۇنيادىن كېتىمىز ،
جاھان بىزگە تۆت كۇنلۇك پارلاق بىزنىڭ ئەتىمىز .
زەپ چىرايلىق بۇ دۇنيا ئەرلەر بولغاچ كەپىڭىز ،
شاد-خوراملىق ئېچىدە خۇشال ئۆتكەن ئاياللار .
قۇتلۇقلايمىز سىزلەرنى نامى ئۇلۇغ ئاياللار ،
شان-شەرەپلەر بىر ئۆمۈر ھەمرا بولسۇن ئاياللار .
<< مارت >> بايرىمى مۇبارەك بىزدىن سىزگە قۇت سالام ،
سىزلەر بولماس بۇ دۇنيا ئەي سۆيۈملۇك ئاياللار
مەنبە:باشلىنىش بىلوگ |
|