saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 625 قېتىم كۆرۈلدى
maktapmudiri
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6816
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 35 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 35 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 كەمىنە مەكتەپ مۇدىرىدىن ئۇستازىمغا يېزىلغان جاۋاپ خەت (3)



  ھۆرمەتلىك ئۇستازىم، خىزمەت ئالدىراشچىلىق بىلەن ھازىرجاۋاپ بولالماي قالدىم. سىزنىڭ باشلانغۇچ، تولۇقسىز سىنىپلاردىكى تەربىيەلىرىڭىز ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئادەمىلىك مىزانىمدا سىز تۈزگەن ماددىلار ھېىھەم مەۋجۇت. سىزنىڭ نەسىھەتلىرىڭىزنى ئاڭلاش، تەنبىھلىرىڭىزگە تىك تۇرۇش، شاگىرتنىڭ ئۇستاز ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىدۇر. ئەمما ماڭا توغرا باھا بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن،

ئۇستازىم، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر مېنىڭ يىتەكچىلىرىم، ئوقۇتقۇچىلار مېنىڭ ئەينىگىم.

  پىشقەدەم ئۇستاز، مېنىڭ كېلىپ چىقىشىم ئەسلىدىنلا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچىلاردا مالايلارچە قىلىق بولمايدۇ. بىر ئوقۇتقۇچى مالايلاچە قىلىقنى قاملاشتۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇنداق قىلىپ ئادەتلەنمىگەن، ئۇقۇتقۇچىدا ئۇنداق قىلىق بولسا ھەم بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىر مىللەتنىڭ، شۇ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ كىلەچىكىنىڭ مەسئۇلى. ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ، سەمىمىلىكنىڭ، مېھرىبانلىقنىڭ، كۆيۈمچانلىقنىڭ ئۈلگىسى. مەن  ئۆزۈمنى ھېلىمۇ بىر ئوقۇتقۇچى دەپ قارايمەن. ھەركۈنى ئىشقا كەلگەندە ئاۋال "بۈگۈن، مۇشۇ ھەپتە، مۇشۇ ئاي ئەڭ كېچىككەندە مۇشۇ ئوقۇش مەۋسۈمىدە مۇدىر دىگەن لەقەم بىلەن خوشلىشىشىم مۈمكىن" دەپ ئويلايمەن، ھەم مۇشۇ مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىسنىڭ، ماتىماتىكا ئوقۇتۇش گورپپىسىنىڭ، ياكى باشقا پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ...ئىشخانىسىغا تەقسىم قىلىنىشنى تەلەپ قىلىشنى ئويلاپ قويىمەن، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىغا كىرىشنى خالىمايمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇ تىلدا سەۋىيەم تۆۋەن، دەرىسكە كىرەلمەيمەن.

  ئوستازىم، بۇ مۇدىرلىقتىن چۈشسەم سىنىپ مۇدىرى  بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ھوزۇرى مەكتەپ مۇدىرىلىق، ياكى دەرس ئوقۇتقۇچىلىقتا ئەمەس، بەلكى سىنىپ مۇدىرىلىقتا. سىنىپتىكى  مۇناسىۋەت شۇنداق تەبىئى، ساددا، چىن، مەسۇم كۆزلەردىن سىزگە بولغان ئىشەنچ، غۇرۇر، ھەقىقى سۆيگۈ ئۇچقۇنداپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھوزۇرى ئۇزاققىچە  ئۇنتۇلغۇسىز بولىدۇ. سىنىپتا شۇنداق كۈلۈپ قويسىڭىز دۇنيا ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ. قاپاق تۈرسىڭىزمۇ يەنىلا ساددىلارچە كۈلۈپ تۇرغان چىرايلارنى كۆرەلەيسىز. سىنىپ ئىچىدىكى دۇنيا پاكلىقنىڭ، تەبىئىلىكنىڭ، چىنلىقنىڭ  ئۈلگىسىدۇر. دىمەككى ئۇستازىم، مەندە مالايلاچە يىرگىنىچلىك قىلىق، خوشامەتكۇيلۇقتەك شەرمەندىلىك مەۋجۇت ئەمەس. مەيلى كىم بولسۇن، خۇشخۇي چىراي، سەمىمى، قىزغىن مۇئامىلە- مۇناسىۋەت يولۇمدۇر.

ئۇستازىم،  يەنىلا دىمەكچىمەنكى مېنىڭ كېلىپ چىقىشىم ئەسلىدىنلا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجىر، مىھنىتى ئەزەلدىنلا مىننەتسىزدۇر. ھۆرمەت، مەرتىۋە تەمەسىدە بولۇش مېنىڭ ئادىمىىك  ئەخلاق پىرىنسىپىمدا يوقتۇر. مەن ھەرۋاقىت ئوقۇتقۇچىلار بىلەن باراۋەردۇرمەن، ھەر قېتىملىق يىغىن، يىغىلىشلاردا ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم "مېنىڭ مۇشۇ ئورۇندا سىلەرگە مۇشۇ يىغىننى ئېچىشى، ياكى مۇشۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى قىلىشىم، مېنىڭ سەۋىيەمنىڭ يۇقىرىلىقىدىن، ياكى بىلىمىمنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس، مەن دىمەكچى بولغانلارنى ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ بىلىسىلەر، ئەمما ئۇنتۇلۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن قىلماي قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىۋاتىمەن. سىلەردىن قايسى بىرىڭلار مېنىڭ ئورنۇمدا بولساڭلارمۇ مەندەك قىلاتتىڭلار...دەۋېتىپ ئاندىن باشلايمەن. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق.

ئۇستازىم، ھەر كۈنى مەيلى سىرتتا بولسۇن، مەيلى مەكتەپ ئىچىدە بولسۇن ئۇچرىغانلىكى ئوقۇتقۇچلار بىلەن ئىللىق سالاملىشىش، ھەتتا چاقچاقلىشىپ كۈلۈشۈپ كېتىش، غەمكىن چىرايلار بىلەن بىر دەم، يېرىم دەم مۇڭدىشىپ تەسەللى بېرىش مېنىڭ ئادىتىم. ھىچ بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ خوشاللىقى، خاپىلىقى مېنىڭ بىلىشىمنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ھەتتاكى توي قىلمىغان، قىز، يىگىت بالا ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ مەن بىلەن ئەھۋاللىشىپ، تۇرمۇش ئىشلىرىدا تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىرىدىن مېنىڭ مەسلىھەتىمنى ئالىدۇ. مەن ئۆزەمنى ئۇلارغا مۇدىر دەپ ھېچبىر كېبىر قىلغىنىمنى ئۇقمايمەن. پىرىنسىپىمدا قەلبىمدە زەررىچىلىك كىبىر بولۇپ قالسا بولمايدۇ. مەن ئۈچۈن بىز ھەممىمىز خىزمەتداش. ئەمما بەزىدە بەزىبىر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن خىزمەت ئىشلرى بىلەن سۈركىلىشىپ قالىمىز. ھەتتا ۋاقىرىشىپمۇ قالىمىز. بۇنداق چاغلاردا يېرىم سائەتتىن كېيىن ئىشخانامغا چاقىرتىپ،"ماڭا قاراڭ، سىز بىلەن يۈزيىل تامخوشنا بولۇپ ئولتۇرساق سەن-پەن دىمەي ھۆرمىتىمىزنى قىلىشىپ ئۆتىدىغان خۇي-پەيلىدىكى ئادەملەر بىز، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ. مەن ئالدىراقسانلىق قىلغان بولسام ئېغىر ئالماڭ...، دەپ بولغىچە ئۇلارمۇ مەندىن ئۆتۈپتۇ، ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتنى ئورۇنلاشقا ئەھمىيەت بەرمەپتىمەن..."دىيىشىپ، بىر بىرىمىزگە ئۆزرە ئېيتىشىپ، بىردەمدە ئوڭشىلىپ  قالىمىز، مېنىڭمۇ ئۇنىڭلىق بىلەن ئىناۋىتىم چۈشۈپ كەتمەيدۇ. ئوقۇتقۇچۇمنىڭمۇ قاپىقى تۈرۈلۈپ قالمايدۇ. شۇڭا خىزمەت ئورنۇمدا مەن ياقتۇرمايدىغان بىرمۇ ئوقۇتقۇچى يوق، مېنى ياقتۇرمايدىغانلارمۇ يوق دەپ خاتىرجەم خىزمەت قىلىمەن. ھازىرغىچە ئوننەچچە يىل مۇدىر بوپتىمەن. بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن خىزمەت مۇناسىۋىتى  بىلەن خىزمەت پارىڭىنى ئۈنلۈكرەك دىيىشىپ زۇكۇنلىشىپ قالساقمۇ، خىزمەت مۇناسىۋىتىدىكى ئىشلار سەۋەپلىك خىزمەتنىڭ سىرتىدىكى سەت گەپلەر بىلەن سەن-پەن دىيىشىپ قالغان يىرىم يوق.

ئۇستازىم، ھاراق-تاماكىنىڭ گېپىنى ئىككىنچى قېتىم يەنە تىلغا ئاپسىز، ئېسىڭىزدە بولسۇن، شاگىرتلىرى مەكتەپ مۇدىرى بولغاندىن باشلاپ ئۇلاردىن خالى. بىلىڭكى خوشامەتكويلۇق، چېقىمچىلىق، غەيۋەتخورلۇقنى ناھايىتى يامان كۆرىمەن، سەۋەبىنى سىزگە دىگۈم يوق. ئۇستازىم، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار مېنىڭ يېنىمغا ياكى قايسىبىر ئوقۇتقۇچىنىڭ، ياكى مەكتەپتىكى قايسىبىر سېكىرتار، ۋەياكى ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرى ئۈستىدىن يالغۇز شىكايەت قىلىپ كىرەلمەيدۇ. كوللىكتىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قالغان ئورۇنلاردىمۇ مەيلى مەكتەپتىكى قايسىبىرىنىڭ ياكى مەن تۇنىمايدىغان بىرەرسىنىڭمۇ غەيۋىتىنى ئاساسەن قىلىشالمايدۇ. خوشامەتنىڭ گېپىنى قىپسىز، ماڭا مەكتەپتە ھېچكىم خوشامەت قىلمايدۇ. مەن خوشامەتكە ئورۇن قالدۇرمايمەن. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى خوشامەت قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ھەرقانداق ئىش، يەنى، ئىنۋان باھالاش، مۇنەۋۋەرلەرنى بىكىتىش، سىنىپ مۇدىرى بىكىتىش، تۈرلۈك تەمىناتلاردىن بەھرىمان بولۇش... دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى كوللىكتىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەممەيلەن بۇ ئىشلارنىڭ قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. ماڭا خوشامەت قىلغاننىڭ پايدىسى يوقلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ھېس قىلىشىمچە، خۇددى مەن شۇلارنى ھۆرمەتلىگەندەكلا ئۇلارمۇ  مېنى ھۆرمەت قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بېرىدىغان ئاقچىنىڭ گېپىنى قىلىپسىز، ئالى مەكتەپ مۇدىرىلىرىغا قانداقكىن، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىرىغا ئاقچا بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى تېخى تۇغۇلمىدىمىكىن، بىراق بەزىدە ئىنۋان دەرىجىسىنىڭ تولۇقلىمىسىنى ئالغان، ياكى يىراق يەرلەرگە ساياھەتكە، تۇققان يوقلاشقا، تەربىيلىنىشكە... چىققان  بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىرەر تال كۆينەك، بىرەر جۈپ پايپاق، ياكى باشقا خاتىرە بۇيۇم سوغا قىلىدۇ. بۇنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن. چۈنكى ئۇنى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس بەزىدە ئوقۇتۇش گورۇپپىسىسدىكى ئوقۇتقۇچلارغا قوشۇپ، بەزىدە بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىللە يىغىن تۈگىگەندە ئۇچۇق-ئاشكارە تارقىتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى پارا دەپ قارىمايمەن. بۇلارنى مېنىڭ يۈزۈمنى قىلغىنى، مېنىڭ يىتەكچىلىكىمدىن رازى بولغىنى دەپ ئويلايمەن. مۇشۇنداق چاغلاردا خىزمەتتتە ئاشۇرىۋەتكەن تەرەپلىرىمنى ئويلاپ خىجىلچىلىقتا يۈزلىرىم چىمىلداپ كېتىدۇ. خىزمەت پوزۇتسىيەم، خىزمەت ئۇسۇلۇمغا يەنىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىمەن.

ئۇستازىم، سىز توغرا دەپسىز، مەكتەپ ھەقىقەتەن بىز ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى ئائىلىسى، بۇيەردە تۈرەمە دىگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس. مەكتەپنى باغچىدەك گۈزەل، يېقىشلىق جايلارغا ئوخشىتىش لازىم. مەكتەپ قانداقمۇ تۈرمىگە ئوخشىسۇن. مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن گۈزەل، ئۇنتۇلغۇسىز، مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن گۈزەللىك، سەمىمىلىك، چىنلىقنىڭ ئۈلگىسى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مىننەتسىز مۇناسىۋەت كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىقنىڭ روشەن كارتىنىسى، مەن بىر ئادەممەن، مەن بىر ئوقۇتقۇچىمەن! جاپا ھەم ھالاۋەتتىكى ھەمبەھىر سەپەرداشلارغا، شۇ سەبى قەلىبلەرگە قانداقمۇ تۈرمىنى ئەسلىتەي! ئۇستازىم مەكتەپنىڭ سىرتىدىكى بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ھەقىقەتەن چەكلەپ بىرنەچچىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. چۈنكى يۇقىرىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتكە تەشكىللەشتە بەلگىلىمىسى قاتتىق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇش، چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئەمما مەكتەپ ئىچىدە پائالىيەتلەر نورمال، بۇنىڭدىن كىيىن پائالىيەت تەشكىللەشتىن ئاۋال، چوقۇم ئاۋال مەكتەپ ئىچىنى تاللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بولمىسا يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى مۈمكىن، ئوقۇتقۇچىلار كېلىشىپ تەشكىللىگەن ئولتۇرۇشلارنىمۇ چەكلىدىڭىز دىگىنىڭىز قاملاشماپتۇ، بۇنى مەن قانداقمۇ چەكلەپ بولاي، رېستۇران، تاماقخانىلارنىڭ ئاچقۇچى مەندە ئەمەس ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا خىزمەت ۋاقتى بولمىسىلا مەندىن رۇخسەت ئېلىش نە ھاجەت، ھەرقانداق بىر ئورگاندا قائىدە-تۈزۈم پىرىنسىپلار بولمىسا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنى مەكتەپ مۇدىرى ئەمەس ئادەملەر ئورتاق بەرپا قىلغان. تۈزۈمسىزلىك، قائىدىسزلىك بۇ مەغلۇبىيەت دىمەكتۇر. «مەكتەپ گويا تۈرمىدەك، بىز ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتىدۇ...» ھازىر بىزنىڭ مەكتەپتە بولسۇن ياكى باشقا مەكتەپتە بولسۇن ئەتتىگەنلىك مەجبۇرى مۇزاكىرە ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئازلاپ كەتتى، تەنەپۇس بولدىمۇ، ۋاراڭ چۇرۇڭ، بىر بىرى بىلەن ئويناشماق، ھاتتا ھەر سائەتلىك دەرسكە نەچچە ئوقۇغۇچى كېچىكىپ كىرىشىدۇ. چۈشلۈك ئارام، چۈشتىن كىيىنكى دەرستىن كىيىنكى پائالىيەتلەردە ۋالىبول، ۋاسكىتبول، تىكتاكتوپ... لار قىزىپ كېتىدۇ. قاياققىلار قارىسىڭىز ۋاقىراپ-جاقىراشلار... سىز قايسى ئەركىنلىكنىڭ گېپىنى قىلدىڭىز؟ مەن بىلەلمەي قالدىم. مەملىكىتىمىزدە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەت كۈنلىرىدىكى بۇ سەككىز سائەتتە چۇقۇم خىزمەت ئورنىدىن رۇخسەتسىز ئايرىلماسلىقى، نورمال خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىشى كېرەك. مەكتەپلەردە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ھەپتىلىك، ئايلىق، مەۋسۈملۈك پىلان بوينچە ئورۇنلارشتۇرۇلغان، شۇ پىلان بويىنچە تۈرلۈك پائالىەيتلەرگە تەشكىللىنىدۇ. ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغاننى، ئۆزى بىلگەننى قىلىدىغان ئىش يوق، بۇنداق ئەھۋالنى تۈرمىگە ئوخشاتسىڭىز، ئەركىنلىكنى بوغقانلىق دەپ چۈشەنسىڭىز قانداق بولىدۇ؟! 