ما ماقالىنى ئۆزەم يازغان جۇمۇ !!ئادەمنى قەسەم قىلىشقا قىستىماڭلار .راسلا مەن يازغان .بۈگۈن قاتتىق سىياسى ئۆگىنىش قىلىۋېتەي دىدىم ئۆزلىكىمدىن .سىياسىي ئۆگىنىش قىلىپ بىر پۇخادىن چىقىشنى ئويلايدىغان يولداشلار ما تېمىغا كىرەيلى!
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى _ شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ جان تۇمۇرى
كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئولتۇراقلشپ كەلگەن 13مىللەت،47 مىللەت تەركىبى بار. ئۇزاقتىن بۇيان بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ھەر مىللەت خەلق قېرىنداشلاردەك ئۆتتى،خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلمىدى،ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلمىدى،ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر بىرىدىن ئايرىلمىدى. خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدىنىيىتىنڭ ئارتۇقچىلىقىنى پائال قۇبۇل قىلدى؛ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ خەنزۇلاردىن مەدەنىيەت ۋە دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۈگەندى؛مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىساد،سودا ۋە مەدەنىيەت توختىماي داۋاملىشىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زىمىندا مىللىي خاسلىققا،ھەم ئىناق، ھەم بىرلىككە كەلگەن گۈللىنىش،تەرەققىيات ئىستىقبالى نامايەن بولدى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى شىنجاڭنىڭ تەرەققياتنىڭ جان تومۇرى،ئىتتپاقلىق بولمىسا،شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى بولمايدۇ، مۇقىملىق بولمىسا تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن پارتىيەۋە ھۆكۈمەت مىللىي تىرىتورىيلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئورنىتپ، بۇ جايدا ياشاپ كېلىۋاتقان ھەر مىللەت خەلىقىنى ھەقىقى خوجايىنلىرىغا ، مىللىي بۆلگۈنچىلككە قارشى تۇرۇپ،ۋەتەننىڭ بىرلكنى قوغداشتكى مۇستەھكەم ئاساسقا ئايلاندۇردى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يەنە شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ،تەرەققىياتنى ئورتاق نىشانلاپ،تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ – شىمالىدا مىسلىسىز ھاياتىي كۈچنى نامايەن قىلدى. ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ سانائەت،يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلدىن يىلغا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ ، ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق بېيىپ،تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھىرلەندى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىقتىسادى،ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى سىجىل ، ساغلام ئىچكى مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنى كۈنسىرى باياشات ۋە گۈزەل زىمىنغا ئايلاندۇردى.
شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقۇملىقىنى قوغداش ۋە ساقلاش _ نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم،ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە.مۇقۇملىق كىشلەرنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئاساسى،جەمئيەتتە داۋالغۇش بولۇپ،تەرتىپ بۇزۇلسا، كىشلەر ئەقەللىي ئىززەت ھۆرمىتىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەقەللىي تۇرمۇش شارائىتى ، جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلىمۇ بولمايدۇ،ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقنى ساقلاش ئىنسانلار ئومۇمىيۈزلۈك ئىتراپ قىلغان تۈپ مىزان ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇەىم نىشانى،شۇنداقلا ھەر بىر پۇقرانىڭ تۈپ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى.بۇنىڭ ئۈچۈن،شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە،ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھەر دەرىجلىك تەشكىلاتلار ھەركەتكە كېلىپ،خەلق ئاممسنىڭ ئاساسى تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرۈپ،ئاممغاسياسەتنى تەشۋىق قىلىپ،ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۇمۇمىيىتىگە كاپالاتلىك قىلىشى؛پارتىيە ئەزالىرى،بولۇپمۇ ھەر دەرىجلىك رەھپىرى كادىرلار نەمۇنىلىك،باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،ھەر مىللەت ئاممىغا زىچ تايىنىپ،ئىجتىمائىي مۇقۇملىقنى،سوتسيالستىك قانۇنچلىقنى ۋەخەلق ئاممسىنىڭ تۈپ مەنپئەتىنى قوغداپ ، خەلق ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكللەپ ۋە يىتەكلەپ،ئىجتمائىي مۇقىملىقنى ساقلايدىغان قۇدىرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈش ۋە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
قانۇن ئىجتمائىي مۇقۇملىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. سوتسيا- لىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكى،ئىززەت- ئابرويى ۋە نۇپۇزىنى قوغداش ھەر بىر پۇقرادىن دۆلەت قانۇنىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر مىللەت كادىرلار ، ئامما سەگەك بولۇپ ، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئاكتىپ ئادا قىلىپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ ، ئورتاق گۈللەنگەن ، تەرەققىي قىلغان ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ئۆزىدىن ۋە ئەتراپىدىكى ئىشلاردىن تۇتۇش قىلىپ ، ئىغۋا تارقاتماسىلىقى ، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكى ، كۈشكۈرتۈش ، قۇتراتقۇلۇققا ئۇچرىماسلىقى،قانۇنغا خىلاپ ھەركەتلەرگە قاتناشماسلقى ، قانۇنسز ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەركەتلرىگە قارشى قەتئي كۆرەش قىلىپ ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە جەمىئيەت مۇقۇمىلقىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك.
