saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 887 قېتىم كۆرۈلدى
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 445
شۆھرەت: 2260 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2280 سوم
تۆھپە: 1353 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1358 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 جۇڭگولۇقلارنىڭ بەختىنى كىم ئوغۇرلاپ كەتتى

    تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دانىيە كىشىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ مەنبەسى باراۋەرلىك ئىكەن، سىنگاپورلۇقلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ مەنبەسى مۇكەممەل بولغان قانۇن ئىكەن؛ھىندىستاننىڭ كالكۇتتادا ياشايدىغان نامراتلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى بولسا ئۆز-ئارا مۈرىنى-مۈرىگە تېرەپ ياشاشتىن كېلىدىكەن…
         بايقاش تەس ئەمەسكى، ئادەملەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئۆزىنى بەختلىك ياكى بەختسىز دەپ قارىشى كۆپىنچە ھاللاردا ئىككى مەسىلىگە باغلىق بولىدۇ:
بىرى تاشقى ئامىل، يەنى بىز ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي چوڭ مۇھىت، يەنە بىرى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىمىز. بۇ ئىككى نۇقتىنىئ ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرنى كونكرېتلاشتۇرۇپ چىقساق تۆۋەندىكىلەرگە ئېرىشىمىز؛

1. ئېتىقادسىزلىق
بۇ مەسىلىنى سۆزلەپ كەلسەك گەپ جىق، ئەمما جۇڭگولۇقلار بارغانچە شۇنى ئىنىق ھېس قىلىدۇكى، ئېتىقادسىزلىق بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگولۇقلارغا جىق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئېتىقادسىزلىق كۆپلىگەن ئەخلاقسىزلىق، رەزىللىك ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىگە خاس بولمىغان ھالەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى مەنبە.

2.تۈگىمەس سېلىشتۇرۇش
غەربلىكلەردە مۇنداق گەپ بار: «بىرئادەمنىڭ بەختىيار بولۇشى، تەلەيلىك بولۇشى ئۆزىنىڭ قانچىلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى بىلەن ئەمەس، ئۇنىڭ قوشنىسىنىڭ ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىشى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.»  بىراق، جۇڭگولۇقلارنىڭ قوغلىشىدىغىنى بەختىيارلىقنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى باشقىلاربىلەن بەسلىشىش. ھەقىقەت شۇكى باشقىلارنىڭ بەختىيارلىقى بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى سېلىشتۇرغان ۋاقتىمىزدا، بەخت بىزدىن يەنىمۇ يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ.

3.بەخت ئىلكىدىكى بەخىتسىزلىك تۇيغۇسى
سىز چىراق يېقىلغان ئۆيدە تۇرغىنىڭىزدا چىراغقا دىققەت قىلمايسىز، ئەمما چىراغ ئۆچۈرۈلسە ئاندىن ئۇنىڭ مەۋجۈتلىكىگە دىققەت قىلىسىز. جۇڭگولۇقلاردىكى بىر ئورتاقلىق دەل شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئېرىشكەنلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيدۇ، ئايرىلىپ قالغاندا قاقشايدۇ.

4.گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى
جۇڭگولۇقلار دائىم تەبىئەتنىڭ ئەسلى گۈزەللىكىنى، سەنئەتنىڭ گۈزەللىكىنى، مەنىۋىيەتتىكى گۈزەللىكلەرنى بايقىيالمايدۇ ياكى قىلچىلىك چۈشەنمەيدۇ.

5.تەقدىم قىلىشنى بىلمەسلىك
جۇڭگودا تەقدىم قىلىش ھەققىدە داۋراڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قىلىنىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە جۇڭگولۇقلار تەقدىم قىلىشنى تۈزۈك چۈشەنمەيدۇ. خەيرى -ساخاۋەت پەقەت بايلارنىڭ ئىشى ئەمەس، ھەم ئۇ پەقەت ماددىي بايلىقنىڭلا ئىشى ئەمەس. نەچچە مىليون ئىئانە قىلىش خەيرى-ساخاۋەت بولسا، باشقىلارغا كۈلۈمسىرەپ بېقىشمۇ بىرتۈرلۈك ساخاۋەت، جۇڭگولۇقلاردا دەل مۇشۇخىل تەقدىم قىلىش يوق.

6.  ھەددىدىن زىيادە ئاچكۆزلۈك
ئادەم قاچان قانائەت تاپىدۇ؟ ئەگەر نەپسىنى يىغىشنى بىلمىسە مەڭگۈ قانائەت تاپمايدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاچكۆزلىكىگە گەپ ئىشلىمەيدۇ.

7.زىيادە ئەنسىزلىك تۇيغۇسى
بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش، بايلىقىدىن ئەنسىرەش، سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەش، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىدىن ئەنسىرەش، خىزمەت ئورنىدىن ئەنسىرەش………..ھازىر جۇڭگودا كىشلەر نېمىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە ئەنسىزلىك بارجايدا، بەخت تۇيغۇسى نېمە ئىش قىلىدۇ؟

8. زىيادە بېسىم
سىياسى بېسىم، خىزمەت بېسىمى، ئائىلە بېسىمى، پىسخىكىلىق بېسىم، ئىقتىسادىي بېىسم، كىشىلىك مۇناسىۋەت بېسىمى……دۇنيادىكى ھەممە بېسىملار جۇڭگودىن تېپىلىدۇ.

9. زىيادە يۇقىرى ئۆلچەملەر
جۇڭگولۇقلار ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى ئارقىلىق، باشقىلارغا تەلەپ قويىدۇ، يەنى مەن قىلالايمەن، سەن نېمىشقا قىلالمايسەن؟ ، يەنە باشقىلارنىڭ ئۆلچىمىدە ئۆزىگە تەلەپ قويىۋالىدۇ، يەنى ئۇ قىلالايدۇ، مەن نېمىشقا قىلالمايمەن؟ .جۇڭگولۇقلار جەزمەن ئۆزىگە ئۇيغۇن ئۆلچەم قويۇشنى بىلىۋېلىشى كېرەك.

10. ئۆزى بولالماسلىق
بىرئادەم، ياخشى بالا بولالايدۇ، ياخشى ئاتا-ئانا بولالايدۇ، ياخشى دوست بولالايدۇ، ياخشى ھەمراھ بولالايدۇ..بىراق، ئەگەر بىرئادەم ئۆز نىشانىدىكى «مەن» بولالمىسا، دائىم ئۆزى بىلەن كۈرەش قىلسا، ئۇ ئەلۋەتتە تەڭپۇڭ بولالمايدۇ،خۇشھاللىقتىن بەك يىراقتا قالىدۇ
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-03, 17:24
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-03 00:51 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1142
شۆھرەت: 6115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6163 سوم
تۆھپە: 3613 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3651 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 445(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنڭچە بولغاندا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ بەخىت تۇيغۇسىىنى سەرسان سەكسەن سەككىز ئوغۇرلاپ كەتتى ، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ ،           
چۈنكى سىز ئوغۇرلاپلا ئۈزىڭىزگە ئوخشاش سەرسان قىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاپىرىپ جۇڭگۇلقلارنىڭ بەختىنى سەرسان قىلىۋېتىسىز  
7.زىيادە ئەنسىزلىك تۇيغۇسى
بۇ تۈرگە مەن ناھايىتى قايىل بۇ خەق ھازىر يېنىدا ئۈنلۈكرەك گەپ قىلىپ قويسىمۇ ئۈزىنى قويىدىغان جايىنى تاپالماي قالىدۇ ، خۇددى ھازىرلا ئاتوم بومبىسى پارتىلايدىغاندەك ،
ئوسىرالمىسىمۇ دوختۇرغانىغا قاتىراپ يۈرىدغانلىرى ناھايىتى جىق ،

6.  ھەددىدىن زىيادە ئاچكۆزلۈك
ئۇلارنىڭ ئاچكۈزلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ ، پۇل مال دۇنيا ئۇلارنىڭ جېنى ،
ئىشقىلىپ ئون تۈرلۈك ئىشنىڭ ھەممىسلا بۇ خەقتە بار ،
بەزىلىرى بىزدىمۇ گەۋدىلەنمەكتە ،
[ بۇ يازمىنىbahdaxohliدە2012-06-03 20:05قايتا تەھرى ]
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-03 19:57 |
0902alka
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممىسىلا ئورۇنلۇق گەپلەر ئىكەن
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-03 22:06 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1593
شۆھرەت: 8575 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 8635 سوم
تۆھپە: 5053 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5061 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2440(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جۇڭگولۇقلار يەپ ئىچىپ چىچىپ يۇرۇش بىلەنلا ئالدىراش ،
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-04 10:24 |
budunya
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 423
شۆھرەت: 2151 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2153 سوم
تۆھپە: 1288 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1289 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 432(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پۈتۈن جۇڭگولۇققا كۆرسەتسە بولغىدەك بۇتېمىنى    
simfoniya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-04 13:44 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر