saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2087 قېتىم كۆرۈلدى
ordahiy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8079
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 32 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 32 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 چوقايتۇر زارەتلىكتىكى ئىشلار


چوقايتۇر زارەتلىكتىكى تىرىشچانلىق

 
  
قومۇل شەھىرى شەھەرئىچى يېزا چوقايتۇر زارەتلىكى قۇمۇلدىكى تارىخى ئۇزۇن دىنىي سورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، جىگدە قۇدۇق كەنت 3-ئەترەتنىڭ تەۋەلىكىگە جايلاشقان.   





 
           يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەر ئاستى سۈيىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن قەبرىستان دائىرىسىدىكى مىۋىلىك-مىۋىسىز دەرەخلەرنىڭ ئاستا-ئاستا قۇرۇپ كېتىشىدەك ئەھۋال يۈز بېرىۋاتىدۇ. يېشى چوڭراق جۈجەملەر  ئىسمائىل پەزۇل، سوفىخان ياقۇپ، ئەسەت ياقۇپ ئاكىلىرىمىزنىڭ ھەر يازدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە سۇغۇرۇپ تۇرۇشى بىلەن قۇرۇپ كېتىش تەغدىرىدىن قۇتۇلۇپ قالدى.
      قەبرىستانلىقنىڭ ئىلگىركى باشقۇرۇش ھەيئىتى 3-دۈيدىكى پىشقەدەملەردىن قاسىم ئابدۇرېھىم، مەخسۇتخان ھاجى، مەرھۇم ئەمەتبەگ ئىسمائىل ، ئابلېز يەھيا،  ئىسمائىل پەزۇل قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. بىراق ھازىر پىشقەدەملەرنىڭ بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتتى. بەزىلىرى ياشىنىپ قالدى.
شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى قەبرىستانلىقتىكى گىيالارغا نورمال سۇ باشلاش ۋە باشقا ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش جەھەتلەردە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن.  ئۇنىڭ ئۈستىگە نازارەت قىلىدىغان ئادەم بولمىغاچقا قەبرىستان رايونىغا خالىغانچە ئەخلەت تۆكۈپ قويىدىغان دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيەتكە يات قىلمىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ.
   2011-يىلى ئوردىخىي مەسچىت جامائەتچىلىكى مەسلىھەتلىشىپ قەبرىستانلىقنى قايتىدىن كۆكەرتىش ۋە قوغداش، ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش پىكرىگە كېلىپ، ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ بۇ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلدى.



(تۆۋەندىكى سۈرەت) قۇرۇپ كېتىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان گىياھلار قايتىدىن كۆكۈرۈشكە باشلىدى.





 

(تۆۋەندىكى سۈرەت) ئەسلىدە ئەخلەت مەيدانى بولۇپ قالغان ئورۇنغا، كۆچەتلەر قويۇلدى.
(تۆۋەندىكى سۈرەت) تۇپراق قۇرۇلمىسى ناچار ئورۇنلارغا قويۇلغان كۆچەتلەر توختىماي سۇغۇرۇشقا مۇھتاج. 
 
(تۆۋەندىكى سۈرەت)  كۆپ ساندىكى مىۋىلىك كۆچەتلەر ياخشى ئاينىدى.




(تۆۋەندىكى سۈرەت) قەبرىستانلىقتىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاش بىلەن ئۆرۈلۈپ كەتكەن كونا قورشاۋ تاملىقنى يۆتكەش ئۈچۈن 3-ئەترەت ئەزالىرى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا 3-ئەترەت ھەيئەتلىرى زور رولنى جارى قىلدۇردى. كەڭ ئەزالارنى خالىس ئەمگەككە ئۇيۇشتۇردى.


(تۆۋەندىكى سۈرەت) 2012-يىلى قىش پەسلىدىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئەزالار سوغۇققا قارىماي قەبرىستانلىققا توك يولى ئورۇنلاشتۇردى. ئوردىخىي مەسچىت كەتكەن ئىقتىسادنى ئۈستىگە ئالدى. شەخسلەردىن ئىسمائىل يۈسۈپ بەش يۈز يۈئەن، ئەھەت سوفى ئىككى يۈز يۈئەن ياردەم بەردى. پەرھاتجان، ئەكبەرجان، ئىسمائىلجان ۋە ھېزىزخان قاتارلىق شەخسلەر بىلەن 3-ئەترەت كوللىكتىۋى بىرلىكتە توك سىمى، تۈۋرۈك، ياغاچ، توك سائىتى قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ قەبرە قېزىشتا ماشىنا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بارلىققا كەلدى.
 
