- تىزىملاتقان
- 2011-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1407
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
40.7%
|
بۇ مەزمۇنyalghuzboraدە2012-06-17 16:39يوللىغان يازمىسى قەشقەر تىلىۋىزىيە ئىستانسغا ئوچۇق خەت :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەزىزانە قەشقەردىكى 3000000دىن ئارتۇقراق خەلىقنىڭ مەنۋى تۇرمۇشىنى بىيتىپ كىلۋاتقان تاغىلار ،ھەدىلەر ، ياخشىمۇسىلەر !!!
دەۋىر رىقابىتگە ئەگشىپ ئائىللەرگە تىلۋۇزۇر، تور قاتارلىق ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىلرى شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىردى ، باي -كەمبەغەل ھەممەيلەننىڭ ئۆيىدە شۇنداق جاھاننامە ئەينىكى بار ، پىقىرنىڭ ئۆيىدىمۇ شۇنداق جاھاننامە ئەينىكىدىنمۇ بىرسى بار ، بىراق ئاتا-ئانام ۋە باشقا ئاكا-ئۇكا ،ئاچا -سىڭىللەر بارچاغدا پەقەتلا كۆرگىلى بولمايدۇ. نىمىشقا ؟ ھىلىقى ماز ئىلاننىڭ كۆپلىكىدىن بولمامدۇ ؟خۇاكاڭ دوختۇرخانىسى ، چاڭجياڭ دوختۇرخانسى ، يىخى ئامبۇلاتۇرسىيى نىڭ ئەرلەر-ئاياللار بۆلىمىنىڭ مازئىلانلىرىدىن بولمامدۇ؟خۇاكاڭ دوختۇرخانىسى ، چاڭجياڭ دوختۇرخانسى ، يىخى ئامبۇلاتۇرسىيى نىڭ ئىلانلىرىنى بەرمىسەڭلار سىلەرگە پارتىيە مائاش بەرمەمدۇ؟ بولمامدۇ؟خۇاكاڭ دوختۇرخانىسى ، چاڭجياڭ دوختۇرخانسى ، يىخى ئامبۇلاتۇرسىيى تاقىلىپ قالسا سىلەر شاگاڭ بولۇپ كىتەرسلەرمۇ ؟كىسەللك ئىلانى ئوقۇيدىغان تاغىلار ، ھەدىلار ، سىلەر كەچتە بالىلىرىڭلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تىلۋۇزۇر كۆرۇپ ئۆزۇڭلار ئوقىغان جسنسى كىسەللىك ، مەزى بىزى ، بالياتقۇ ياللۇغى ،ئىھتىياتسىزلىقتىن بويىدا قىلىش، 3مىنۇتتلا سزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ ،دىگەندەك ھاياسىز ئىلانلارنى ئاڭلاشتىن خىجىل بولمامسز ؟ئەگەر بالىڭىز : دادا ، ،ئىھتىياتسىزلىقتىن بويىدا قىلىش دىگەن نىمە ؟مەنمۇ ئىھتىياتسىزلىتىن ئانامنىڭ بويدا قالغانمۇ دەپ سوراپ قالسا ، سىلەر نىمە دەپ جاۋاپ بىرىسلەر ؟ توغرا، سىلەرنڭ پەرزەنتىڭلەر مەدەنيەت نۇر چىچى پ تۇرغان شەھەردە تەربييە ئالغان ، ئۇ ئىشلارنى زاكىسدىلا بىلىدۇ ؟شۇنداقمۇ ؟ئازراق بولسمۇ نومۇس قىلىڭلار تاغىلار ، ھەدىلار ، !!!
ئەگەر شۇنداق ئىلانلارنىڭ بەرمىسەڭلار ، شۇنداق كىسەل بولغانلار باردىغان دوختۇرخانا تاپالماي تىلۋىزيە ئىستانسىغا قايسى دوختۇرخانىغا بىرىش توغرىسدا مەسلىھەت سوراپ بارار بولغىيمىتى؟
ئەسسالام مۇنبەرداشلار!
مەن بۇيازمىغا تۇنجى بۇلۇپ ئىنكار ئىنكاس يازىدىغان بولدۇم. مۇنبەرداشلارغا ناماقۇل!
ئۆز گىپىمگە كەلسەم، يازمىنىڭ يېزىلىش مۇدداسى توغرا بولسىمۇ، بۇ «ئۇچۇق خەت»نىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىدا خېلى مەسلە بار. بۇ شەخىسلەر ئارا يېزىلىدىغان، چەكلىك دائىرىدىكى كىشىلەر كۆرىدىغان خەت بولمىغاندىن كىيىن، مەقسەتنى ئىپادىلەپلا بولدى قىلماي، ئۇسۇل ۋە ئىشلەتكەن سۆز جۇملىلەرگىمۇ مۇۋاپىق دىققەت قىلىش لازىم. بۇلارغا دىققەت قىلمىساق يازما يوللاپ ئۇنىڭغا ئىنكاس يېزىپ قوسىقىمىزنى بۇشۇتۇش ياكى ئىچىمىزنى تېخىمۇ ئاچچىق قىلىشقا بىلەنلا كۈپايىلىنىش بولۇپ قالىدۇ، ئىجدىمائى ئۈنۈم يارىتىش تەس بولىدۇ. ئاندىن مۇشۇنداق جامائەت مەنپەئەتىگە مۇناسىبەتلىك يازمىلارغا ئىنكاس يازغاندا(بولسا باشقا يازمىلاردمۇ)، مۇنبەرداشلار چۇقۇم ئەستايىدىل بولساق، يارىماس سوز-جۇملىلەرنى ئىشلەتمىسەك، ئۇنداق بولمىغاندا ، بۇنداق ئىنكاسلار يازمىنى تۇلۇقلار ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرمايلا قالماستىن ئەكسىچە يازمىنىڭ ئىجدىمائى قىممىتىنى تېخىمۇ چۇشۇرىۋېتىدۇ. بۇندىن بۇرۇنقى بەزى ئۇچۇق خەتلىرىمىزمۇ مۇشۇ نوقساندىن خالى بولالمىدى، ھەتتا بەزىللىرى مۇشۇ سەۋەپتىن ئۈچۈرۈلدى. مىنى «نىمانچە كايىپ كىتىسەن ؟» دىسەڭلارمۇ مەيلى، مەن مۇشۇ يازمىدىن بىر قانچە ناباپ يەرلەرنى كۆرسىتەي(قايتا يېزىشقىمۇ قاتتىق نۇمۇس قىلىۋاتىمەن!)، مۇنبەرداشلار بىرلىكتە كۆرۇپ باقايلى:
1) «ماز ئېلان» دىكى ماز سۆزى گەرچە ئىش شۇنداق بولسىمۇ مۇنبەرگە ئۇيغۇن كىلەمدۇ؟! باشقا مۇۋاپىق سۆز يوقمۇ؟!
2) «توغرا، سىلەرنڭ پەرزەنتىڭلەر مەدەنيەت نۇر چىچىپ تۇرغان شەھەردە تەربييە ئالغان ، ئۇ ئىشلارنى زاكىسدىلا بىلىدۇ ؟شۇنداقمۇ ؟» دىگەن جۇملىدىكى «زاكىسدىلا بىلىدۇ ؟شۇنداقمۇ» دىگەن سوراق جۇملىدە شەھەردە چوڭ بولغان نۇرغۇن سەبىيلەرگە قىلىنغان ھاقارەت مەلۇم مىقداردا ئەكىس ئىتىپ تۇۇپتۇ. ئۇ سەبىيلەردە نىمە گۇنا؟ نىمە سەۋەپتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ «خاتالىقى» دىن شۇ شۇسەبىيلەرگە نىسبەت بېرىمىز؟
نىمە ئۈچۈن ئامىۋىي سورۇنلاردىمۇ ھىچ ئايانماي بەزەپ سۆزلەرنى خالىغانچە ئىشلىتىمىز؟ يا بىز ئاچچىقلانماي، ئۇدۇل، ئادەم تىللىمايدىغان سوز -جۇملىلەر بىلەن مەقسەتلىرىمىزنى ئۇقتۇرالمايدىغان بۇلۇپ قالدۇقمۇ؟! مەن خىېلى ھۆرمەت قىلىدىغان بەزى مۇنبەرداشلارمۇ ئۆز ئىنكاسىدا زورۇريەتسىز، بەزەپ سۆزلەرنى ئىشلىتىپتۇ(شۇلارنىڭ ھۆرمىتى، ھەم بەزەپ سوزلەرنى تەكرارلاش ھار كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ يۈرمۈدۈم.).
مۈنبەر باشقۇرغۇچى جاپاكەشلىرىمىز خاپا بولماي بەزەپ ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ بولالمىساڭلىمۇ، يازمىلاردىكى بەزەپ سۆزلەرنى تۈزىتىۋەتسەڭلار(شۇ سەۋەپتىن تەستىقلىمىساڭلىمۇ بولىدۇ.)، بولۇپمۇ مۇشۇنداق جامائەت پىكىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يازمىلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىساڭلار!
ئاخىرقى تەكلىپىم:
بىز باغداشنىڭ جامائەت پىكىرچانلىقى كۈچلۈك مۇنبەر بۇلۇشتەك خاسلىقىنى ساقلاپلا قالماي، يەنە جامائەت پىكىرىنى ئاچچىق، خۇسۇمەت، تەنە، قايناق ھىسىيات قاتارلىق پايدىسىز ئامىلدىن يىراقلاشتۇرۇپ، يازما-ئىنكاسلاردا ئەمەلىيراق بولۇپ، پىكىر نىشانلىرىنى ئوزىمىزگە ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق دۇشمەن ئورۇنغا قويۇۋالماي، بايانلىرىمىزنى پاكىتلىق، چۈشۇنۈشلۈك، سىيلىق ئوتتۇرغا قۇيۇپ جامائەت پىكىرىنىڭ ئۇنىمىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ۋە ئۇمۇرىنى ئۇزارتىشقا كۈچ قوششساق! زۆرۇر تېپىلغاندا مۇشۇ مۇنبەردىكى يازما-ئىنكاسلارنى ئىشلەتكەن سوزلىرى بىلەن شۇلاغا ئەينەن كۆرسەتكىلى بولغىدەك بولسا، نۇقۇل ئىنكاس سانى ۋە كورۇلۇش قېتىم سانى(بۇلارمۇ مۇھىم ، ئەلبەتتە!)نىلا قوغلاشمىساق، شۇ ئارقىلىق باشقا يازمىلارغىمۇ تەسىر كۆرسۈتۈپ مۇنبەرنى تېخىمۇ مەدەنىي مۇنبەر قىلىپ، ھەممىمىز شاتلانساق قانداق دەيسىلە؟
بۇلۇپمۇ باشقۇرغۇچى جاپاكەشلىرىمىز سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشقا غەيرىتىڭلار بارمۇ؟!
كۆپ سانلىقلار ئېتىبار بىلەن قارىساق بۇ ئىشنى قىلىپ كەتكىلى بۇلاتتى!
شۇنداقمۇ مۇنبەرداشلار؟! |
|