- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18677
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
  21.69%
|
چاي تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە . بۇ خۇسۇسىيەتنى ئىگەللىۋالغاندا ، چاينى ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ .
بىرىنجى ، نەملىك سۈمۈرۈش خۇسۇسىيىتى . ئادەتتە چاينىڭ تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى %7 تىن %9 كىچە بولىدۇ . ناۋادا چاي تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى %10 تىن ئېشىپ كەتسە چاي كۆكىرىپ ، سۈپىتى ئۈزگىرىپ قالىدۇ .
ئىككىنجى ، كونىراش خۇسۇسىيىتى . چاي قانچە ئۇزاق ساقلانغانسىرى ، شۈنچە كونىراپ ، ئەسلىدىكى پۇرىقىنى يوقىتىپلا قالماستىن تەمىمۇ ئۆزگىرىپ قالىدۇ .
ئۈچىنجى ، غەيرى پۇراقلارنى سۈمۈرۈش خۇسۇسىيىتى . چاي تەركىبىدە غەيرى پۇراقلىق مالېكۇلىلارنى سۈمۈرەلەيدىغان بىر خىل ماددا بار ، ناۋادا چاي گىرىم بۇيۇملىرىغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن بىر يەرگە قويۇلۇپ قالسا ، تەمى ۋە سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ .
( ماتېرىيالدىن ) |
|