 



(تۆۋەندىكى سۈرەت) ئوردىخىي مەسچىتنىڭ ئىقتىسادى بىلەن 20 مېتىر ئۇۇنلۇقتا رىشاتكا ۋە دەرۋازا ياسالدى. ۋە قۇرۇلۇش رايونىغا تۆكۈۋېتىلگەن ئىگىسى يوق ئەخلەتلەر توپا ئىتىرىش ماشىنىسى بىلەن يېرىم كۈن توشۇلدى.
2012-يىلى 5-ئايدا شەھەر ئىچى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ زور ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن دەرۋازىنىڭ ئاستى تەرىپىگە
قىش قۇرۇلمىلىق قورشاۋ تام قوپۇرۇلدى.
3-ئەترەت ئەزالىرى ۋە قەبرىستان تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمان ئاممىسىغا ۋاكالەتەن شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى
 مۇھەممەت مەنسۇرغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمىز.

ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن. خىزمەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن !
 



(تۆۋەندىكى سۈرەت) مىللى ياكى دىنىي مەدەنىيەتتىن ساۋاتسىز قالغان بەزى ئىككى پۇتلۇق مەخلۇقلار يەنىلا يوشۇرۇنچە ئەخلەت تاشلاپ قويماقتا. ئەخلەتلەرنىڭ تەركىۋىگە قارىغاندا سالاھىيىتى ئۇيغۇرغا كىرىدىغان بىراۋنىڭ ئەخلىتىكەن.



(تۆۋەندىكى سۈرەت) بۇ يىلقى قايتا-قايتا سۇ باشلاش نەتىجىسدە ئەسلىدىكى جۈجەملەرمۇ باشقىچە ياشىرىپ شۇنداق تەملىك پىشتى.
جۈجەم پىششىقىدا ھەر مىللەت خەلقى جۈجەملەرگە ئېغىز تەگدى.

 


 


        چوقايتۇر زارەتلىكنىڭ يېشىللاشقان مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاممىنىڭ ئەسلىدىكى ئىگىدارلىق ھوقوقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىلگىركى باشقۇرۇش ھەيئەتلىرى ئاساسىدا 3-ئەترەتنىڭ ھەيئەتلىرى بىرلىشىپ باشقۇرۇشنى قارار قىلدى.
كونا قەبرىستانلىق چوڭ يول بويىغا جايلاشقان. ئۆيلەڭدىن ئىبارەت يېشىللىق بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون مېتىرمۇ كەلمەيدۇ. بۇنداق ئىقتىسادى ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان زىمىن بەزى قۇرۇلۇش سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلماي قالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۈتمىگەن تەرەقىيات پىلانى شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
      مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرقى ھەيئەتلەر مۇزاكىرلىشىپ، ھەر قانداق مەزمۇندىكى قۇرۇلۇش ياكى ئۆزگەرتىش بولسۇن ئۇنىڭ كېيىنكى پايدىلىنىش ھوقوقىنى چوقۇمكى ئاممىنىڭ يۈرگۈزۈشى كېرەكلىگىنى قارار قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزدى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارمۇ ئۇلارنى قوللىدى. شۇڭا كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭمۇ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇ پىلاننى قوللاپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
قەبرىستانلىق ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش ياكى قەبرىستانلىقنى تۈزەش قۇرۇلۇشلىرىغا ھەيئەتلەر مەسئۇل بولىدۇ. خالىس ياردەم بەرمەكچى بولغانلار ھەيئەتلەر بىلەن مۇزاكىرلەشسە بولىدۇ. ھەيئەتلەر بىلەن مۇزاكىرلەشمەي ئۆز ئالدىغا قۇرۇلۇش قىلماقچى بولغانلار چەكلىنىدۇ.
     چۈنكى ھەممەيلەننىڭ ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇشى باشقىلاردا قەبرىستانلىقنىڭ ئىگىسى يوق دىگەن قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئومومنىڭ مۈلكى شەخسىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇ ھەر قايسىمىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش. شۇڭا ھەممەيلەننىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە كۆيۈنىشىنى، بىرياقىدىن، باش بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىناقلىق ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمۈت قىلىمىز.
خۇلاسە، قومۇلنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەقىيات مەخسىتىدىكى ئۆزگەرتىش قۇرۇلىشىدا بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ خوجايىنلىق رولىنى ئۇنتۇپ قالمايلى.
 