40يىللىق ئوقۇتقۇچىغا خاس پىكىر قىلىڭ، ئوقۇغۇچى دىگەننى 40،45مىنۇتلۇق دەرس سائىتىدە باشقۇرۇپ تۇرغىلى بولىدۇ. دەرس سائىتى توشتىمۇ ئۇنى باشقۇرۇش، پائالىيىتىنى كونتىرول قىلىش بۇ ئەقىلغا سىغمايدۇ. ئەمما شۇ كۈنلۈك پائالىيەت ئاخىرلاشقىچە مەكتەپ ئىچىدىن چىقىپ كېتىش، دەرس ۋە پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ئەركىنلىكى چەكلىنىدۇ. مەكتەپ تەرتىپ، ئىنتىزام، ئىلىم-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان، ئىرادىنى چېنىقتۇرىدىغان بازا، تەرتىپ، ئىنتىزام دېگەننىڭ ئۆزى بەلگىلىك چەك، دائىرە دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مەكتەپ ئىنتىزامىدا تەنتەربىيە پائالىيىتىنىلا ياقتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىمۇ باشقا دەرسلەرگىمۇ قاتنىشىشى كېرەك. پەقەت تەنتەربىيە دەرسىگە قىزىقمايدىغان ئوقۇغۇچىمۇ چۇقۇم ياقتۇرمىسىمۇ تەنتەربىيە دەرسى ۋە پائالىيىتىگە قاتنىشىشى كېرەك. مەكتەپتە چەكلىنىدىغان ئەركىنلىك مانا مۇشۇ دائىرىدە بولىدۇ. بۇ چەكلىمىلەر بۇزۇۋېتىلسە ئوقۇ-ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ.

ئۇستازىم، ھەقىقەتەن بىز ھەممىمىز مائارىپنىڭ چاكىرى، ھەممىمىز مائارىپنىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيىۋاتقانلار، كەڭ قورساق، ئەمەلىيەتچىل، سەمىمى بولۇشىمىز كېرەك ئىدى. خېتىڭىزنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم. 40يىللىق مائارىپچىنىڭ مائارىپ ھەققىدىكى قارىشى، چۈشەنچىسى، مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى بىر قىسىم تەرەپلەرگە تۇتقان پوزۇتسىيىسى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بىر مەكتەپتە بىر نەپەر مۇدىر بولىدۇ. نەچچە ئون، نەچچە يۈز ئوقۇتقۇچى، نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى بولىدۇ. بىر مۇدىر شۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، ھەتتا ئوي خىياللىرىنى، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قانداقمۇ باشقۇرۇپ بولسۇن، نەچچە ئون ئوقۇتقۇچى بار بىر مەكتەپتىمۇ مۇدىر بىرنەچچە، نەچچە يۈز ئوقۇتقۇچى بار مەكتەپتە ئوننەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپتە بار يوقلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلمى بۆلمۈم مۇدىرىلىرى، ئوقۇتۇش گورۇپپا باشلىقلىقلىرى بىۋاستا باشقۇرىدۇ. بىر كۈن ئىچىدىكى رۇخسەت ئىشلىرىنى ئىلمى مۇدىرلار، يېرىم كۈن ئىچىدىكى رۇخسەتنى ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرى بىجىرىدۇ. سىنىپلار خىزمتىىنى ياچايكا مەسئۇللىقىدا ئەخلاقى تەربىيە بۆلۈمى، يىللىقلار گۇرۇپپا مەسئۇلى، سىنىپ مۇدىرىلىرى باشقۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىتتىپاق، ئەترەت تەشكىلاتلىرى باشقۇرىدۇ. قايسى كۈنى قانداق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مەن ھەممىسىنى ئۇقۇپ كەتمەيمەن. مەكتەپ دەرىجىلىك پائالىيەتلەر بولغاندىلا ھەرقايسى تارماق مەسئۇللىرى ماڭا دوكىلات قىلىپ يوليۇرۇق سورايدۇ. بىر مۇدىرنىڭ سىز دىگەن ھەممە ئىشلارنى باشقۇرۇپ بولۇشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن. ئۇستازىم، «سىزنىڭ ئائىلە ئىشلىرىڭىزنى قىلىدىغان چاكار ئەمەس» دەپسىز، مېنىڭ ئائىلەمدە قايسى ئىشلار باردۇ؟ ھەممە ئوقۇتقۇچىلار قىلىشىپ كەتكۈدەك. كىچىككىنە بىنا ئۆيدە قىلىپ بولالمىغىدەك قانداق ئىش بولماقچىدى. كەمچىللىكسىز ئادەم بولمايدۇ. مەندىنمۇ خىزمەت، تۇرمۇش جەريانىدا تۈرلۈك سەۋەنلىكلەرنىڭ ئۆتۈپ تۇرۇشى تەبىئى، ئەمما، ماڭا چاپلىغان بىر قىسىم بۆھتانلىرىڭىزنى ئويلىسام، سىزنىڭ40يىللىق تارىخقا ئىگە شەرەپلىك ئوقۇتقۇچى، مېنىڭ ئۇستازىم ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.

