- تىزىملاتقان
- 2012-3-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2034
- نادىر
- 0
- يازما
- 394
ئۆسۈش
  1.13%
|
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىن رىياسەتچىسى يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋەكىللەر يىغىن قارالمىسىنى چۆرىدەپ كەڭ-كۇشادە سۆز قىلدى. يۈ جېڭشېڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى پۈتۈنلەي قۇۋۋەتلىدى. يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەرەققىيات-شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەركىزىي ھالقىسى، مەن شىنجاڭنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچى ۋە بىر قەدەر يۇقىرى ئەۋزەللىكنى ئۆستۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ئىللىقلىق، ئىززەت-ھۆرمەت، بەخت ۋە ئۈمىدگە ئىگە قىلىش؛ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش باش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇملۇقنىڭ داۋاملىق مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. |
|