- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4245
- نادىر
- 0
- يازما
- 151
ئۆسۈش
74.83%
|
بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى سىرىتلاردا قانداق جان تىكىپ ئىشلەيدىغانلىغىنى ئايالىغا بىر كۇرسۇتۇپ قويغۇسى كەپتۇ :
_ ئاھ خۇدا ! ھەر كۇنى سىرىتتا 8 سائەت ئىشلەيمەن ، بىرق ئايالىم ئۆيدە ئولتۇرۇپ ، قانچىلىك جاپالىق ئىشلەيدىغانلىغىمنى ئەسلا بىلمەيدۇ ،شۇڭا ئايالىم ئىككىمىزنى بىر كۇن ئالماشتۇرۇپ قۇيغان بولساڭ ، _دەپ خۇدادىن تىلىگەن ئىكەن ، خۇدا ئۇنىڭ تەلىپىنى ئىجابەت قىپتۇ .
2-كۇنى ئەتىگەندە ئويغۇنۇپ ئۆزىنىڭ ئايال كىشىگە ئۆزگەرگەنلىگىنى بىلىپ ، دەرھال ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىشنى باشلىۋېتىپتۇ . ناشتىلىق تەييارلاپ ، بالىلىرىنى ئويغۇتۇپ ناشتا قىلدۇرۇپتۇ ، كىيىملىرىنى كەيدۇرۇپ ، چۇشلۇك تامىقىنىمۇ تەييارلاپ ، سومكىلىرىغا قاچىلاپ ، ئاندىن ماشىنىسى بىلەن مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيۇپ ، ئۆيگە قايتىپ ، قۇرۇق يۇغۇزىدىغان كىيىملەرنى ئېلىپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا يۇيۇشقا بېرىپتۇ ، قايتىپ كېلىش يۇلىدا بانكىغا كىرىپ پۇل ئېلىپ ، تاللا بازاردىن كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ، ئۆيگە ئاپىرىپتۇ . كۇندىلىك ھېسابات دەپتىرىگە بۇ كۇندىكى چىقىمنى خاتىرلەپتۇ .
ئۇ ئالدىراپ يۇرۇپ مۇشۇك ئۇخلايدىغان ساندۇقنى تازىلاپ ، ئۆيدە بېقىۋاتقان پىستىنى يۇيۇندۇرۇپ قارىسا چۇشتىن كىيىن سائەت بىر بۇلغان ، ئۇ يەنە ئالدىراپ كارۋاتلارنى رەتلەپ ، كىر كىيىملەرنى يۇيۇپ ، يەرگە سېلىنغان گېلەملەرنى چاڭ - توزاڭ سۇمۇرگۇچ بىلەن تازىلاپ ، ئاشخانا ئۆينىڭ پولىنى سۇرتۇپ بۇلۇپ ، ئۇچقاندەك بېرىپ بالىلىرىنى مەكتەپتىن ئېلىپ ، ئۆيگە قايىتقاچ ، بالىلىرى بىلەن بىر مەيدان قىززىق مۇنازىرە قىلىشىپتۇ . ئۆيگە كىرىپلا تەييارلاپ قۇيغان پىچىنە بىلەن سۇتنىبالىلىرىغا بېرىپ ، ئۇلارنى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئالدىرىتىپتۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن يۇيۇلۇپ بۇلۇنغان كىيىملەرگە دەزمال سالغاچ تېلىۋۇزور كۆرۇپتۇ .
سائەت4:30 دا ئۇ سەيلەرنى يۇيۇپ ، كۆكتاتتىن سالات تەييارلاپتۇ ، كالا گۆشىدىن سوغۇق سەي قىپتۇ ، پۇرچاق ئۈندۇرمىسىنى قورۇپ ، كەچلىك تاماقنى تەييارلاپتۇ . كەچلىك تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ يەنە ئاشخانىنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش بوپتۇ. قۇرىغان ، دەزمال سالغان كىيىملەرنى قاتلاپ جايىغا سېلىپتۇ ۋە بالىلىرىنى يۇيۇندۇرۇپ ، كارۋاتلىرىغا چىقىرىپ ئۇخلىتىپتۇ .
كەچ سائەت 9:00 بولغاندا ئۇنىڭ زادىلا چىدىغۇچىلىكى قالماپتۇ ، لىكىن بىر كۇنلۇك خىزمىتى تېخى ئاىىرلاشماپتۇ . ئۇ كارۋاتقا چىقىپ سوزۇلۇپ يېتىپتۇ بىراق بۇھەقتە زارلىنىشقابولمايدىغانلىغىنى كۆڭلىدە ئوبدان بىلىدىكەن .
2- كۇنى ئەتىگەندە ، ئۇ كارۋات يېنىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ : _ ئاھ خۇدا ! ئۆزۇمنىڭ قانداق بۇلۇپ ئايالىمنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشىغا ھەسەت قىلغۇدەك ھالغا چۇشۇپ قالغىنىمنى بىلەلمىدىم ، سەندىن ئۆتۇنەيكى ، ئايالىم ئىككىمىزنى ئەسلىمىزگە كەلتۇرۇپ قۇيغان بولساڭ ! _ دەپ خۇداغا ئىلتىجا قىپتۇ .
_ بالام ، ھەقىقىتەن كۆپ جاپا چەكتىڭ ، شۇ تاپتا خۇشاللىق بىلەن ئىككىڭلارنى ئەسلىڭلارغا قايتۇرغۇم بار . بىراق....يەنە 9 ئاي كۈتۈشىڭگە توغرا كىلىدۇ ، چۇنكى ئاخشام بۇيۇڭدا قالدى ، _ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ خۇدا .
(تەرجىمە ئەسەر) |
|