ئۇستازىم، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا پەقەت خىزمەت مۇناسىۋىتىلا بار. خىزمەت سىرتىدىكى ئىشلار بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق. مېنىڭ ھاراق، تاماكا بىلەن خوشۇم يوق، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنداق سورۇنلارغا مېنى چاقىرمايدۇ، چاقىرسىمۇ ئۆزرە ئېيتىمەن. بارساممۇ تاماققا داخىل بولۇپلا قايتىپ قالىمەن. شۇڭا خىزمەتنىڭ سىرتىدىكى ۋاقىتلاردا قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلمىسىلا ئاساسەن ئالاقە قىلمايمەن.

 ئۇستازىم، ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقەتەن مېنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەنمۇ ھەم شۇنداق ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتىمەن. 10نەچچە يىل مۇدىر بوپتىمەن، بىر ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچىنى ھاقارەتلەپ باققىنىم يوق. مەن ئەزەلدىن كەمسۆز، تولا گەپ خالىمايمەن. جىق گەپ قىلىدىغان ئادەم بىلەن زادىلا چىقىشالمايمەن. ھاقارەت سۆزلىرىنى بىلمەيمەن. يىغىن ئاچساممۇ، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلساممۇ قۇرۇق كەلىمە سۆزلىمەي نەق گەپنى قىلىپ تۈگىتىمەن. تاپشۇرغان ۋەزىپىلىرمنىمۇ مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن ۋاقتىدا ئۆتكۈزىۋالىمەن. ۋاقتىدا پۈتتۈرەلمىگەنلەرگە قاراپ قاپاقلىرىمنى تۇرۈپ گەپمۇ قىلماي كېتىپ قالىمەن. پۈتتۈرۈپ بولغانلىق دوكىلاتىدىن كىيىن بولسا قاپاق تۈرگەنلىكىمگىمۇ پۇشايمان قىلىپ قالىمەن. ئىشقىلىپ ئەزەلدىن سىز دىگەندەك چالۋاقاپ كەتمەيمەن. «ئوقۇتقۇچىلارغا شەخسى مۇئامىلىڭىزنىمۇ خاتىرجەم ئورۇنلاشتۇرىسىز» دەپسىز، بۇنداق پەسكەشلىكنى خىيالمۇ قىلىپ باققان ئەمەسمەن. يوللاردا پۇل ئۇچراپ قالسىمۇ ئىگىسىنى تاپالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئالماي كېتىدىغان ئادەممەن.

