- تىزىملاتقان
- 2012-4-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1153
- نادىر
- 1
- يازما
- 40
ئۆسۈش
  15.3%
|
[align=justify] شىنجاڭ <<تاشئالما>> كوماندىسىنىڭ تەقدىر-ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنچىكە تېمىنى يوللاپ، ھەممىلا ئادەمنىڭ نەزەرىگە چۈشىۋەرمەيدىغان ھالقىلىق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىپسىز. سىزنىڭ <<تاشئالما>> توغرىسىدىكى تېما، مۇلاھىزىلىرىڭىزگە دىققەت قىلىۋاتىمەن . كۈزىتىش ئىقتىدارىڭىز قايىللىقىمنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتىدۇ. رەھمەت سىزگە! تېخىمۇ تىرىشىڭ. ئەمدىكى ئۈمىدىم: بۇ مەسىلە شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك! ئۇلار بۇنىڭغا قارىتا قانداق پوزىتسىيىدە بولىۋاتىدىكىن؟[align=justify] مېنىڭچە، كەسىپ ئەھلى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۇلار بۇ ئەھۋالدىن ئاللىقاچان خەۋەردار ھەم بۇ نوقتىدىكى قارىشى(نارازىلىقى)نى جوڭگو پوتبولچىلار جەمئىيىتىگە بىلدۈرۈپ بولدى. ئۇ_ <<كاتتا ئورۇن>> دىكى <<كاتتا>>لار قانداق چۈشەنچە بەردىكىن؟؟ بۇنى پۇتبول مەستانىلىرى ھەمدە شىنجاڭ <<تاشئالما>> كوماندىسىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىلىش ھوقوقىمىز بار، دەپ ئويلايمەن. |
|