- تىزىملاتقان
- 2011-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10321
- نادىر
- 1
- يازما
- 501
ئۆسۈش
  0.8%
|
بۇ قەھرىمانلارنىڭ ياۋرۇپا جەڭ مەيدانلىرىدا، شەرقى شىمالدا كىم ئۈچۈن قان ئاققۇزۇپ، نېمە ئۈچۈن قۇربان بولغانلىقى، ئاخىرىدا قەھرىمان ياكى ئىنقىلابى قۇربان دېگەن نامغىمۇ ئېرىشەلمەسلىكى، ھەتتا ئەڭ ئەقەللى بولغان ئىسمىنىڭ بىر يەردە قەيت قىلىنماسلىقى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. ئالدىنقى سەپكە بېرىپ جەڭ قىلغان نۇرغۇن ئۇيغۇر قەھرىمان جەڭچىلەرنىڭ باشقا مىللەت تەركىبىگە قوشۇلىۋىتىلىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئۆرتەيدۇ. پانپىلوۋ دىۋىزىيىسى ھەققىدە ئاڭلىغان ، لىكىن بۇ دىۋىزىيىنىڭ ئاساسەن يەركەنت (پانپىلوۋ) رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەنلىكىنى ئاڭلىماپتىكەنمان. نەبىجاننىڭ «موسكىۋا خىياللىرى» دېگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى ھەققىدە مەزمۇنلار بولىدىغان. ئۇنىڭدا ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر جەڭچىسىنىڭ دۈمبىسىگە ئاپتۇماتى بىلەن ئۇيغۇر راۋابىنى ئېسىپ بىرلىنغىچە جەڭ قىلىپ بارغانلىقىدەك تەسىرلىك مەزمۇن بولىدىغان. شۇ چاغدا مۇشۇ يەرلەرنى ئوقۇۋىتىپ كۆزلىرىمگە ياش كەلگەن. قەشقەرلىق ئىلى ياقۇپ مۇئەللىمغۇ دەيمەن، بۇ ئىككى جەڭچىنىڭ بىرلىندا باش مىنىستىر مەھكىمىسى ئالدىدا راۋاپنى دۈمبىسىگە ئېسىپ جەڭ قىلىۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ماي بوياق رەسىمنى سىزغان،«شىنجاڭ مادەنىيىتى» ژورنىلى بۇ رەسىمنى «موسكىۋا خىياللىرى»نىڭ ماۋزۇ سۈرىتى قىلىپ باسقان.
نەبىجان سالامەت بولسىلا نۇرغۇن تارىخى سىرلارنى بىلەلەيمىز. |
|