 ئۇستازىم،  خىزمەت دىگەن تارازىغا سالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەسكەن، تەڭ تەقسىم قىلغىلى شۇڭا ئارتۇق كەم بولۇپ قېلىشلا بولۇپ تۇرىدۇ. قىسمەن نارازى بولىدىغانلار ھەم چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال، ھەممە تەرەپلەردە كەمكۈتىسىز ئىش قىلىش بۇ ئەقىلغە سىغمايدۇ. بۇلارنى توغرا چۈشىنىڭ، مەن ئەتراپىمدا ئۈن-تۈنسىز، شەخسيەتسىز تۆھبە قوشىۋاتقانلارنىڭ كۆپلىگىدىن خاتىرجەممەن. قىسمەن پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ بولۇشىمۇ تەبىئى، بۇلار ئۈچۈن ئاھ، پاھ، ئوڭشايتتىم دەپ كىتىش بۇ مېنىڭ قارىشىمدا ئەخمەقلىق. بۇنداقلار، مەن ھەم شەخسىيەتسىز تۆھبە قوشۇش روھىغا ئىگە كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن بىر ئەينەك. ئۇستازىم، «سىزنىڭ بىزدىكى ھەققىڭىز تۈگەپ بولغان» دەپسىز، بۇ قانداق گەپ، مەن ئەزەلدىن ئوقۇتقۇچىلاردا ھەققىم بار دەپ قارىغان ئەمەس، بۇنداق قاراش ھەم ئەقىلغە سىغمايدۇ. مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلاردا ھەققىم بولغىدەك. مەن ئەزەلدىن ئۆزەمنى باشقۇرغۇچى دەپ تەمەننا قويۇپ باققان ئەمەس، مەن بىر يىتەكچى، نازارەتچى، چۈنكى ھەممەيلەن ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرۇپ ئىشلرىنى تېپىپ قىلالايدىغان زىيالىلاردۇر. ئۇلارنى باشقۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئۇستازىم، مەكتەپنىڭ ئىشلرىغا يىتەكچىلىك قىلىش، نازارەتچىلىك قىلىش ھەمىشە سىزنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇدىرلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولىۋەرمەيدۇ. سىزنىڭ گېپىڭىز بويىنچە ئېيتساق، بەزىدە توغرا ئىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ئىشنى توغرا قىلىشقا توغر كېلىدۇ. مەكتەپلەر مۇدىرلارنىڭ سوقىۋالغان شەھرى ئەمەس، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ فونكىىسيەلىك بىر تارمىقى. بەزىدە سىز مۇنداق بولسا بولاتتى دىگەن ئىش، ئۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قالىدۇ، بەزىدە مۇنداق بولسا بولاتتى دىگەن ئىش ئۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قالىدۇ. مەكتەپلەرگە مەن مۇدىر بولىمەن دەپلا مۇدىر بولىۋالىدىغان ئىش يوق، شۇڭا پارتىيە ھۆكۈمەت گېپىنى ئاڭلايدىغان، ئۆزىنىڭ مەۋقەسىدە تۇرىدىغان خادىملارنى مۇدىر قىلىپ تاللايدۇ. يۇقىرىدىن چۈشكەن ھۆججەت، ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى شۇ بوينچە، ۋاقتىدا ئىجرا قىلمىغان مۇدىرلارنى قالدۇرۇپ، شۇ بويىنچە ۋاقتىدا قىلىدىغانلىرىنى ۋەزىپىگە قويىدۇ. مەن باشتا دىگەندەك مۇدىرلىق چوڭ ھوقۇق ئەمەس، ئوقۇتۇش رايوننىڭ مۇدىرلىرى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ قايسى بىرىگە ياقمىسا ئۇختۇرۇش ئەمەس، شىرەت قىلىپ قويسىلا مۇدىرلىقتىن قالىدىغان گەپ، شۇنىڭدىن قورقۇپ ئىشلەپ كېتىپتۇ دەپ خاتا چۈشىنىپ قالساقمۇ بولمايدۇ. شۇنڭدىن قورقۇشمۇ بار، زىممىدە ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتمۇ بار. بىرسىمىز قالساق يەنە بىرسىمىز چىقىدىغان گەپ. «يۇقرىدىن كەلگەن ھۆججەتلەرنى قارىغۇلارچە ئورۇنلاشتۇرۇپ» دەپسىز، مەكتەپلەرگە ئاساسەن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ھۆججەت چۈشۈرىدۇ. ھۆججەتلەر مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرپىدىن مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئويغۇنلاشتۇرۇپ چۈشۈرۈلىدۇ. %98ھۆججەتتە  روھىنى ئەمىللەشتۈرۈپ بولۇشنىڭ ۋاقىت چېكى بەلگىلىنىدۇ. كۆپىنچە ھۆججەت خىزمەت، تۇرمۇشىمىزغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ياكى ئىشىمىزنى كۆپەيتىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى بىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ھۆججەت چۈشۈرگەنلەر قەرەلىدە ئەمىللىشىش ئەھۋالىغا قارىتا دەلىللەش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ بىزىنىڭ ئەھۋالىمىزغا ماس