- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2213
- نادىر
- 0
- يازما
- 117
ئۆسۈش
  20.37%
|
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى begirدە2012-07-09 00:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇ كۈنى ئىدارىمىزگە ئىككى ئادەم كىرىپ كەلدى . نىمە ئىش دەپ سورىسام ، قوللىرىدا بىر قەغەز تۇرۇپتۇ ، شۇنىڭغا تامغا باستۇرماقچىكەن ، ئۇلار ئەسلى كۇچار ناھىيەسىدىن كەلگەنلەر بولۇپ ، كورلىدا ئىشلەمچىلىك بىلەن شۇغۇنللىنىپ ، سەل ئۇزۇن تۇرۇپ قالىدىكەن ، شۇڭلاشقا قولىدىكى جەدۋەلگە چوقۇم تامغا باستۇرۇشى كېرەككەن . مەن پۇرلىشىپ كەتكەن ھېلىقى جەدۋەلگە قاراپ باقسام جەمىي يەتتە يېرىگە تامغا باستۇرۇش زۆرۈركەن . توۋا ! دەپ قالدىم . شىنجاڭلىق بىر ئۇيغۇر شىنجاڭ ئىچىدە تۇرۇپ يەتتە يەرگە تامغا باسقۇزۇپ يۈرسە ...
ئىچكىرىدىن كەلگەن يولداشلار بولسا ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ قويسىلا تۇرىلىۋەرسە ...ھەتتاكى يەرلىكلىشىپ قېلىۋەرسە ..
بۇ ئەمدى قەيەرنىڭ قانۇنى بولغىيتى ؟
دۇرۇس ، موقىملىق ھەممىدىن مۇھىم . لېكىن موقىملىقنى قوغداشنىڭمۇ يولى بولىدىغۇ ئەمدى ؟ كىرىپ چىقىشنى ئوبدانلا كونتىرول قىلسا ، كىملىك ، نوپۇس تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرسا بولىۋېرىدىغۇ ؟ يەنە قاراپ تۇرۇپ قايسى تۆشۈكنىڭ قايسى تۆشۈك ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمايدىغان ، بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە خەت ئۇقمايدىغان دېھقانلارنى ئاۋۇ يەرگە بېرىپ تامغا باسقۇز ، ماۋۇ يەرگە بېرىپ تامغا باسقۇز دەپ بېشىنى ئېلەشتۇرۇپ قويسا ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدە <كومپارتىيە ھازىر مۇشۇنداق ئوخشايدۇ> دىگەن كۆز قاراش شەكىللىنىپ قالمامدۇ ؟
جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە يېرىم ئەسىرنى ئۆتكۈزدۇق . كىيىمىمىز پۈتۈن ، قورساق توق ھالەت شەكىللەندى . نامرات ئائىلىلەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھىرمەن بولىۋاتىدۇ . يېڭى يېزا ھەمكارلىق داۋالاش تۈزۈلمىسى نۇرغۇنلىغان بىمارلارغا يار يۆلەك بولدى . دۆلەت يېزا باج - ھەق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ دېھقانچىلىق بېجىنى يوق قىلدى . مەجبۇرىي ئەمگەكنى نەزىرىيە جەھەتتىن يوق قىلدى(جەنۇپتا ھېلىھەم ھاشار باركەن) ...ياخشى سىياسەتلەر بەك نۇرغۇن بەك نۇرغۇن . لېكىنزە ، مۇشۇ ياخشى سىياسەتلەرنى ياخشى ئىجرا قىلمايۋاتقان ئاز سانلىق چىرىك ئەمەلدارلار كومپارتىيە شەنىگە داغ چۈشۈرىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ قىلمىش ئەتمىشى بىۋاستە موقىمسىزلىق ئامىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . |
|