- تىزىملاتقان
- 2012-7-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1990
- نادىر
- 0
- يازما
- 80
ئۆسۈش
  99%
|
مېنىڭ پىكىرىم:
ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىك كىتابىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەپتىدىكى دەرىس سائىتىنى كۆپەيتىش ۋە بارلىق ئۇيغۇر تىلى ئۆگۈنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، قىممىتىنى، زۆزۈرلىكىنى ئېنىق تونۇتۇش بىلەن بىرگە ھەر بىر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىكى بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى ۋە مەجىبورىيىتى بارلىقىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك .
ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كەلسەك ، قەدىمكى زامان، يېقىنقى زامان، ھاززىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى مۇھىم ۋەقەلىكلەر، داڭلىق شەخسلەر، ئۇلار ياشىغان ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئۇلارنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرى، ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى، قىممىتىنى تولۇق تونۇتۇش بىلەن بىرگە دۇنيادىكى باشقا ئەللەرنىڭ، دۆلەتتىكى باشقا مىللەتلەتنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى نەمۇنىلەردىن خەۋەردار قىلىش تولىمۇ زۆزۈر. ئوقۇغۇچىلار ئەجدادلىرىنىڭ كىملىكىنى، قانداق ياشىغانلىقىنى، دۇنيا مەدەنىيىتىگە قانداق تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىراپلىرىنى تولۇق تونۇتۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدىن سۆيۈنىدىغان،ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنىمۇ چۈشىنىدىغان، باشقىلارنىمۇ قەدىرلەيدىغان، كەلگۈسىگە ئۈمۈدۋار ۋارىسلارنى تەربىيلەپ قالدۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا. |
|