- تىزىملاتقان
- 2011-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 20
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  6.67%
|
خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھان نەتىجىسى تۈرلۈك ئىمتىھانلارغا قاتنىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئالدىنقى شەرت قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كەڭ دوستلارنىڭ ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ تىزىملىتىشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقاردۇق.
1. ئىمتىھان دەرىجىسى: ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجە
2. تىزىملىتىش شەرتلىرى:
1) ئىمتىھانغا قاتناشقۇچى ئۆزى كېلىپ تىزىملىتىشى ۋە ئېلكترونلۇق سۈرەتكە چۈشىشى لازىم.
2) ئىمتىھانغا قاتناشقۇچى كىملىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسى (ۋاقتى ئۆتمىگەن بولىشى لازىم) ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن 2 پارچە، يېقىندا يالاڭباش چۈشكەن 1 سۇڭلۇق رەڭلىك سۈرەتتىن 2 پارچە ئېلىپ كېلىشى لازىم. (نوپۇس دەپتىرى ۋە باشقا ئىسپاتلار بىردەك ئىناۋەتسىز)
3) تىزىملىتىش ھەققى: مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 40 يۈەن (كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ تامغىسى بېسىلىشى لازىم)، باشقىلار بىردەك 50 يۈەن تاپشۇرىدۇ. (يوقىرىقىلاردىن بىرسى كەم بولسا بىردەك تىزىمغا ئېلىنمايدۇ)
دىققەت: 2008- يىلدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 2 يىللىق قىلىپ بېكىتىلدى. نەتىجىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىمتىھان بەرگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
3. تىزىملاش ۋاقتى: 2011- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە (شەنبە، يەكشەنبە تىزىملانمايدۇ)
4. ئىمتىھان ۋاقتى: 2011- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى
5. تىزىملىتىش ئورنى: قومۇل شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاساسىي مائارىپ ئىشخانىسى (2- قەۋەتتە)
6. ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 2232377 |
|