- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2459
- نادىر
- 19
- يازما
- 96
ئۆسۈش
  100%
|
بەزى كىشىلەر بىر ئولتۇرۇپ ئىشىلەشكە باشلىسا نەچچە سائەتلەپ ئورنىدىن تۇرمايدۇ ھەتتا تاماق يېيىشىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇزۇن ئولتۇرۇش سالامەتلىككە ئىنىتايىن زىيانلىق بۇلۇپ ، ھەر خىل كېسەللىكىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئۇۇن ئولتۇرغاندا بەدەندىكى ئىنىرگىيىنىڭ خورىشى ئاستا بولغانلىقىتىن ، يۈرەكىنىڭ ھەركەت ئىقىتىدارى ئاجىزلاپ ، قان ئايلىنىش ئاستىلاپ ، قاننىڭ قىزىل قان تۇمۇرىدا يېغىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى ، تاجسىمان قىزىل قان تۇمۇرىدا قان نوكچىسى ھاسىل بۇلۇش قاتارلىق كېسەللىك ئامىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئۇزۇن ئولتۇرغاندا ۋېنا قان تۇمۇرىدىكى قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ ، توغرا ئۈچەي، مەقئەت يولى قاتارلىق جايلاردىكى ۋېنا قان تۇمۇرىنىڭ كېڭىيىشىنى ،قان تىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ۋېنا قان تۇمۇرىنىڭ كېڭىيىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ھەر خىل كېسەللكىلەركېلىپ چىقىدۇ . ئاياللار بۇ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىۋەرسە داس بوشلىقى ياللغۇغى ، قۇشۇمچە ئەزا ياللغۇغى قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكىلىرنى پەيدا قىلىدۇ
ئۇزۇن ئولتۇرغاندا ئادەم بەدىننىڭ قوبۇل قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە يېغىلىپ قېلىپ ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيىنىڭ يۈكىنى ئاشۇۋېتىدۇ . نەتىجىدە ئاسانلا 12بارماق ئۈچەي ياللغۇغى ، ئاشقازان ئۈچەي تېشىلىپ كېتىش ، ئاشقازان قاناش قاتارلىق ئاستا خاراكتىرلىك جاھىل كېسەللىكىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ |
|