سالام دادا
رىسالەت مەردان
دادا، مەن قاراڭغۇلۇقتىن سېنىڭ چاقىرغان ئاۋازىڭنى ئاڭلىدىم
سۆڭەكلىرى چىقىپ قالاي دىگەن ئورۇق قوللىرىڭنى ئۇزاتتىڭ
مەن تۇتىۋالماقچى ئىدىم
ئەپسوس، مەن يىراقتا بوپ قالدىم
چاپىنىڭنىڭ يانچۇقىدىن موخۇركا چىقىرىپ ئۇنى ئورىدىڭ
مىڭ يىللىق ھەسرىتىڭدە ئۇنى تۇتاشتۇرۇپ چەكتىڭ
سەن تىككەن ياڭاقلار ئىغاڭلاۋاتاتتى
سەن ئۆستۈرگەن زىرائەتلەرنى بىرى چەيلىۋەتتى
سېنىڭ يۈزۈڭگە قورۇق چۈشۈپتۇ،
چىرايىڭنى ۋاقىت ئاقارتىۋەتتى
ياق بىز ئۈچ بالا ئاقارتىۋەتتۇق
بىز ئۈچەيلەن سېنىڭ يانچۇقۇڭدا ئىلەڭگۈچ ئۇچاتتۇق
مەن يىراققا كەتتىم
قالغان ئىككىسى يەنە سېنىڭ يانچۇقۇڭدىن چىقىپ بولالمىدى
موخۇركا ئىسىدا قارىيىدۇ ۋاقىتنىڭ يۈزى
ئاسمان پەسكە چۈشىۋاتقاندەك
زىمىن كۆيىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ ماڭا
مەن يىغلىدىم يىراقتا سېنىڭ ئۈچۈن كۆز ياشلىرىمدا پۇشايمان دانىسى
لېكىن ئۇنى سىغدۇرغىلى قاچا يوق
-ھېچقىسى يوق، سەن بەخىتلىك بولساڭلا مەن خاتىرجەم بولىمەن
تاماكاڭنى چىكىپ بولۇپ يەنە دەس تۇردۇڭ قارىغايلاردەك
قولۇڭدىكى كەتمەن سېنىڭ ھاياتلىق مۇساپەڭ
سەن ئۇنى كۆتىرىپ
ئېتىزغا كەتتىڭ
سەن ئۇنى كۆتىرىپ
يىراقلاردىن يېنىپ كەلدىڭ.....
|