- تىزىملاتقان
- 2011-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2782
- نادىر
- 0
- يازما
- 126
ئۆسۈش
  26.07%
|
يۇمۇر : ئاراڭلاردا مۇسۇلمان بارمۇ
بىر ئادەم قۇلىدا يۇغان بىر پىچاقنى تۇتقان پېتى مەسچىتكە كىرىپ :
_ ئاراڭلاردا مۇسۇلمان بارمۇ ؟ دەپتۇ .
قورقۇپ كەتكەن جامائەت گەپ قىلالماپتۇ ، بىردەمدىن كىيىن بىر مويسىپىت كىشى ؛
_ مەن مۇسۇلمان! دەپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ .
پىچاق تۇتقان ئادەم مويسىپىت كىشى بىلەن بىللە مەسچىتتىن چىقىپ ،سىرتتىكى بىر توپ كالىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ؛
_تاغا مۇشۇ ماللارنى قۇربانلىق قىلماقچى ئىدىم ، لېكىن دۇئا قىلىپ بۇغۇزلاشنى ئوبدان بىلىپ كەتمەيمەن ، ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز -،دەپتۇ .
مويسىپىت كىشى بىر قانچە كالىنى بۇغۇزلاپ بولغاندىن كىيىن ؛
_ مەن بەك ھېرىپ كەتتىم ، باشقا مۇسۇلمان تېپىپ كەلگىن_دەپتۇ .
ئۇ ئادەم بۇ قېتىم قۇلىدىكى قان يۇقى پىچاقنى تۇتقان پېتى مەسچىتكە يەنە كىرىپتۇ ۋە :
_ ئاراڭلاردا يەنە باشقا مۇسۇلمان بارمۇ -دەپتۇ .
بايىقى مويسىپىتنىڭ مۇشۇ كىشى تەرىپىدىن بۇغۇزلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان جامائەت قورقۇپ كىتىپ ھەممىسى تەڭلا ئىمامغا قاراپتۇ . ئىمام :
_ نىمىگە قارايسىلەر جامائەت ،ئىككى راكەت نامازنى باش بۇلۇپ ئوقۇتۇپ قويغىنىمغا مۇسۇلمان بۇلۇپ قالدىممۇ ئەمدى -،دەپتۇ |
|