- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12636
- نادىر
- 57
- يازما
- 150
ئۆسۈش
  6.59%
|
ھۆرمەتلىك قىرىندىشىمىز ئۇيغۇرزۇۋاننىڭ بىلدۈرگەن ھۆرمەت ۋە ياخشى تىلەكلىرىگە كۆپ تەشەككۈر!
ئىنىمىز "ئاچچىق"نىڭ ئملا ھەققىدىكى ئلتىجاسى قۇلىغىمدا. يىڭى بولغانلىغىم ئۈچۈن بەزى نەرسىلەرنى تورغا ئۆلچەملىك كىرگۈزەلمەيۋاتىمەن، شۇڭا ئۆزرە سورايمەن.
قىممەتلىك ئىنىم ئۇيغۇرزادىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئلھاملاندۇرىشى بىلەن مەزكۇر تورغا ئەزا بولۇپ كىردىم. راستىنى ئىيتقاندا بۇ تورنى ياخشى كۆردۈم. يازمىلار سۈپەتلىك ھەم ئەلگە پايدىلىق!. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرزادە ئىنىمگە ۋە تور ساھىبلىرىگە سەمىمى ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇرزادە ئىنىم،سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سۈئاللىرىڭىزغا چوقۇم ياخشى جاۋاپ قايتۇرىمەن.
مىنى ھەيران قالدۇرغىنى- سىزنىڭ مۇستاپا مۇئەللىم ھەققىدىكى سۆزىڭىز...بىر ئەل سۆيەر ئەركەك مانا سىزدەك بولىدۇ، رەھمەت سىزگە!
مەرھۇم مۇستاپا مۇھەممەت - ئاتۇشنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدىن بولۇپ ھەم يازغۇچى ھەم مۇئارىپچى ئىدى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا دادامدىن مىنىڭ ئەھۋالىمنى سوراپ تۇراتتىكەنتۇق!. ياش كىتىپ قاپتۇ، جانابى ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي، ئامىن!
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش، ئەينى چاغدا مەندە تەسىرات قالدۇرغان ئادەملەرنى "ئۇلار ھازىر نەدىدۇ؟" دەپ ئويلاپ تۇرىمەن. |
|