20 ياشلىق ئەرلەر مودا قوغلاشسا ،30 ياشلىق ئەرلەر ۋاقىت قوغلىشىدىكەن؛
20 ياشلىق ئەرلەرئەتىگىنى ئورنىدىن قوپالمىسا ،30 ياشلىق ئەرلەر ئاخشىمى ئۇخلىيالمايدىكەن؛
20ياشلىق ئەرلەر ھەمىشە قول سائىتىنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالسا ،30ياشلىق ئەرلەر ساقىلىنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن؛
20ياشلىق ئەرلەر "ئىناق ئائىلەم بولسا " دەپ ناخشا ئېيتسا ،30ياشلىق ئەرلەر "سىرتقى ئالەم نىمىدىگەن گۈزەل "دەپ ناخشا ئېيتىدىكەن ؛
20ياشلىق ئەرلەر ئاياللارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئەسىر چۈشۈپ قالسا ،30ياشلىق ئەرلەرئاياللارنىڭ نوغۇچتەك غادىيىشى ئالدىدا تەسلەم بولىدىكەن؛
20ياشلىق ئەرلەر مۇھابىتىنى دەپ ئۆز ئىشلىرىدىن ۋاز كەچسە ،30ياشلىق ئەرلەر ئۆز خىزمىتىنى دەپ مۇھەببىتىدىن ۋاز كىچىدىكەن؛
20ياشلىق ئەرلەر بىر قېتىمدىلاھاراقنى كۆپ ئىچىپ مەس بولۇشتىن قورۇقمىسا ،30ياشلىق ئەرلەر قاتتىق مەس بولۇپ كېلىشتىن قورقىدىكەن؛
20ياشلىق ئەرلەرئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىر .از ئوينىۋېلىشنى خالىسا 30ياشلىق ئەرلەر ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىر ئاز دەم ئېلىۋېلىشنى خالايدىكەن؛
20ياشلىق ئەرلەرئاچچىقلانغاندابىر ئاز كۆز يېشى قىلىۋېلىشنى ياخشى كۆرسە،30ياشلىق ئەرلەر بىر ئورام تاماكا چېكىۋېلىشنى ياخش كۆرىدىكەن؛
20ياشلىق ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ بىرەر كىشىلىك خىزمەت ئورنىغا ئىگەبولالىغانلىقىغا شۈكرى دىسە، 30ياشلىق ئەرلەر ئۆز قابىلىيىتىمنى ئىشقا سالىدىغان يىتەرلىك ئىمكانىيىتىم يوق دەپ ۋايسايدىكەن.
مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى |