ھە بۇ مەن دەيمەن ئەمدى قانداق قىلساق باغداشنى تېخىمۇ رەڭدار تېخمۇ مول مەزمۇنلۇق ، ئوقۇرمەنلەر ئۇچۇن تېخىمۇ قۇلايلىق ھالەتكە كەلتۇرۇشنى ئويلايمەنغۇ ،
مەنمىغۇ ئەمدى ئىنكاسنى يامان ئەمەس يېزىپ قويىمەن ، بەزىدە ئىنكاسسىمان تىمىلارنىمۇ يېزىپ قويىمەن ،
راستىنى ئىېيتقاندا قەلبىمدە ئازدۇر كۆپتۇر ۋەھىمەمۇ يوق ئەمەس
،شۇنداق بولسىمۇ بىر مۇسۇلمان ئەلبەتتە قەلبىدىكى ھەق دەپ قارىغان سۆزىنى دىيەلىىشى كېرەك ، ئۇنۇڭ ئۇستىگە پارتىيە ۋە ھۆكۇمەتمۇ ئاۋامنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىغا ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلۇۋاتىدۇ ئەمەسمۇ ،
دىمەك ھەق سۆزلەرنىڭ دىيىلىشى ئەلبەتتە پارتىيە ۋە ھۆكۇمەتنىڭ تېخىمۇ توغرا تېخىمۇ پايدىلىق بولغان سىياسەتلەرنى مەيدانغا كىلىشى ئۇچۇن تۇرتكە بولۇدۇ دەپ قارايمەن ،