دېڭ شىياۋپىڭ ئېيىتقاندەك: << تەرەققىيات چىڭ قائىدە >>.تەرەققىيات بولمسا،جەميئەت ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ،خەلىق تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ ۋەياخشىلانمايدۇ.بەلكى،تەرەققىيات مۇقىم ئىجتمائىي مۇھتنىڭ كاپالتىگە تاينىدۇ،مۇقىم ئىجتمائىي مۇھىت بولمسا،خەلقنىڭ خاتىرجەم ئىشلەپچىقىرىش،تۇرمۇشىغا ئىمكانىيەت بولمايدۇ،خاتىرجەم ترىكچلىك قىلشىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىمىز ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغانلىقتىن ، دۆلىتىمىز ئىسلاھات ،ئېچىۋىتشنى يولغا قويغاندىن بۇيان ئىقتىسادى،ئىجتمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىيارلىق شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى،شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلغان ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
ھازىر شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلاش خىزمىتىدە زور ئىلگىرلەش بولۇپ،ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقۇملاشتى.خەلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش،تۇرمۇش تەرتىپى نورماللاشتى.خەلىقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈك-سىز ئېشىۋاتىدۇ . ۋەزىيەت بارغانسىرى ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلەن-مەكتە.شۇنداقتىمۇ يەنە ھازىر خىلمۇ خىل مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى يەنىلا مەۋجۇت ، مۇقۇملۇقنى ساقلاش ئامىللىرى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر . شۇڭلاشقا ھەر دەرىجىلىك پارتىكوم ۋە خەلىق ھۆكۈمەتلىرى، تارماقلار ،ئورۇنلا ر ۋە پارتىيە ئەزالىرى ، كادىرلا ر ، ئامما ئىدىينى مەركەزنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە ھۆكۈمى ،خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەدبىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، مۇقۇملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن بۇيانقى 60 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلەرنى ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن قوغدىشى كېرەك . تەشكىلى رەھ-پەرلىكنى كۈچەيتىپ ، موقۇملۇقنى ساقلاش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمىلىلەشتۈرۈپ ، ھەر تەرەپنىڭ كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ ، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك . يامان ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشىقا تەييارلىق كۆرۈپ ، ئالدىن بىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ ، خىزمەت لاھىيسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ،يوشۇرۇن ھالاتنى بىخ ھالىتىدە تۈگۈتۈپ ، مەسىلىنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ھەل قىلىش كېرەك . ئاممىۋىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ، تەشۋىقات ، تەربىيە پائالىيىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇش ، پارتىيىنىڭ فاڭجىن –سىياسەتلىرى ۋە دۆلەت قانۇنىنى ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن،ئۆزئارا ياردەملەشكەن تەسىرلىك ئىش پائالىيەتلىرىنى ، << ئىتتىپاقلىق ، مۇقىملىق _ بەخت ، بۆلگۈنچىلىك،مالىمانچىلىق _ ئاپەت >>دېگەن قائىدىنى تەشۋىق قىلىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغداش كېرەك . ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىپ ، ئاجىز ھالقىلارنى تۈزەشنى چىڭ تۇتۇش ، موقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىپ ، مۇقىملىق ئاساسىنى پۇخىتىلاش كېرەك . قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر بۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش ، قانۇنغا چېقىلغانلارنى قانۇن بويىچە ئېغىر،تىز ،جىددىي بىر تەرەپ قىلىپ ، قانۇننىڭ ئىززەت ئابرويىنى قەتئىي قوغداش ، ھازىرقىنى ھەل قىلىش بىلەن كەلگۈسىنى پىلانلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ، شىنجاڭ ، بولۇپمۇ ، جەنۇبى شىنجاڭ قاتارلىق قىيىنچىلىقى باررايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش،مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر سىياسەت ، تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئەمىلىلەشتۈرۈپ ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەت _ لەندۈرۈپ ۋە ياخشلاپ ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈللەنگەن ، مۇقىم قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ ، ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختىيار قىلىش كېرەك .
