»
سىز تېخى كىرمىدىڭىز
كىرىش
تىزىملىتىش
|
مۇلازىمەتلەر
|
تەۋسىيە
|
ئىزدەش
|
ياردەم
|
مېدال مەركىزى
مۇلازىمەتلەر
ئۇسلۇپ
wind
قىسقا ئۇچۇر
قۇبۇل ساندۇقى
يوللاش ساندۇقى
ئىز قوغلاش
يېڭى ئۇچۇر يېزىش
تىزگىن تاختا
باش بەت
ماتىرىيال تەھرىرلەش
ماتىرىيال كۆرۈش
دوستلار قاتارى
ھوقوق كۆرۈش
ئالتۇن باشقۇرۇش
ئالتۇن باشقۇرۇش
نۇمۇر ئالماشتۇرۇش
ئەزا گۇرۇپىسى سېتىۋېلىش
ساقلىغۇچ
تېمىلىرىم
سىتاتىستىكا
ئاساسىي سىتاتىستىكا
IP سىتاتىستىكىسى
باشقۇرغۇچىلار
باشقۇرۇش ئەھۋالى
توردىكىلەر
ئەزا دەرىجىسى
سەھىپە دەرىجىسى
يازما دەرىجىسى
باغداش باش بېتى
|
خەۋەر - ئۇچۇر
|
ناخشا - مۇزىكا
|
ئېكران
|
ئەدەبىيات
|
ئۆي بىزەش
|
تېما بىزەكلىرى
ئۇسلۇپ
wind
قىسقا ئۇچۇر
قۇبۇل ساندۇقى
يوللاش ساندۇقى
ئىز قوغلاش
يېڭى ئۇچۇر يېزىش
تىزگىن تاختا
باش بەت
ماتىرىيال تەھرىرلەش
ماتىرىيال كۆرۈش
دوستلار قاتارى
ھوقوق كۆرۈش
ئالتۇن باشقۇرۇش
ئالتۇن باشقۇرۇش
نۇمۇر ئالماشتۇرۇش
ئەزا گۇرۇپىسى سېتىۋېلىش
ساقلىغۇچ
تېمىلىرىم
سىتاتىستىكا
ئاساسىي سىتاتىستىكا
IP سىتاتىستىكىسى
باشقۇرغۇچىلار
باشقۇرۇش ئەھۋالى
توردىكىلەر
ئەزا دەرىجىسى
سەھىپە دەرىجىسى
يازما دەرىجىسى
wind
كۆڭۈلدىكى سۆز
بەس بەس مۇنازىرە
ئەدەبىي ئەسەرلەر
قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار
شېئىر - نەسىرلەر
خەۋەر ئۇچۇرلار
Bagdax bbs
»
شېئىر - نەسىرلەر
»
چۈشلىرىمدە ئېچىلماس گۈللەر(ئابدىرىيىم غازى ئوغلى شىېرلىرىدىن )
بۇ تېما 511 قېتىم كۆرۈلدى
يېڭى تېما
IE دا ساقلىۋېلىش
|
باش بەت قىلىش
|
تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
|
ئالدىنقى تېما
|
كىيىنكى تېما
newmoon
دەرىجىسى :
يىڭى ئەزا
UID نۇمۇرى : 8065
نادىر تېما :
0
يازما سانى :
3
شۆھرەت:
20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى:
20 سوم
تۆھپە:
11 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
11 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
چۈشلىرىمدە ئېچىلماس گۈللەر(ئابدىرىيىم غازى ئوغلى شىېرلىرىدىن )
سېھىر ئالىمى
دۇنيا سېنى سۆيدۈم مەن قاچان،
بەلكى ئەقىل مېنى تاپقاندا.
يەنە شۇمۇ بىھوش بىر زامان،
ئامەتلەرگە پەردە ياپقاندا.
سېھىرلەرگە تولغان بۇ زامان،
سېھىرلەرگە تولغان تەبىئەت.
سېھىرلەرگە تويۇنغان ماكان،
سېھىرلەرگە مۆككەن ھەقىقەت.
سېھىرلەرنىڭ چاڭگىلىدا بىز،
كېتىشلەردىن ئالمىدۇق خەۋەر.
سېھىرلەرنىڭ جاڭگىلىدا بىز،
سېھىرلەردە قىلدۇق ھەم سەپەر.
سېھىرلەرگە تولغان تەبىئەت،
گۈل-گىياھلار سولماس بى سەۋەب.
سېھىرلەردىن كۆرمىدۇق بىر خەت،
سېھىرلەردىن بۇ دۇنيا ئەجەب.
ئەتە ئۆگۈن ھەممىسى سېھىر،
بىز بىلمىگەن دۇنيا كەچمىشى.
ئادەملەردە پەقەت بار مېھىر،
مېھىرلەرسىز ئۆتمەس ھېچ كىشى.
چۈشلەر سىرى
كىم كىملەرگە بولىدۇ مۇشتاق،
داغدا قالدى بۇندا كۆڭۈللەر.
كەيىپلىكتە كۆرۈلدى چۈش تاق،
چۈشلىرىمدە ئېچىلماس گۈللەر.
چۈشلىرىمدە ئېچىلسا گۈللەر،
چۈشلىرىمدە سۇناتتىم ساڭا.
بۇ ئارزۇلار ئوڭۇمدا ئۆلەر،
چۈنكى ئەخلاق چەمبەرچەس ماڭا...
ھاياتىمدا ساختا سالاپەت،
يۈرىكىمنى قىلمىدى بايان.
ئەتراپىمدا نۇرغۇن كاساپەت،
مەن توغرىلىق سۆزلەيدۇ قىيان.....
بۇ سەترىمدە ئەخلاق،مۇھەببەت،
ئىككى دۇنيا بولدى بىپايان.
لېكىن سۆيگۈ ئەبەدىلئەبەت،
مەن ئۇنىڭدا بولىمەن ئايان.
گۈل ئالەم
يىللاردا تەشۋىش يوق،زاماندا كەچمىش،
ئادەمسىز بۇ دۇنيا پەقەت ھېچنېمە.
جانلىقسىز يارالماس ھېچقانداق تىۋىش،
ئادەملەر بولمىسا ھەممە بىمەنە.
ھەققىم يوق زارلاشقا ماكان،زاماندىن،
بىر تامچە سۇ بولسا شۇدۇر كۇپايە.
ھەققىم يوق زارلاشقا ياخشى،ياماندىن،
بارلىق كەچمىشلەر بۇ بىر ھېكايە.
ئادەملەر ياراتتى زارلىق ۋە خارلىق،
دەۋزەخ ۋە جەننەتمۇ ئادەملەر ئۈچۈن.
بۇ تەقدىر،بۇ قىسمەت ھەممىسى يارلىق،
بولمىغاچ ئادەمدە نىيەتلەر پۈتۈن.
ئادەملەر ئىلكىدە گۈللىگەن دەۋران،
بىر تامچە سۇدىمۇ ئېچىلغان گۈللەر.
ھاياتنى ھاياتقا ئۇلىغان كارۋان،
كۈندۈزگە ئۇلاشقان زۇلمەتلىك تۈنلەر.
كىملەر ئۇ زارلىغان گۈزەل دۇنيادىن،
ھېچكىمگە قىلمىدى دۇنيا يامانلىق.
ئۆتمەكتە بۇ دۇنيا شۇنچە گۇناھدىن،
ھەننىۋا جانلىققا تىلەپ ئامانلىق.
ناخشىدىكى باياۋان
مەھەللەڭدىن ئۆتتۈم بۇ كېچە،
تىڭشامدۇ دەپ ناخشامنى جانان.
ئايلىنارمەن بەلكى تاڭغىچە،
ماراپ يۈرۈپ داۋزاڭغا پىنھان.
سەن ۋەبەلكى شېرىن ئۇيقۇدا،
تولغىنارسەن بىلىپ بىلمەي ھەم.
چۈش ئىلكىدە،مەۋھۇم تۇيغۇدا،
چۈشەكەيسەن كۆزلىرىڭدە نەم.
تولغىنارسەن تاتلىق خۇلقىدا،
ئىلكىڭدىمەن،چۈشۈڭدە ھامان.
جۇدالىققا دەيلى ئەلۋىدا،
بىزگە ئاللاھ بەرسۇن بىر ماكان.
سۆيگۈمىز بار ھەممىدىن ئۇلۇغ،
رەزىللىكنى مەغلۇپ قىلغۇدەك.
بىز نېمىشقا قالىمىز قۇرۇق،
ماكانى يوق يۈرەك پاتقۇدەك.
مەھەللەڭدىن ئۆتتۈم بۇ كېچە،
دېرىزىدىن مارامدۇ يار دەپ.
چۆرگىلەرمەن بەلكى ئۆلگىچە،
سەن جەننەتنى چۈشەپ ئېسەدەپ.
بوسۇغاڭغا تاشلىدىم قوشاق
بوسۇغاڭغا تاشلىدىم قوشاق،
ئۈنۈپ كەتسۇن سۆيگۈ گۈللىرى.
ساڭا يەتمەس ئەي بەرگى قىياق،
دۇنيادىكى رەنا خىللىرى.
بوسۇغاڭغا تاشلىدىم قوشاق،
ياستۇقىڭدا پەيدا بۇ كېچە.
قۇلىقىڭدا ياڭرايدۇ شۇنداق،
«قاچما نىگار سۆيۈۋالغىچە».
بوسۇغاڭغا تاشلىدىم قوشاق،
زېمىنىڭغا سىڭىپ كەتكۈسى.
ئۆيلىرىڭنى ئەيلەپ پات – پاراق،
بىر ساڭىلا پەرياد ئەتكۈسى.
بوسۇغاڭغا تاشلىدىم قوشاق،
بۇ سۆيگۈمنى بىلەرسەنمۇ يار؟
ئىشىكىڭدە دىۋانە سىياق،
تۇرسام ئۈنچە بولما ئىچى تار.
(تارىم 2012-يىل5-سان)
تېما تەستىقلىغۇچى :
kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-04, 21:51
چوققا
[باش يازما]
ۋاقتى : 2012-06-04 21:50 |
budunya
دەرىجىسى :
دائىملىق ئەزا
UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما :
0
يازما سانى :
457
شۆھرەت:
2316 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى:
2318 سوم
تۆھپە:
1387 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
1388 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 442(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ياخشى شېىر يوللاپسىز ،رەخمەت داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا
[1 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2012-06-05 12:56 |
ordahiy
دەرىجىسى :
يىڭى ئەزا
UID نۇمۇرى : 8079
نادىر تېما :
0
يازما سانى :
12
شۆھرەت:
65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى:
65 سوم
تۆھپە:
38 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
38 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
چۈشلىرىمدە ئېچىلماس گۈلللەر .
ئويغاق تۇرۇپ گۈل تېرىشنى بىلمىسەڭ،
ئۇيقۇڭدىمۇ گۈل ئېچىلماس بىلەمسەن.
كەنتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىلىش
چوققا
[2 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2012-06-05 13:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى
كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەھىپە يۆتكەش
>> جاھاننامە
|- بەس بەس مۇنازىرە
|- دۇنياغا نەزەر
|- خەۋەر ئۇچۇرلار
|- ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلار
|- قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار
>> باغداش ئەدەبىيات سەنئەت كۆزنىكى
|- باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيتى
|- ئەدەبىي ئەسەرلەر
|- شېئىر - نەسىرلەر
|- تورداشلار ئىجادىيتى
|- تەرمىلەر
|- مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى
>> كۆكتىن تامدۇق كۆكتىن تامدۇق
|- ئالىم ، تىلشۇناس ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەيمىز
|- ئۇيغۇرنىڭ كۆزى
|- مەشھۇر شەخسلەر
|- تارىخ بەتلىرى
|- ئادەت قېرىماس
>> ئەينەك
|- كۆڭۈلدىكى سۆز
|- تەن ساقلىق -زور بايلىق
|- نىكاھ ۋە ئائىلە
|- خانىم -قىزلار سەمىگە
|- ياردەم ياردەم
>> كۆڭۈل ئېچىش ئارامگاھى
|- ناخشا - مۇزىكا
|- سۈرەتلىك فىلىم
|- رەسىملەر دۇنياسى
|- يۇمۇر چاقچاقلار
>> بىلىم غەزىنىسى
|- لاھىيە ئەسەرلەر
|- تىل ئۆگىنمەن
|- كومپىيوتورئۇچۇرلىرى
|- كومپىيوتوردىن سوئال - جاۋاپ
|- يۇمشاق دېتال بازىسى
>> مۇنبەر ئىشخانىسى
|- مۇنبەر ئۇقتۇرىشى
|- پىكىر -تەكلىپلەر
Bagdax bbs
»
شېئىر - نەسىرلەر