- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3093
- نادىر
- 0
- يازما
- 161
ئۆسۈش
  36.43%
|
مەن تېخى ئۇ لۈكچەك چېقىلالمىغان جەمەتنىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىنمۇ يامان لۈكچەك ئوخشايدۇ دېسەم، ئەسلى گەپ مۇنداقكەندە...ئاتا-بوۋىلىرىمىز «بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يېڭەر، بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى يېڭەر» دەپ بىكار ئېيتمىغان. مۇشۇ ھېكايىنىڭ ئۆزى يەنە مېنىڭ خىيالىمدىكى بەزى بىر تىنىپ قالغان ئاچچىقلارنى چالغۇتۇپ قويدى: بۇرۇنقى جەمئىيەت بولسىغۇ بوپتۇ، ئەلھۆكمۇلىللا، مۇشۇ زامانىمىزدا، كۆز ئالدىمىزدا بالىلارنى، بولۇپمۇ قىز بالىلارنى ئوقۇتمايدىغان، ئاتالمىش«نامەھرەم» دېگەننى باھانە قىلىپ توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى (ھېلىمۇ مەجبۇرىي بوپقاپتىكەن) تۈگىتە-تۈگەتمەيلا ئەرگە بېرىۋەتكىلى ئاران تۇرىدىغان ئاتالمىش«تەقۋا» موللىلىرىمىز يېتىپ ئاشقۇچە تۇرۇپتۇ. ئەجەبا ئاشۇلار، ئاغزىدىن ئاللاھ بىلەن رەسۇلىللاھنى چۈشۈرمەيدىغان، بىتاھارەت يەر دەسسىمەيدىغان ئەشۇ كىشىلەر ياراتقۇچىنىڭ ئىنساننى ئەركەك، چىشى دەپ ئايرىماي ئىلىم ئېلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى، ئىسلامنىڭ مۇقەددەس كىتابى، ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ «ئوقۇ!» دەپ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلىشمەمدىكىن!!!!! شۇ موللىلار ئۆزلىرىنى «ھەق يولدا يۈرگۈچىلەر» دېيىشىدۇ، «قۇرئان كەرىم» دە ئېيتىلىشىچە، ئاللاھ ھەقنى كۆرمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلەيدۇ. ئەجەبا «ھەق يول» دىكى شۇ موللىلارنىڭ «ئىلىم تەلەپ قىلىش» تىن ئىبارەت ھەقتەئالا بۇيرۇغان شۇ يولنى كۆرىدىغان كۆزىنى، ھېس قىلىدىغان دىللىرىنى ئاللا پېچەتلىۋەتكەن بولسا ھە؟!؟!؟!؟!؟! |
|