يۇقۇردىكى ئەمىلىي پاكىتلار ، ھازىرقى كەسكىن ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ، ئىدىيۋى تۇنۇشىمىزنى مەركىزى كومېتىت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومېتىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ شىنىجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقۇملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسدىكى ئالاقىدار روھى ئاساسدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ، ئىرادىمىزدىن قورغان ھاسىل قىلىپ ، يۈكسەك سياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇمىز بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن كۆپلەپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك .
بىرىنچى ، ئىدىيىدە يەنىمۇ بىرلىككە كېلىپ ، تۇنۇشنى ئۆستۈرۈپ ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ رەزىل ماھىتنى تولۇق تۇنۇپ ، ئاپتۇنۇم رايۇنى-مىزنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلاش خىزمىتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلۈكى ، مۈش-كۈللىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى ئېنىق تۇنۇشىمىز كېرەك .نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇش ، چېقىش ، بۇلاش ، كۆي-دۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىنىڭ چوڭقۇر سىياسى ئارقا كۆرۈنىشى بولۇپ ، دۈشمەن كۈچلەر كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان ، رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى << ئۈچ خىل كۈچ >> چىگرا سىرتىدا تۇرۇپ قۇماندانلىق قىلغان ، چىگرا ئىچىدىكىلەر ھەركەت قىلغان ، پىلانلىق ، تەشكىللىك ، مەقسەتلىك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى . يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان ، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن خاراكتىرى ئىنتايىن قەبىھ ، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر ، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى . زوراۋان جىنايەتچىلەر بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ ، مىسلىسىز پاجە پەيدا قىلدى ، ئۇلارنىڭ قىلمىشى كىشنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ ھەم ئېچىندۇرىدۇ . بۇ قېتمقى زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ مەقسىتى مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ، ئىناق ، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ، شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇش . ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، بىزنىڭ چىگرا ئىچى – سىرتىدىكى << ئۈچ خىل كۈچ >> كە قارشى كۆرىشىمىز مىللىي مەسىلە ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ۋەتەننىڭ بىرلىكنى،خەلقنىڭ تۈپ مەنپئەتىنى قوغداش ، پارتىينىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن كەسكىن ھايات – ماماتلىق سىياسى كۆرەش . چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار مەيدانى مۇستەھكەم ، بايرىقى روشەن بولۇپ ، كاللىسىنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇشى كېرەك . ھېلىھەم ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە ، بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ ، ھەق ناھەقنى ئايرىپ ، چىگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئۆز ئارا ماسلشىپ،بۆلگۈنچىلىك،بۇزغۇنچىلىق قىلغان رەزىل ماھىتىنى تەلتۈكۈس ئېچىپ تاشلىشىمىز كېرەك .
