saltanat lutun
بۇ تېما 1004 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 1168 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1258 سوم
تۆھپە: 649 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 650 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 2012-يىلدىن تارىخىمىزغا نەزەر-2 (ئاتتىلا)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-06-06)
2012-يىلدىن تارىخىمىزغا نەزەر (2)



        2011-يىلى يىل ئاخىرىدا گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايۇپ) ئەپەندى توردا يازما يوللاپ، تور ئەھلىگە خەلقىمىزنىڭ ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى تۇغىمىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلىمە ئېلان قىلىش ئارقىلىق، بىزنىڭ ھەر يىلى تارىخىمىزدىكى چوڭ ۋەقەلەر ۋە مەشھۇر شەخسلەر توغرىسىدا ئەسلىمە قىلىشىمىزغا، شۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۆز تارىخى ۋە ئەل يولىدا كۆيگەن ئوغلانلىرىمىزنى ئەسلەپ تۇرىشىمىزغا يول ئېچىپ بەردى. مەن گۈلەن ئېچىپ بەرگەن ئاشۇ يولنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن تارىخىمىزنىڭ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىكى «2» رەقىمىگە باغلانغان مۇھىم سەھپىلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سېلىشنى ۋىجدانىي بۇرچۇم ھېسابلاپ، بۇ يازمىنى يازدىم. كۆپچىلىكنىڭ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
 
2. قارىخانىيلار خانلىقىنىڭ يوقىلىشى (1000 يىللىقى)

        840-يىلى ئىچكى جەھەتتە ئىككى يىلغا سوزۇلغان ئېغىر تەبىئىي ئاپەت (نۇرغۇن مەنبەلەردە قۇرغاقچىلىق ۋە چېكەتكە ئاپىتى دېيىلگەن بولسىمۇ پاكىت كۆرسىتىلمىگەن. بىراق رۇس تارىخچىسى ئا.گ. مالياۋكىننىڭ «Ⅻ-Ⅸ ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلاتلىرى» ناملىق ئەسىرىدە قاتتىق سوغاق ۋە ئاچارچىلىق ئاپىتى دېيىلگەن ھەم ئەينى دەۋردىكى تارىخىي مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن. شۇڭا بۇ يەردە «قاتتىق سوغاق ۋە ئاچارچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىز) يۈز بېرىپ، خەلقنىڭ كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىۋەتكەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ قارىشلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۋەتكەنلىكى؛ خانلىق تەۋەسىدە يات مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى دوراش نەتىجىسىدە مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتنىڭ بۇزۇلۇپ، ئەيشى-ئىشىرەتكە بېرىلىش ئەۋج ئېلىپ، ئىسىراپچىلىقنىڭ ئەدەپ كەتكەنلىكى، بايلىق تەقسىماتىنىڭ نورمالسىزلىشىشى (1057-يىلدىن 1134-يىلغىچە ياشىغان خەن تارىخچىسى ۋېن جەنلۇ «ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىمدىن خاتىرىلەر» ناملىق ئەسىرىدە «دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ئاددىي-ساددىلىقى ۋە سەمىمىيلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ۋاڭ، بەگلەر بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا خەلقنىڭ ئوي-پىكىرى بىرلا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلار كۈچلۈك ۋە يېڭىلمەي كەلگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ دۆلىتىگە كۆرسەتكەن خىزمىتىمۇ چوڭ ئىدى. تاڭ دۆلىتى ئۇيغۇرلارغا مول ئىنئام بېرىپ تۇراتتى. 759-779-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان تەڭرى خاقان ئىدىكېن مەغرۇرلىنىپ، ئۆزى تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك سارايلارنى سالدۇردى. ئاياللار ئۇپا-ئەڭلىك ئىشلىتىدىغان، قاشلىرىنى بۇيايدىغان، كىيىم-كېچەكلىرىنى كەشتىلەپ زىننەتلەيدىغان بولدى. مانا مۇشۇ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى جۇڭگودا ھازىرلىناتتى. مانا مۇشۇنداق ئىسىراپچىلىق ئىپتىدائىي ئۆرۈپ-ئادەتلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دەپ يازغان) ھەم ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىككى مۇھىم تارماق-ياغلاقارلار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر توققۇز ئۇرىقى بىلەن ئادىزلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە مەغلۇب بولغان ئادىز قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كۈلۈگ-باغانىڭ يېنىسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىن رايونىدا ياشاۋاتقان قىرغىزلارنى ياردەمگە چاقىرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر- ئۇرخۇن خانلىقى ئاغدۇرۇلدى. خانلىق تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا تەۋە ھەرقايسى قەبىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى شىنجاڭ، خېشى كارىدورى (گەنسۇ تەۋەسى) ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى ئەنئەنىۋى قېرىنداشلىرىنى پاناھ تارتىپ، ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ غەرپكە كۆچتى.
       بۇلارنىڭ بىر بۆلىكى ھازىرقى گەنسۇ تەۋەسىدىكى خېشى كارىدۇرى ئەتىراپىغا كېلىپ، شۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ۋە باشقا قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ «كەڭسۇ («سۈيى مول» دېگەنلىك بولوپ، ھازىرقى گەنسۇ سۆزى «كەڭسۇ» سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن) ئۇيغۇر خانلىقى»نى قۇرىدى. ئىككىنچى بۆلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «بۆركىلى»(«كۈچلۈك»، «مەڭگۈ زەئىپلەشمەس» دېگەن مەنىدە) قەبىلىسىنىڭ سەركەردىسى، مەشھۇر سىتراتىگىيچى ۋە ھەربى ئالىم، سىياسىيۇن پانتېكىننىڭ رەھبەرلىكىدە تۇرپان رايونىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ «قۇجۇ ئىدىقۇت (بەختلىك دېگەن مەنىدە) خانلىقى» نى قۇرۇپ، ھازىرقى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېتنىڭ مەنبەسىگە ئاساس سالدى.
ئۈچۈنچى بۆلىكى 850-يىلى ياغمىلارنىڭ يولباشچىسى كۆلبىلگە قادىرخاننىڭ باشچىلىقىدا قەشقەر ۋە ئىسسىق كۆل رايونىغا كېلىپ ماكانلىشىپ، ئىچكى جەھەتتە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاش بىلەن بىرگە سىرتقى جەھەتتىن ئۇ يەردە ئەزەلدىن تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان قارلۇقلار باشچىلىقىدىكى يەرلىك تۈركىي مىللەتلەر قۇرىغان قارلۇق خانلىقىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى ھەم قارلۇق قاتارلىق ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئەتىراپتىكى رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ، تەدرىجى قۇدىرەت تاپتى. 870-يىلى كۆلبىلگە قادىرخان قارلۇق خانلىقىنىڭ ھوقۇقىنى ئاساسىي جەھەتتىن كونتۇرۇل قىلىۋېلىپ، تاشقى جەھەتتىنمۇ بىر مۇستەقىل خانلىققا ئايلاندى. نەتىجىدە قەشقەر ھەم بالاساغۇن (ئىسسىقكۆل ئەتىراپىدا) نى مەركەز قىلغان «قاراخانىيلار خانلىقى» (قەدىمىي، ئۇلۇغ، مۇققەدەس، كۈن پېتىشتىكى خانلىق) ئاشكارا ھالدا تارىخ سەھنىسىگە چىقتى. 870-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچلۈك خانلىق بولغان سامانىيلار خانلىقى (870-999) بىلەن ئۇرۇشۇپ، نۇرغۇن زېمىنىنى تارتىۋالدى. شۇنداق قىلىپ كۆلبىلگە قادىرخان 850-يىلى يوشۇرۇن ھالدا قۇرۇلۇپ، 870-يىلى ئاشكارىلىققا ئۆتكەن بۇ خانلىقنىڭ تۇنجى پادىشاھسى بولۇپ قالدى.
880-يىلى كۆلبىلگە قادىرخان ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسىمى بازىر ئارسلانخان، كىچىكىنىڭ ئىسىمى ئوغۇلچاق ئىدى. كۆلبىلگە قادىرخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئورنىغا بازىر ئارسلانخان چوڭ خاقان بولۇپ ئولتۇرغان، ئوغۇلچاق بولسا تالاس رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، سامانىلار پادىشاھسى ئىسمائىل ئىبنى مەخمۇت بىلەن قانلىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان. بىراق ئۇرۇشتا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، ئۆزى بىلەن بىرگە 15 مىڭ ئادىمى ئەسىرگە چۈشكەن، 10 مىڭ ئەسكىرى ئۆلگەن، تالاس سامانىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئىسمائىل تالاستىكى بارلىق خىرىستىيان چېركاۋلىرىنى مەسچىتكە ئۆزگەرتىپ، بۇ رايوندا ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرغان. كېيىن ئوغۇلچاق سامانىلارنىڭ قولىدىن قېچىپ چىقىپ قەشقەرگە كېلىپ، سامانىلارغا قارىشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. 904-يىلى ئوغۇلچاق بىر بۆلۈم ئەسكەرلەر بىلەن سامانىلار چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا، سامانىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قورقۇپ قېچىپ چىققان سامانىلار شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانىنى قولغا چۈشۈرۈپ قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن. ئەبۇ ناسىر سامانى قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، بازىر ئارسلانخاننىڭ 2-ئوغلى سۇتۇق بىلەن دوستلىشىپ قالغان. سۇتۇق ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ تەسىرىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەم ئىسىمىنى «ئابدۇلكېرىم» دەپ ئۆزگەتكەن. 910-يىلى سۇتۇقنىڭ دادىسى بازىرخان ئالەمدىن ئۆتكەن. سۇتۇق كىچىك بولغاچقا ھاكىميەتنى ئوغۇلچاق ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن باشقۇرغان ھەم تەختنى مەڭگۈ ئۆز جەمەتىنىڭ قولىدا ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەدەپ سۇتۇقنى چەتكە قاققان. پۇرسەتتىن پايدىلانغان سامانىلار خانلىقى قارىخانىيلار خانلىقىغا بولغان ھەربىي ھەركەتنى توختۇتۇپ، سىڭىپ كىرىش ھەركىتىنى قوزغاپ، ئىسلام دىنىنى ھە دەپ تەشۋىق قىلغان ھەم سوپىزىمچى ئۆلىما ئابدۇل ھەسەننى سۇتۇقنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلغان. سۇتۇق سامانىلار خانلىقىنىڭ قوللىشى ۋە قەشقەردىكى ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ يېقىندىن ھەمدەمدە بولىشى بىلەن 920-يىلى ئوغۇلچاقنىڭ قولىدىن ھاكىميەتنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى «بۇغراخان» دەپ ئاتاپ، قارىخانىيلار خانلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان. سۇتۇق بۇغراخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ تېخى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان ھەم ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەي دىنىلىق ئورنىغا قارىشى چىققان جايلىرىغا قارىتا غازات ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. شۇنداق قىلىپ سۇتۇق بۇغىراخان دەۋرىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى شىنجاڭ رايونىغا-ئۇيغۇرلار ئارىسىغا مۇنتىزىم، ئاشكارە ھالدا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىغان.
        بۇ يەردە شۇ نەرسىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، 920-يىلى سۇتۇق بۇغىراخاننىڭ قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىپ، ئىسلام دىنىنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان ۋاقتى ھەرگىزمۇ شىنجاڭغا ئىسلام دىنىڭ تارقالغان ۋاقتىنىڭ باشلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا بىر قانۇنلۇق دىن سۈپىتىدە تارقىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدۇر. ئەمىلىيەتتە ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقالغان ۋاقتى ئۇنىڭدىن كۆپ ئىلگىرى بولۇپ، سۇتۇق بۇغىراخان دەۋرىگە كەلگەندە چەتئەل دىن تارقاتقۇچىلىرىڭ سانى خېلىلا كۆلەملەشكەن، ئىسلام دىنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنى خېلىلا يۇقىرى كۆتىرىلگەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرى ئومومىي نوپۇس ئىچىدە بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلىگەن. سۇتۇق بۇغىراخان مۇشۇنداق ئىجتىمائىي-ئىدىۋىي ئارقا كۆرۈنىش ئارقىسىدا تاغىسىنىڭ ئۈستىدىن ناھايتى تېزلا ئومومىيۈزلۈك غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن.
        ئەمدى ئىسلام دىنى شىنجاڭغا زادى قاچان كىرگەن؟
       دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئىسلام دىنى شىنجاڭغا بالدۇر بولغاندا 7-ئەسىردە كىرىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئىسلام دىنى شىنجاڭ رايونىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىغا ئەرەب رايونلىرىدىن كەلگەن ئەلچىلەر، سودىگەرلەر ئارقىلىق ۋە ئالدىنقى سەپلەردە ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچىرىشىشى ئارقىلىق تارقالغان. 705-715-يىللار ئارلىقىدا خۇراسانغا باش ۋالى بولۇپ تۇرغان ئەرەب قوماندانى قۇتەيبە ئوتتۇرا ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىپ، سەمەرقەند، بۇخارا، تاشكەنت، بايكەنت قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئىگىلىگەندە، بۇ جايلارنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي جەھەتتىن ئىشغال قىلىش بىلەن بىرگە ئىدىيۋى جەھەتتىن كونتۇرۇل قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 715-يىلى قۇتەيبە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشى بىر مەزگىل سەل سۇسلاشقان.  7-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە بولغان دەۋر ئىسلام دىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا تارقىلىش، راۋاجلىنىش ۋە ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىش دەۋرىدۇر.
قارا خانىيلار خانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئەتىراپىدىكى تېخى ئىسلامغا كىرمىگەن رايونلار بىلەن بولغان زىددىيىتى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىغان. بۇ زىددىيەت ئالدى بىلەن ئۇدۇن (ھازىرقى خوتەن) دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئاشكارىلانغان. بۇ چاغدا ئۇدۇن دۆلىتى راسا گۈللىنىش باسقۇچىدا بولۇپ، زېمىنى شەرقتە چەرچەندىن غەربتە يەركەنگىچە باراتتى. 956-يىلى قارىخانىيلار خانلىقىنىڭ پادىشاھسى، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھىماتچىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغىراخان ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئورنىغا مۇسا بۇغىراخان (956-958)، ئۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان ئارسلانخانⅠ (يەنە بىر ئىسىمى بايتاش بولۇپ، 970-958 يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە چىققان. سۇلايمان ئارسلانخانⅠ تەختكە چىققان يىلى، يەنى، 958-يىلى ئۇدۇن خانى ۋىسارا تەڭرىخان ئىسلام دىنىنىڭ ئۆز زېمىنىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوشۇن باشلاپ قارىخانىيلار خانلىقىغا قارىشى جازا يۈرىشىگە ئاتلانغان. بىراق ئۇ بۇ يۈرۈشتە مەغلۇپ بولغان. ئۇنىڭ ئەكسىچە 960-يىلى 200 مىڭ چېدىرلىق تۈركىي خەلقلەر ئىسلام دىنىغا كىرىپ، ئىسلام دىنىنىڭ قارىخانىيلار تەۋەسىدىكى تەسىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن. سۇلايمان ئارسلانخانⅠ ئۆز ھاكىميىتى ئاستىدىكى رايونلاردا ئىسلام دىنىنى ئومىمىيۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھاكىميەت ئىشلىرى، ئەدىلىيە، قازىخانا (سوت) قاتارلىقلارنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە يۈرگۈزگەن.
      962-يىلى خوتەن ۋىسارا جەمەتى قاراخانلار خانلىقىغا قارىشى يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم تەشكىللىگەن ھەم ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئارقىلىق 969-يىلى قەشقەرنى ئىگىلىۋالغان. لېكىن بۇ غەلبە ئۇزۇنغا بارمىغان. ئارىدىن بەش ئاي ئۆتۈپ قارىخانىيلارنىڭ ياردەمچى قوشۇنى قەشقەرنى يەنە قايتۇرۋالغان. شۇنداق قىلىپ قەشقەر بىر مەزگىل قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرغان. ئۇرۇش 20-30 يىلچە داۋاملاشقان. 998-يىلى قارىخانىيلارنىڭ ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن خوتەن بۇددىستلىرى ئارىسىدا يەكەن بىلەن يېڭىسار ئارىسىدىكى چۆللۈكتە قانلىق ئۇرۇش بولغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن. جۈملىدىن مۇسا بۇغىراخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئەلى ئارسلانخان بۇ قېتىمقى جەڭدە ئاجايىپ باتۇرلۇقىنى نامايەن قىلىپ شېھىت بولغان. ئۇنىڭ جەسىدى قەشقەر تۆۋەنكى تاربوغۇزغا (تۈمەن دەرياسى بويىغا) دەپىن قىلىنغان. بۇ قېتىمقى جەڭدە ئەلى ئارسلانخان ئۆلگەندىن كېيىن ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھەسەن بۇغىراخاننىڭ ئوغلى يۈسۈپ قادىرخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن زور قوشۇن بىلەن خوتەن بۇددىستلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان ھەم 1000-يىلى قەشقەرنى قايتۇرۋالغان. 1006-يىلى ئاخىرى خوتەننى ئىشغال قىلىپ، خوتەن خانلىقىنى يوقىتىپ، خوتەننى قارىخانىيلار تېرىتورىيىسىگە قوشۇش بىلەن، بۇ رايوننى ئىسلاملاشتۇرۇشقا يول ئاچقان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى، 990-يىلى سۇلايمان ئارسلانخانⅠ نىڭ ئوغلى، بارىسغان ھۆكۈمرانى ھەسەن بۇغىراخان سامانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاجىزلاشقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ سامانىلار ئىگىلىۋالغىلى 150 يىلدىن ئاشقان قەدىمىي شەھەر ئىسفىجاپنى قايتۇرۋالغان، 992-يىلى پۈتۈن ماۋرىئۈننەھىرنى ئىگىلىگەن ئىدى.
       شۇنداق قىلىپ، سۇتۇق بۇغىراخان دەۋرىدىن باشلاپ قۇدىرەت تېپىش ۋە گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەن قاراخانىيلار خانلىقى ھەسەن بۇغىراخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلىشى ۋە يۈسۈپ قادىرخاننىڭ خوتەن رايونىنى ئېلىشى بىلەن زېمىن جەھەتتىن ئەڭ زور چەككە يەتتى. بۇ دەۋرلەردە قارىخانىيلار خانلىقى سۇتۇق بۇغىراخاننىڭ ئىككى ئوغلى مۇسا بۇغىراخان بىلەن سۇلايمان ئارسلانخانⅠ ئەۋلادلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىككى تارماق بويىچە راۋاجلانغان ھەم ئۇلار ئارىسىدا ھوقۇق كۈرىشى يۈز بېرىپ تۇرغان. باشتا مۇسا بۇغىراخان ئەۋلادلىرى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ كېيىن سۇلايمان ئارسلانخانⅠ نىڭ ئەۋلادلىرى تەدرىجى كۈچەيگەن. 1024-يىلى مۇسا بۇغىراخان ئەۋلادىدىن بولغان خان مەنسۇر ئارسلانخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قارىخانىيلار خانلىقىنىڭ باش ھوقۇقى سۇلايمان ئارسلانخانⅠ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. بىر پۈتۈن خانلىق ئىككى جەمەتنى ئاساس قىلىپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغان. 1-بۆلەك ماۋرىئۈننەھىر رايۇنى بولۇپ، غەربىي ئىلىك خان باشقۇرغان. 2-بۆلەك بالاسۇغۇننىڭ شىمالىدىن ئېرتىش دەياسى بويىغىچە بولغان جايلار بولۇپ، شىمالىي ئىلىك خان باشقۇرغان. 3-بۆلەك يەتتە سۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلار بولۇپ، مەركىزى خانلىق باشقۇرغان. 3-بۆلەك ئادەتتە خاقانىيە ئۆلكىسى دەپ ئاتالغان. قارىخانىيلارنىڭ زېمىنى شىمالىي ۋە غەربى قىسىملار بويىچە مەخسۇس ئىلىك خانلار قويۇلۇپ باشقۇرۇلغان بولسىمۇ، ئومومىي جەھەتتىن يەنىلا مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بويسۇناتتى. قىسمەن ھاللاردا ئايرىم بولىۋالسىمۇ، بۇ خىل ۋەزىيەت ئۇزۇنغا بارمىغان ئىدى.
       بىراق قارىخانىيلار خانلىقىنىڭ بۇنداق بىرلىكى ئانچە ئۇزۇنغا بارمىدى.  سۇلايمان ئارسلانخانⅡ نىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە كەلگەندە، غەربىي ئىلىك خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانى ناسىر بىننى ئىلىكخاننىڭ ئوغلى ئىبىراھىم بىننى ناسىر (بۆرى تېكىن) ئاكىسى ئالىپ تېكىن بىلەن بىرلىشىپ سۇلايمان ئارسلانخانⅡ غا قارىشى كۈچ توپلاپ، 1034-يىلى خارازىم خانلىقىنىڭ تاردىمىدە ماۋرىئۈننەھىرنىڭ شىمالىنى بېسىۋالدى ھەم 1040-يىلى قارىخانىيلار خانلىقى مەركىزى ھاكىميىتىگە قارىشى چىقىپ، ئىتائەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 1042-يىلى ئىبىراھىم بىننى ناسىر ئۆزكەنت شەھىرىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنى «تامغاچ بۇغىراخان» دەپ ئاتاپ، قارىخانىيلار خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىنلا سەمەرقەند ھەم بۇخارانى تارتىۋالدى (ئەمىلىيەتتە 1040-يىلدىن 1052-يىلغىچە ئەمىلىي ھوقۇقنى دادىسى مۇھەممەد بىننى ناسىر تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن ئىبىراھىمⅠ بىننى ناسىر تەختكە چىقىپ، 1068-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان). شۇنداق قىلىپ 1040-يىلدىن باشلاپ بىر پۈتۈن قارىخانىيلار خانلىقى خوجەنتنى پاسىل قىلغان ھالدا، قەشقەر-بالاساغۇننى مەركەز قىلغان شەرقىي قارىخانىيلار خانلىقى ۋە سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان غەربىي قارىخانىيلار خانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى قارىخانىىيلار خانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتتى.
      قارىخانىيلار خانلىقى ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، شەرقىي قارىخانىيلار خانلىقىدا كۆپ قېتىم خان ئالمىشىش ۋەقەلىرى بولۇپ تۇرسىمۇ، ئومومىي ۋەزىيىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى غەربىي قارىخانىيلاردىن تېنچ ۋە تېز بولدى.
      بىراق قارىخانىيلار خانلىقىنىڭ نىسبىي تىنچلىق تارىخى بىر ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقاندىن كېيىن، 1124-1133-يىلى قىتانلار ياللىغ تاشىننىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي قارىخانىيلار زېمىنىغا باستۇرۇپ كېلىپ، قارا قىتان خانلىقىنى (لىياۋ خانلىقى 1125-1212) قۇرىدى. 1128-يىلى قارىخانىيلار خانى ئىبىراھىم بىننى ئەخمەت قارا قىتانلارغا قارىشى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش ئېلىپ باردى. لېكىن قىتانلار ئۇنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، شەرقىي قارىخانىيلارنىڭ پايتەختى قەشقەرنى بېسىۋېلىپ، شەرقىي قارىخانىيلار خانلىقىنى قارام ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. شەرقىي قارىخانلارنىڭ قولىدىن ئېرتىش، ئېمىل دەريا ۋادىلىرى، ئىلى دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى، يەتتە سۇ رايونى ۋە بالاساغۇننى تارتىۋالدى. 1137-يىلى خوجەنتنى بېسىۋالدى. 1141-يىلى سەلجۇق تۈركلىرى بىلەن سەمەرقەندنىڭ شىمالىدىكى قەتۋان چۆلىدە قاتتىق ئۇرۇش قىلغان قىتانلار سەلجۇق تۈركلىرىنى ئومومىيۈزلۈك مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي قارىخانىيلار زېمىنىغا توسالغۇسىز ئىلگىرلەپ، سەمەرقەندنى ئىگىلەپ، ئۇنىمۇ قارام ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. قىتانلار گەرچە بىر مەزگىل ناھايتى قۇدىرەت تېپىپ، زېمىنى شەررقتە ھازىرقى گەنسۇ چېگرىسىغا، غەربتە ئارال دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغىچە، شەرقىي شىمالدا يېنىسەي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغىچە، غەربىي جەنۇبتا ئامۇ دەرياسىغىچە سوزۇلغان بولسىمۇ، بىراق شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئومومىي ۋەزىيتى دېگەندەك تېنچ ئۆتمىدى. يەنى ئەتىراپىدىكى خوشنىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، بەزىدە غەلبە قىلسا، بەزىدە مەغلۇپ بولدى. ئىچكى زىددىيىتىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى. مۇشۇنداق شارائىتتا ئالتاي تاغلىرىدا ياشايدىغان نايمانلارنىڭ شاھزادىسى كۈچلۈك 1209-يىلى قىتانلارنىڭ ئىچكى-تاشقى زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئىسىيان كۆتۈرۈپ، قىتانلارغا بولغان بېقىندىلىققا خاتىمە بېرىپ، قىتان خانلىقىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالدى. 1211-يىلى قىتان خانلىقى پۈتۈنلەي ھالاك بولدى. كۈچلۈك قىتان خانلىقىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، 1212-يىلى قەشقەرگە زور قوشۇن بىلەن باستۇرۇپ كىردى ھەم تېزلا قەشقەر ۋە خوتەننى ئىگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن 170 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان شەرقىي قارىخانىيلار خانلىقى يوقالدى. شۇ يىلى غەربىي قارىخانىيلار خانلىقىمۇ كۈچلۈك تەرىپىدىن تولۇق بويسۇندۇرۇلۇپ، تارىخ سەھنىسىدىن غايىپ بولدى. بىراق كۈچلۈكنىڭ بۇ غەلىبىسى ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشماستىن، موڭغۇل دالىسىدا يېڭىدىن سەھنىگە چىققان موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى ھەمدە 1218-يىلى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان كۈچلۈك قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
       قارىخانىيلار خانلىقى تۈركىي خەلقلەرنىڭ، 552-يىلى قۇرۇلغان كۆكتۈرك ئىمپېريىسى ۋە 640-يىلى قۇرۇلغان ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن كېيىن قۇرىغان ئۈچىنچى كاتتا خانلىقىدۇر، شۇنداقلا، ئىسلام دىنىنى تۇنجى بولۇپ تۈركى مىللەتلەر ئارىسىدا ھاكىميەت مەۋقەسىدە تۇرۇپ قوبۇل قىلغان ھەم ئۇيغۇرلار ئارىسىغا مۇنتىزىم قانۇنلۇق دىن سۈپىتىدە ئاشكارا تارقاتقان خانلىقتۇر. ئۇ مۇستەقىل ۋە بېقىندى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن، بىر پۈتۈن ۋە بۆلۈنگەن ھالدا تەخمىنەن 362 يىل (850-1212) ھۆۈم سۈرۈپ، ئاخىرى قىتانلار ۋە نايمانلار تەرىپىدىن يوقۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۆز تارىخىدا ئۇيغۇر-تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىسلام روھى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تويۇندۇرۇپ، ئاجايىپ شانلىق مەدەنىيەتلەرنى يارتتى. جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. جۈملىدىن 70پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە يېزىپ، ئارىستوتېلدىن كېيىنكى دۇنياۋى دەۋىر بۆلگۈچ ئېنىسكىلوپىدىت ئالىم، مەشھۇر  پەيلاسوپ، دۇنيا ئىلىم تارىخىدىكى «ئىككىنچى ئۇستاز» (ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ باھاسى بولوپ، ئارىستوتېل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغان.) ئەبۇ ناسىر ئۇزۇن ئۇزلۇق مۇھەممەد تارخان ئەل فارابى؛ مەشھۇر دۆلەت ئاتىسى، ئەدىپ، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچقان بۈيۈك ئەسىرى  «قۇتادغۇ بىلىگ» (بەخىت كەلتۈرگۈچى بىلىم)؛ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ  دۇنيا تۈركىلوگىيە ئىلمىى ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىققا ئاساس سالغۇچى كاتتا ئەسىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» (دۇنيا تۈركى تىللىرنىڭ سېلىشتۇرما خارەكتېرلىك چوڭ لۇغىتى) مۇشۇ خانلىق دەۋرىدە بارلىققا كەلدى.
 

قاراخانىيلار خانلىقى خانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى (850-1212)
 
1. كۆل بىگە قادىرخان (850-880).
2. بازىرخان (880-910).
3. سۇتۇق بۇغراخان (920-956).
4. مۇسسا بۇغراخان (958-956).
5. سۇلايمان ئارسلانخانⅠ (970-958).
6. ئەلى ئارسلانخان (998-970).
7. ئەھمەد تۇغانخانⅠ (1018-998)
8. مەنسۇر ئارسلانخان (1024-1018)
9. ئەھمەد تۇغانخانⅡ (1024-1025)
10. يۈسۈپ قادىرخان (1032-1025)
11. سۇلايمان ئارسلانخانⅡ (1040-1032)
 
 

شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقى خانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى (1040-1210)
 
1. سۇلايمان ئارسلانخان (1056-1040)
2. مۇھەممەد بۇغراخان (1057-1056)
3. ئىبىراھىمخان (1057- 1058)
4. مۇھەممەدخان(توغرۇل قاراخان) (1074-1058)
5. ئۆمەرخان(توغرۇل تېكىن) (1074)
6. ھارۇن بۇغراخانⅡ (1103-1074)
7. ئەھمىدخان (1129-1103)
8. ئىبىراھىمخانⅡ (1159-1129)
9. مۇھەممەدخانⅡ (1205-1159)
10. يۈسۈپخان (1205)
11. مۇھەممەدخانⅢ (1210-1205)
 
 

غەربىي قاراخانىيلار خانلىقى خانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى (1040-1212)
 
1. مۇھەممەد بىننى ناسىر (1052-1040)
2. ئىبىراھىمⅠ بىننى ناسىر(بۆرە تېكىن) (1068-1052)
3. شەمس ئەل مۈلۈك (1080-1068)
4. خىزىرخان (1081-1080)
5. ئەھمەدخانⅠ (1095-1081)
6. ياقۇپخان (1095-1089)
7. مەسئۇدخانⅠ (1097-1095)
8. سۇلايمانخان (1097)
9. مەھمۇدخانⅠ (1099-1097)
10. جىبرائىلخان (1102-1099)
11. مۇھەممەد ئارسلانخان (1132-1102)
12. ئىبىراھىمخانⅡ (1132)
13. مەھمۇدخانⅡ (1141-1132)
14. ئىبىراھىمخانⅢ (1156-1141)
15. ئەلىخان (1160-1156)
16. مەسئۇدخانⅡ (1178-1160)
17. ئىبىراھىمخانⅣ (1204-1178)
18. ئوسمان بۇغراخان (1212-1204)
 
پايدىلانمىلار:
1. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى». ئەسقەر ھۈسەيىن، ۋاھىتجان غوپۇر. مىللەتلەر نەشرىياتى 1987-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى.
2. «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى». ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق. مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى.
3. «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى». «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1989-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى.
4. «قارىخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى». رىشات گەنج. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990-يىل 3-ئاي 1-نەشىرى.
5. «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى». ھاجى نۇرھاجى، چېن گۇگۇاڭ. مىللەتلەر نەشرىياتى 1995-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى.
6. «Ⅻ-Ⅸ ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى». ئا. گ. مالياۋكىن (رۇسىيە). شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىل 12-ئاي 1-نەشىرى.
7. «تاجىكلار تارىخى» 1-قىسىم. ب. گ. غاپۇرۇپ (تاجىكىستان). قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى.
8. « ‹غەربىي لىياۋ› دۆلىتىنىڭ تارىخ ھەققىدە». قاسىم ئارىش. شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى 1989-يىل 1-سان.
9. «ئۇيغۇر تارىخى» (ئۆزەم تۈزۈپ رەتلىگەن، نەشىر قىلىنمىغان قوليازما خاتىرەم. جەمىئىي 10 باب، 199 بەت).

مەنبە : تەتقىقاتىم ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-06, 12:14
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-06 11:41 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 556
شۆھرەت: 3574 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3565 سوم
تۆھپە: 1999 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2039 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1010(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىسىل !.ئىسىلنىڭ ئەسلىمۇ.نەسلىمۇ ئىسىل،قاراڭ يازغان ئازغىنە ماقالىسىمۇ ئىسىل.دىگەندەك ئىسىل ماقالىكەن ،رەھمەت ،يەنىمۇ كۆپرەك ئىلمنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ تۇرۇڭ،چۇنكى زاكات ئاللاھنىڭ ھەققى.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 12:59 |
gherip
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7908
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوغولچاقنىڭ ھۈكۈم سۈرگەن ۋاقتى چۈشۈپ قاپتۇ  
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 14:38 |
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 1168 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1258 سوم
تۆھپە: 649 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 650 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 2 - قەۋەتتىكى gheripنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ئوغۇلچاق قانۇنلۇق پادىشاھ ئەمەس. ئۇ سۇتۇق بۇغىراخاننىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە سۇتۇق بۇغىراخانغا ۋاكالىتەن تەختتە ئولتۇرغان. شۇڭا  قارىخانىيلار خانلىقىنىڭ خانلىرى قاتارىدا سانالمايدۇ.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 15:48 |
فىدا
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 865 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 879 سوم
تۆھپە: 515 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 515 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 126(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   يۇرۇق دۇنياعا كوز ئىچىشنى كۇتىۋاتقان  مۇشۇنداق ئىسل تارىحى يازمىلاردىن يەنە قانچىلىك باردۇر . نوۋەتتە تۇرمۇشىمىزدا ساحتا نەرسىلە كوپىيىپ كەتكەن بولعاچقا  بىز مانا مۇشۇنداق راست تارىحىقا مۇھتاج .
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 08:55 |
bahar.tilayman
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7367
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 42 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجرىڭىزگە رەخمەت.رايۇنىمىزغا ئىسلام دىنىنىڭ كىرىشكە باشلىغان ۋاختى 7-ئەسىرمۇ؟ 8-ئەسىرمۇ؟
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 14:17 |
jangqi19
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6168
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 38 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 39 سوم
تۆھپە: 23 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تىما ئىگسىگە تەشەككۈر ،،،،،
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 14:40 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر