- تىزىملاتقان
- 2012-7-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 762
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
  52.4%
|
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى kanaatدە2012-07-25 19:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىفتار ۋاقتى كىرگەن بولۇش شەرتى ئاستىدا بالدۇر قىلىش ئاندىن ياخشى ،چۈنكى روزا تۇتۇش پەرز ،ئىپتار قىلىش سۈننەت ، شەرتىنى قويماي تۇرۇپ ،بالدۇرئىپتار قىلىش توغرىسىدا بىلجىرلىماسلىق كېرەك ،چۈنكى پەرز ھامان سۈننەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، سۈبھىدىن شامغىچە يېمەك ئىچمەكنى تەرك ئېتىش دېيىلگەن ،ھەرگىزمۇ شام ۋاقتى كەلگەن ھامان چۇقۇم يېيىش كېرەك دىيىلمىگەن ،شۇڭا گەپنى قىلغاندا شەرتىنى قۇشۇپ مۇكەممەل دېسەك دەيلى بولمىسا ،پىتنە تارقاتمايلى.
تىمىنى ياخشى ئوقۇمىغان ئوخشايسىز. مەن كۇن پېتىشتىن بۇرۇن ئىپتار قىلىڭلار دىمىدىم. پەقەتلا ھەدىستا دىيلىگەننى يەتكۇزدۇم. ئىپتار قىلىشنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھەدىس ئارقىلىق يەتكۇزدۇم.
رۇزا تۇتۇش قانداق بولسا ئىپتار قىلىشمۇ شۇنداق. يەنى رۇزا تۇتۇش پەرز ئىكەن ئىپتار قىلىشمۇ ئوخشاشلا پەرز. رۇزا بىر تەن بولسا ئپتار قىلىش،سوھۇرلۇق يىيىش...قاتارلىقلار شۇ تەننىڭ ئەزالىرى... بىر تەن ناكا ئەزا بىلەن مۇكەممەل تەن بۇلالمايدۇ. بىرەر ئەزاسى مۇكەممەل بولمىغان تەننى بىز پالەچ دەپ ئاتايمىز. رۇزىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا... ئىپتارنى كىچىكتۇرۇپ قىلسىڭىز رەسۇلۇللەنىڭ ھەدىسلىرىگە زىت ئىش قىلغان بۇلىسىز دە ئىپتاردىن ئىبارەت بۇ ئەزا ناكا ئەزا بۇلىدۇ. بۇ ئەزا ئۇرۇنلاشقان تەن بولسا پالەچ بۇلىدۇ. دىمەك رۇزا پالەچ بولدى دىگەن گەپ..خۇددى ناماز پەرز دىسەك شۇ نامازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىيامدا تۇرۇش،رۇكۇ قىلىش،سەجدە قىلىش....ھەممىسى پەرز. بۇرادەر سىز خاتا چۇشنىۋالغان ئوخشايسىز.
مىنىڭ يازغىنىم ھەرگىزمۇ پىتنە ئەمەس. روشەن دەلىللەر بىلەن يېزىلغان دىننىي بايانات.
ئەگەر مىنى پىتنە تارقاتتىڭىز دىسىڭىز بۇ گەپكە دەلىل سۈپىتىدە ئايەت ياكى ھەدىستىن دەلىل قۇيالىشىڭىز كىرەك. بولمىسا سىزنىڭ بۇ تىمىدىكى ئىنكاسىڭىزنى ئىتىبارسىز دىيىشكە ھەقلىقمەن.
ئىسىڭىزدا بولسۇن. رۇزا تۇتۇش كەڭ دائىردىن قىلىپ ئېيتقاندا سوھۇرلۇق يىيىش ۋە ئىپتار قىلىش بىلەنلا بۇلىدۇ. بۇنىغۇ رەت قىلمايدىغانسىز...
ئەگەر مۇنازىرە قىلىمەن دىسىڭىز دەلىل بىلەن گەپ قىلسىڭىز ئاللاھ خالىسا مۇنازىرىمىز پايدىلىق بولغۇسى. ئۇنداق بولماي يەنە ئۆز رەئيىڭىز بىلەن ئۇزىڭىزنىڭ پىكىرنى بازاغا سالسىڭىز مەن ئىتىبارسىز قارايمەن.
دىن نامىدىن سۆزلىگەن كىشى «مىنىڭچە» بىلەن ئەمەس« قۇرئانى كەرىم، ھەدىسى رەسۇلۇللە» بىلەن سۆزلىشى كىرەك. |
|