ھۆرمەت بىلەن؛ چوقايتۇر زارەتلىكنى باشقۇرۇش ھەيئىتى.
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-06, 14:03
كەنتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىلىش
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-06 13:11 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1632
شۆھرەت: 8801 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 8863 سوم
تۆھپە: 5185 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5195 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2460(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

زارەتكارلىقنىڭ چوقۇم ئىگىسى بار ، ئۇ يەرگە بىزنىڭ ئاتا بۇۋىمىز كۆمۇلگەن ، بىزمۇ ئاخىرى ئاتا بۇۋىلارنىڭ ئايىغىدىن جاي ئېلىشنى خالايمىز،
بۇ كۆرسەتكەن  تىرىشچانلىقىڭىزلار بەك  جايىدا ، بەك ساۋاپلىق ئىش بوپتۇ ، بولسا قومۇلدىكى بارلىق قەۋرىستانلىقلارغا قارايدىغان  زاراتكارلىقنى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ بارلىققا كىلىشنى ئۇمۇت قىلىمىز ،

بولۇپمۇ شەھەر ئىچى قومۇل ئىسلاميەتنىڭ تارقىلىش بۆشىكى بولۇش سۇپۇتى بىلەن ئىسلامىيەت ئەنئەنىلىرىنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرسۇتۇپتۇ ، بەك خوش بولدۇق بەك سويۇندۇق ،

ئەخلەت تاشلىغانلارغا چوقۇم ياخشى تېتىش كېرەك ، ئون يىلنىڭ ئالدىدا بىر پولار ئالدى ، شەھەر ئىچى جىگدە قۇدۇقتىكى چوڭ گۇمبەزلەرنىڭ يېنىغا بىرىپ سىيدى ، بىر دەمدە جىگدە قۇدۇقتىكى ئەزىمەتلەر ئۇ ماڭنۇرنىڭ ئىسىدىن كۆتۇرۇلمىگۇدەك ساۋاق بىرىپ قويغان ئىدى ،  


ئاللاھ ساقلىسىۇن تىرىكىمىزنىڭمۇ ئۆلۇكىمىزنىڭمۇ ئەتىۋارى يوق ئەھۋالغا چۇشۇپ قېلىشتىن
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 16:03 |
diwa

