- تىزىملاتقان
- 2011-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 125
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
41.67%
|
زىرەك بالا
بىر بالا ئۈستى يىپىق قاچىنى كۆتۈرۈپ كىتىۋاتقان ئىكەن ، خوشنىسى ئۇنى توختىتىپ قىززىقىپ سورىدى:
- نىمە ئەكىلىۋاتىسەن ،ئەقىللىقىم؟
- قاچىنىڭ ئىچىدە نىمە بارلىقىنى ھەممە ئادەمگە بۈلدۈرۈشنى خالىغان بولسام ، قاچىنىڭ ئاغىزىنى ياپمىغان بولاتتىم،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ بالا.
ئىككى سودىگەر
ئىككى سودىگەر تالىشىپ قاپتۇ.
- سەن مىنى ساتقىچە ، مەن سىنى ئون قىتىم ساتالايمەن،-دەپتۇ بىرسى.
- شۇنداق،توغرا دەيسەن، مىنى سىتىشىڭ مومكىن،ئەمما سىنى سىتىش مومكىن ئەمەس، چۈنكى سىنى بىر تىيىنگىمۇ ئالمايدۇ،-دەپتۇ
يەنە بىرسى.
ئەتە دەيمەن
كولخوز رەئىسى مەجىلىستىكىلەرگە:
-ھەركىم ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزى تونوشى لازىم.ئىشقا چىقمىغان بولسا،سەۋەبىنى ئەتىسى كىلىپ ئىيتىشى لازىم،-دەپتۇ.
-مانا مەن دەل شۇنى ئىيتىشقا كەلگەن ئىدىم،-دەپتۇ بىر ھورۇن،- تۈنۈگۈن ئىشقا چىقمىغان ئىدىم.
-سەن بۈگۈنمۇ يوققو!
-بۈگۈنكىسىنى ئەتە كىلىپ دىمەكچىدىم.
سائەت نەچچىدە ئۇخلىدىڭ
ئانىسى:سەن ئاخشام سائەت نەچچىدە ئۇخلىدىڭ؟
بالىسى:دەل 12 دە.
ئانىسى:مەن ئىشەنمەيمەن،سەن چوقوم يالغان ئىيىتتىڭ.
بالىسى:يالغان ئىيىتمىدىم!
ئانىسى:ئۇنداقتا سەن ئۇخلاۋىتىپ سائەت 12گە داڭ ئۇرغانلىقىنى قانداق ئاڭلىدىڭ؟
بالىسى:...........
دىرىزىمىز غەرىپ تەرەپتە
ئوقوتقوچى:تەتىلدە سەن قايسى ۋاقىتتا ئورنوڭدىن تۇرىسەن؟
ئوقوغوچى:كۈننىڭ تۇنجى نۇرى ئۆيىمىزگە چۈسكەن ھامان ئورنۇمدىن تۇرىمەن.
ئوقۇتقۇچى:ئۇ بەك ئەتتىگەن ئەمەسمۇ؟
ئوقۇغۇچى:ياق،بىزنىڭ ئۆينىڭ دىرىزىسى غەرىپكە قارايدۇ.
|
|
-
|