كەچمىشلېرىڭ ئايان ئۆزۈڭگە!
‹‹يانتاق››
كۆل بۇيىدا تۇردۇڭ ئويلۇنۇپ،
ھاياتىڭنىڭ ياشلىق پەيزىنى.
كۆز ئالدىڭدا غۇۋا سايىىسى،
كەيىپ سۈردۈڭ ھايات پەيزىنى.
ساڭا كۆيگەن ئاشۇ پاك قىزچاق،
تەقدىم ئەتكەن ساڭا قەلبىىنى.
سەنمۇ ئېيتقان ۋەدىلەر بېرىپ،
چىن دىلىمدىن سۈيەي مەن سىنى.
ئىشىنىشىپ ئۆز ئارا شۇنداق،
دادىل قەدەم تاشلانغان چاغدا.
بەك ساماۋىي پۇتۇلدى كۇڭۇل،
رىشتىلەرمۇ چىگىلىپ باغدا.
سىلەر كىرگەن ئاشۇ باغچىدا،
ئېچىلغانتى ھايات گۈللېرى.
چاڭ چىقىرىپ ئۆتكەن ئىدىغۇ،
مۇھەببەتنىڭ بىھۇش كۇنلېرى.
چەيلىدىڭغۇ ئاخىرى ئۆزۈڭ،
ئېچىلدۇرغان ئاشۇ غۇنچىنى.
نالىلېرى يەتمىگەچ ساڭا،
قۇلىقىدىن يۇلدۇڭ ئۈنچىنى.
ساڭا تاماق قىلغان قۇلىدىن،
تارتىۋىلدىڭ ئۈزۈكلېرىنى.
پارە-پارە قىلدىڭ ھىيىقماي،
ساڭا كۇيگەن يۈرەكلېرىنى.
ساڭا تاماق قىلغان ئەمەسمۇ؟
سىنى ئۆيدە يۇيغان ئەمەسمۇ؟
خىزمىتىڭدىن ھېرىپ كەلگەندە؟
پۇتلېرىڭنى تۇتقان ئەمەسمۇ؟
كىرىپ كەتسە پۇتىڭغا تىكەن،
كىرپىكىدە ئالغان ئەمەسمۇ؟
كىسەل بۇلۇپ يېتىپ قالغاندا،
پەرۋەنىدەك يۇرگەن ئەمەسمۇ؟
يول تاپالماي يۈرگەن چېغىڭدا،
يول تاپتۇرغان ئاشۇ ئەمەسمۇ؟
پۇل تاپالماي يۇرگەن چېغىڭدا،
بىللە ئىشلەپ تاپقان ئەمەسمۇ؟
ئاسىيلىق قىپ كۈيۈپ باشقىغا،
ئەمدى كېلىپ تاشلىدىڭ نىچۈن؟
تېنىپ كەتتىڭ ھەقىقى ياردىن!
زەھەرخەندە بۇپكەتكەچ ئىچىڭ!
خاتىرەڭدىن ئويلاپ كۆرگەنسەن،
قارا سۇۋاپ يۈردۈڭ يۈزۈڭگە.
ۋاپاسىزلىق قىلغىنىڭ ئازاپ،
كەچمىشلېرىڭ ئايان ئۆزۈڭگە.