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 724
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 153
شۆھرەت: 1032 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1044 سوم
تۆھپە: 571 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 582 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 129(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن چوقايتۇر زەرەتگاھلىقى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنى كۆرۈپ ،ئىقتىسادىي شاماللار ئىنساپنى ئۇچۇرۈپ خورىتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ،يەنىلا ئاخ كۆڭۈل كىشىلىرىمىز ئىچىدە خۇددى رەسىمدىكى قايتا بىخ تارتىپ كۆكلىگەن دەرەخلەردەك ئىنساپ مېھرى مۇھەببەتنىڭ قايتا ياشناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندىم .شۇنداق ،قەبرىستانلىق بىزنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن ياتار جاھىمىز .بىر سۇڭ تۇپراق ئەزىز بولىۋاتقان بۇ كۈنلەردە چەكلىك يەر بولغان قەبرىستانلىقلارنى قوغداش ۋە ئاسراش بىزنىڭ بۇرچىمىزدور .
بولسا مۇشۇنداق پالىيەت بولسا باغداش تورىغا ھايىت دەپ قويسىڭىزلار.ئىلگىرى بىز باغداشلىقلار مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ كۆچەت تىككەن .بىز باغداشلىقلارنىڭ  جەمىيەتتىكى ھەرقانداق پاراۋانلىق پالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىشتىياقىمىز بار .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 16:34 |
ranaay
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7448
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
شۆھرەت: 335 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 335 سوم
تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 200 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 99(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداق ،ھەقىقەتەن ساۋابلىق ئىش بوپتۇ ، ھازىرقى دەۋردە ئاشۇ ئاقكۆڭۈل ،مېھنەتكەش دېھقانلىرىمىزدىن باشقا كىممۇ مۇشۇنداق خالس ئەمگەك قىلىدۇ دەيسىز؟
يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگىنىدىن خۇرسەن بولدۇم.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 16:48 |
heniya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2680
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 790 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 790 سوم
تۆھپە: 463 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 463 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ جايغا مېنىڭ بۇۋام-مومامنىڭمۇ قەۋرىسى قويۇلغان،رەسىملەرنى كۆرۈپ قومۇلنى بەكلا كۆرگۈم كەلدى، تېما ئىگىسىگە رەخمەت، بىزدەك سىرتتا تۇرىۋاتقان باغداشلىقلار جىسمانى جەھەتتە ياردەم بىرەلمىگەچكە ، بىرەر جاينى تەسىس قىلساڭلار ئىقتىسادى جەھەتتىن بولسىمۇ ياردەم قىلساق.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 17:39 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 593
شۆھرەت: 3508 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3669 سوم
تۆھپە: 2018 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2024 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 720(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىلغان ئىشىڭىزلاردىن سۆيۈندۈم...
مەگەشتىكى قەدىم قەبرىستانلىقنى چاقمىسا بولمامدىغاندۇ؟!
lutun
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 19:05 |
subhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6612
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 365 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 217 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 105(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەچچە كۇن ئاۋال شۇ چوقايتۇر مەھەلىسى ئەتىراپىدىكى قەدىمى قەبرىستانلىقلارنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ كېلەي دەپ خىيال قىلغانتىم ، اللاھ بۇيرىسا مۇشۇ خەپتىنىڭ ئاخىرى بىر چۇشۇپ كېلىشكە نېسىپ قىلسۇن !
تىلى ھەسەل دىلى زەھەر ....
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 19:46 |
ئۆرەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8037
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىلەرنىڭ بۇنداق ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلغىنڭلا ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ، ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقى شۇنداق رەتلىك، يېشىللاشقان بۇلۇش كېرەك ئىدى، بۇ ئىشتا سىلەر پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونغا ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭلار!!!
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 00:03 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 656
شۆھرەت: 3365 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3371 سوم
تۆھپە: 2005 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2005 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1583(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     ئىقتىسادنى   ئۇيغۇرلار   چىقىرىپتۇ   ،  ئىشنى   ئۇيغۇرلار   ئىشلەپتۇ  ،   جۈجەم   پىشقاندا   ھەر  مىللەت   ئېغىز   تېگىپتۇ  .   ياخشى   ياخشى   بەك   ياخشى   بوپتۇ   .
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 12:50 |
kaptar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 12
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 128
شۆھرەت: 650 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 650 سوم
تۆھپە: 388 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 388 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ كىشىلەرگە ئىككى ئالەملىك ساۋاب بەرسۇن ،
كىچىك چاغلىرىمىزدا شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئەتتىگەندە بۇ زەرەتلىككە كېلىپ جۈجەم يەيتتۇق ،  
  ئارقىمىزدىن  ماشىنىلاردا ئىدارە -جەمئىيەتلەردىكى يولداشلار يېتىپ كېلەتتى ،
   ئۇلارغا جۈجەم قېقىپ بېرەتتۇق  ،،،جۈجەم ققىپ بەرسەك بىزگە سوغاق ئىچىملىك، 5-10 يۈەن پۇل بېرەتتى ،  
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 14:32 |
anwarkapak
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 444
شۆھرەت: 2263 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2284 سوم
تۆھپە: 1352 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1353 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى oguzhanدە2012-06-07 12:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
     ئىقتىسادنى   ئۇيغۇرلار   چىقىرىپتۇ   ،  ئىشنى   ئۇيغۇرلار   ئىشلەپتۇ  ،   جۈجەم   پىشقاندا   ھەر  مىللەت   ئېغىز   تېگىپتۇ  .   ياخشى   ياخشى   بەك   ياخشى   بوپتۇ   .

بەزى ئىشلارغا ئامال قانچە دەيسىز؟
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 16:23 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار