- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18677
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
  21.69%
|
ئاشقازان ياللۇغى بارلار بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك
بىرىنجى ، ئوزۇقلىنىش تەرتىپىگە ئەھمىيەت بېرىپ ، ۋاقتى - ۋاقتىدا تاماقلىنىپ ، تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك .
ئىككىنجى ، غىدىقلىغۇچى ئىچىملىك ، يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم . مەسىلەن : ھاراق ، قەھۋە ، قېنىق چاي ، خام سامساق قاتارلىقلار . شۇنىڭ بىلەن بىرگە قاتتىق ، يۇمشاق ، ئاچچىق ، سوغۇق ، يىرىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشتە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك .
ئۈچىنجى ، تاماقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ، ئاقسىل مول بولۇشى كېرەك ، شۇنداقلا چۈچىمەل يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك .
تۆتىنجى ، ئەڭ ياخشىسى تاماكىنى تاشلىشى كېرەك .
بەشىنجى ، ئاشقازان ئاغرىغاندا ، بەلنى ئەركىن قويىۋېتىش ئارقىلىق قۇساققا چۈشىدىغان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش كېرەك . كېچىسى دائىم ئاشقازان ئاغرىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ ، ئاشقازان كىسلاتاسى تەتۈر كېلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ( مەيدە قايناش ) ، ياستۇقنى ئېگىزرەك قويۇپ يېتىش كېرەك .
( ماتېرىيالدىن ) |
|