- تىزىملاتقان
- 2011-11-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6219
- نادىر
- 0
- يازما
- 228
ئۆسۈش
  24.38%
|
مۇھەممەت نىجاد شاشماس بىلەن 150 ئۇيغۇر ساياھەتچىلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىش خاتىرىسى
شىنجاڭ چەتئەل خەلقئارا ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئوتتۇرا شەرىق ساياھەت مەركىزى بۆلۈم باش دېرىكتورى،ئۈرۈمچى رومانتىك خەلقئارا ساياھەت ھەسسىدارلىق شىركىتى باش لىدىرى راھىلە تۇرسۇن خانىمنىڭ ئالاقىلىشىشى بىلەن 2011- يىلى 12- ئايدا تۈركىيەدكى MTR ساياھەت شىركىتىگە بۇ پىلانلارنى قويغان.
- يىلى 1 - ئاينىڭ 23- كۈنى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش بولۇپ ،ئەسقەر رېقىپ ،ئابلىز ئابدۇرېشىتلار شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بولغان.
2012- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى يەنە بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش بولۇپ، بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيتىگە ئاتاقلىق رېژىسور سەنئەتكارلاردىن مۇختار بۇغرا،ئابلىز ئابدۇرېشىت،جۈرئەت ۋاھىت،مەمەتجان سەمەت، ئۆمەر قادىر،مۆمىنجان ئابلىكىم ،شىرئەلى ئەلتېكىن ،مۇھەممەت تۇرسۇن بارات،رەنا روزى،خۇرشىدە،مۇنىسە قاتارلىق 150 دىن ئارتۇق ساياھەتچىلار بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى .
شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ۋە تۈركىيە مەدەنىيتىنىڭ يەنە بىر بالداق ئىلرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن يەنە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە بېرىش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
بۇ پائالىيەتتە ھەرقايسى سەنئەتكارلار ئۆز ماھارەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەدەبىيات سەنئىتىنى ،ۋە مەدەنىيەتلىرىنى يارقىن شەكىللەر ئارقىلىق نامايەن قىلدى ھەم كۆڭۈل ئىزھارلىرىنى ئىپادىلىدى.
مۇھەممەت نىجاد شاشماس، مۇستافا ئەپەندىملەر ئۇيغۇر ياشلىردىن كىنو-تىلۋىزىيە،رىژسسور،ئاپتۇر ،مونتاژ،ئوپىراتۇر ،ئاكتىيور،كومپازىتور قاتارلىق ساھەلەردە تەربىيلەشتە ئمكان بار بىز ئۇستىمىزگە ئالىمىز دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
پائالىيەت داۋامىدا مۇھەممەت نىجاد شاشماس ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرىنى ،مۇختار بۇغرا ئەپەندىم ئىستانبول ناملىق شېئىرنى دېكلىماتسىيە قىلدى.
ئۈرۈمچى رومانتىك ساياھەت مەركىزى
2012 -يىلى 7- ئاينىڭ 26 - كۈنى |
|