ئىككىنچىدىن ، بىز ھەر ۋاقىت << مۇقىملىق _ بەخىت، قالايمىقان-چىلىق _ ئاپەت . ئەمىنلىكتىن چوڭراق پايدا ، قالايمىقانچىلىقتىن چوڭراق ئاپەت يوق >> دېگەن ئىددىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ، شىنجاڭدا مۇقۇملۇق بولمىسا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولماي- دىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تۇنۇپ يىتىشىمىز لازىم . مۇقۇملۇق تەرەققىياتنىڭ جان تۇمۇرى،مۇقىم مۇھىت بولغاندىلا،ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم بولىدۇ ، ئىقتىساد ھەم تىز ، ھەم ياخشى تەرەققى قىلىدۇ ، جەمىئەت گۈللىنىدۇ ، مەدىنىيەت تەرەققى قىلىدۇ . ھازىر مۇقۇملۇق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ ، موقۇملۇق ئۇمۇمىيەت . بىز << مۇقۇملۇق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ >> دېگەن يىتەكچى ئىدىينى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ، سىياسىيغا ، ئومۇمىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ، مۇقۇملۇقنى ساقلاش سىياسىي ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ھەقىقىي ئېلىپ ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىللىرىدا مۇقۇملۇقتىن ئىبارەت ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ ، ھەر قانداق ۋاقىت ، ھەر قانداق ئەھۋالدا قىلچە بىخۇدلۇق ، قىلچە بوشاڭلىق ، قىلچە يەڭگىللىك قىلماسلىقىمىز كېرەك.
ئۈچىنچىدىن،مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى قوغداش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىش كېرەك . مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ جان تومۇرى ، بارلىق خىزمەتلىرىمىزنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇھىم كاپالىتى . تارىخ شىنجاڭدىن ئىبارەت ھەر قايسى مىللەت ئورتاق ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ زىمندا مىللەتلەر ئىتتىپاق-لىقنىڭ ھەممىنى بېسپ چۈشدىغانلقىنى تەكىرار ئىسپاتلىدى . مىللەتلەر ئىتتپاقلاشسا گۈللەپ روناق تاپىدۇ،بۆلۈنسە جەمئەت قالايمىقانلشىدۇ ، زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ . ۋەتەننىڭ بىرلىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىەتنىڭ مۇقۇملۇقى مەڭگۈ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ ئالىي مەنپەئىتى . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ ، مىللىي بۆلگۈن-چىلىككە قارشى تۇرۇپ ، جەمىئەتنىڭ ئىناقلىقى ، موقۇملۇقىنى ساقلاش باشتىن _ ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش . چىگرا ئىچى – سىرتىدىكى << ئۈچ خىل كۈچ >> مىللەتلەر ئىتتىپاق- لىقىنىڭ دۈشمىنى ، بۆلگۈنچىلىك ، بۇزغۇنچىلىقنىڭ مەنبەسى ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى .
تۆتىنچىدىن،مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش،ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جەمئەتنىڭ مۇقۇملىقنى ساقلاش ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ، ئاممىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى . ھەر قانداق تارماق ، ھەر قانداق ئورۇننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتى بىلاە زىچ ئالاقىسى ، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار . ھەر دەرىجلىك پارتىكوم ،خەلق ھۆكۈمەتلىرى،تارماقلار،ئورۇنلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش،ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ، موقۇملىقنى ساقلاشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىى ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ ، قاتتىق خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ، رەھبەرلكنى كۈچەيتىپ،ماسلىشىپ،ھەمكارلشىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمىئەت مۇقملىقنى ساقلاشتا قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك .
بىز مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، << ئۈچ ئايرىلالماسلىق >> ئىدىيسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ، ھەمنەپەس ، تەقدىرداش ، قەلىبداش بولۇش ، جاپادىمۇ ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش ، قان بىلەن گۆشتەك قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنتىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ ، ئورتاق گۈللەنگەن ، راۋاجلانغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك .
شىنجاڭدا بۆلگۈنچلىك بىلەن بۆلگۈنچلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك ، كەسكىن ، مۇرەككەپ . بۆلگۈنچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشى ئىلگىرى بولغان ، ھازىرمۇ بار ، كەلگۈسىدىمۇ بولىدۇ ، بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باقمايدۇ . ۋەھالەنكى ، پارتىيە مەركىزى كومېتىتى ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ، پۈتۈن مەملىكەت خەلىقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ، ئاپتۇنۇم رايۇ- نىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقىلا بولىدىكەن ، ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلش يولىدى-كى ھەر قانداق ئۇرۇنۇش ۋە سۈيىقەست ئۈزۈل-كىسەل مەغلۇپ بولىدۇ . بىز تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە تارىخى پۇرسەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەقىل _ پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ،شنجاڭنىڭ ئىناقلىقى ، گۈللىنىشى ، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ ئېچىشىمىز كېرەك.
مەنبەسى : ئۈزەم