- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6332
- نادىر
- 0
- يازما
- 243
ئۆسۈش
  26.64%
|
رامزان، رامزان،
يېتىپ كەلدى رامزان.
يېتىپ كەلسە رامزان،
قورساق تويار بەك ئاسان.
روزىنىڭ ئۇنى،
خەيرلىك كۈنى.
روزىنىڭ زاكاتىنى،
ئايرىڭ قېنى؟
ئاق توخۇ، ئاپئاق توخۇ،
قونداقتىمۇ؟
بىزگە بېرىدىغان نانلىرى،
ساندۇقتىمۇ؟
ئېيتىپ كەلدۇق رامزان،
توخۇلىدىن،زاۋىدىن.
بىزگە قويغان گۆشناننى،
ئېلىپ بېرىڭ تاۋىدىن.
تۇڭلۇكىدىن قارىسام،
ئاي كۆرۈنەر.
ھەممە ئۆيدىن مۇشۇ ئۆي،
باي كۆرۈنەر.
بەرسىلە پات بەرسىلە،
قوي،قوزا،ئات بەرسىلە؟
ئۆيىڭىزنىڭ كەينىدە،
تاينىڭ ئىزى
ناننى خىللاپ ئېپ چىقىڭ،
باينىڭ قىزى.
ئېيتىپ كەلدۇق رامزان،
بېرىڭ گۈلە، ياڭاقتىن.
ياڭىقىڭىز بولمىسا،
شىرنە قويۇڭ قاپاقتىن.
ئۇلۇغ كۈندە <<رامزان>>دەپ،
كۈلۈشەيلى.
بۇ دوقمۇشتا ھەر كۈنى كەچ،
كۆرۈشەيلى.
تاپقان ياڭاق،گۈلە،قاقنى،
دۆۋىلەيلى.
بىر سىقىمدىن ھەممىمىز تەڭ،
ئۈلۈشەيلى.
بالىلار <<رامزان>>دەپ،
بەك خۇش بولدى.
يېيىش ھەر كۈنلۈكى،
نان، گۆش بولدى.
يوق دېمەي زاكات بېرىڭ،
بۇ رامزان.
گۆش، گۈلە، ناۋات بېرىڭ،
بۇ رامزان.
ئۆيىڭىزنىڭ ئارقىسى
كەڭ يېرىلىڭ، كەڭ يېرىلىڭ.
بىزگە بەرگەن نانلىرى
بەك مەززىلىك،بەك مەززىلىك.
ئاۋۇ ئۆيگە بورا سالدۇق،
ماۋۇ ئۆيگە جەيناماز.
گۈلجەمىلەم تاشلىماستىن،
ئوقۇدى بەش ۋاق ناماز.
ئۇلۇغ كۈن بۇ رامزان،
كۆرۈشەيلى قوش قوللاپ.
بىزگە بەرسەڭ مىسقاللاپ،
خۇدا بېرەر پاتماللاپ.
رامزاندا نېمە يەيمىز،
بوز ئالا قوي، بوز ئالا قوي،
كاللىسىنى ئۆزۈڭ يەپ،
پاچىقىنى بىزگە قوي.
گەپلىرى تۇزلۇق خېنىم،
يۈزلىرى مۇزلۇق خېنىم.
رەتلىگۈچى:جاسارەت قاسىم
(خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدىن)
مەنبە:مىراس ژۇرنىلىدىن |
|