كەلمىدى، قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى دىسىڭىز باھانە كۆرسەتكەن، يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن قۇسۇر تاپقان، ئۇلارغا بوي سۇنمىغان بولىسىز. بىزگە ھۆججەتنى مۇۋاپىق بولسا ئەمىللەشتۈرۈڭلار، باھالاپ بېقىڭلار دەپ ئەمەس «پالانى ۋاقىتقىچە ئەمىللەشتۈرۈڭلار» دەپ چۈشۈرىدۇ. بۇلارنى توغرا چۈشىنىڭ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆججەت چىقىرىش، چۈشكەن ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇيرۇققا بويسۇنمىغانلارنىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى دىمىسەممۇ بىلىسىز ئەلۋەتتە. ئەمما سىز دىگەندەك ھۆججەت چۈشۈپ بولغىچە ئىجرا قىلىمەن دەپ چالۋاقايدىغان تەنتەكلەردىن ئەمەسمەن. ئاۋۋال قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى، مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلەرگە قارىتا قانداق تەدبىر قوللىنىشنى پۇختا ئويلىنىپ، ئاندىن ئەمىللەشتۈرۈپ كېلىۋاتىمەن. ئەگەر مەن مۇۋاپىق تەدبىر تاپالمىسام مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ پىكىرىنى ئالىمەن. شۇڭا مۇدىر بولغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بىرەر مەسىلىدە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئومۇمىيۈزلۈك قارشىلىشىپ قالمىدىم. ئوقۇتقۇچىلار بىرەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك پىكىر قىلسا، مۇۋاپىق چارە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىمەن. ھەقىقەتەن مۇۋاپىق چارە كۆرسىتىپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇلۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت روھىغا خىلاپ بولمىسىلا شۇ بويىنچە قىلىشقا مەنمۇ قوشىلىمەن. ھەرگىزمۇ "مەن بىكىتكەن تەدبىر ئۆزگىرىپ كەتتى" دەپ تەكەببۇرلۇق قىلغان ئەمەسمەن. مېنىڭ دائىم تەكىتلەيدىغىنىم؛ مەن ھەممىنى بىلمەيمەن، ھەممىنى توغرا قىلدىم دەپ كېتەلمەيمەن، مەن بىلگەننى سىلەرمۇ بىلىسىلەر، شۇڭا مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىدە ھەمكارلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز لازىم. ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا پىكىرىڭلار بولسا نەق مەيداندا ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، كېڭىشىپ ھەل قىلىمىز. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويماي سىرتقا چىقىپ كۇسۇرلاشساق بولمايدۇ.

ئۇستازىم، ھەقىقەتەن مەكتەپ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈش ئورنى، مېنىڭ مالىيەت باشقۇرۇشۇمدا مەسلە بار دەپ قارىسىڭىز ۋاقتىدا ئۇدۇللا دەۋەرسىڭىز ياكى ۋاقتىدا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا بارسىڭىز بولماسمىدى. ئۇقالماي قالغان بولسىڭىز مەن سىزگە دەپ بېرەي ئۇستازىم. مائارىپنىڭ مەبلىغى قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ، شۇڭا ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدا مەخسۇس ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتلىرى تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭ يۇقىرىسىدە ھەر دەرىجىلك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتلىرى بار، ناھيە دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن باشلاپ ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى، ئىقتىسادى تەپتىش ئورگانلىرى، خىيانەتچىلىككە، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىلىرى بار. ئەگەر قايسى بىر ئورۇننىڭ ھېساب باشقۇرۇشدا مەسىلە بار دەپ قارىسڭىز، تەكشۈرۈپ دەلىللەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىزلا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى دەرھال پەيدا بولىدۇ. يۇقىرىلاپ بارسىڭىزمۇ، توردا ئىنكاس قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. «ئۇنچە نۇرغۇن مال-مۇلۇكنى نەدىن تاپقاندۇ؟» دەپ بىلەلمەي شۇنچە ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ۋاقتىدا ئەرىز شىكايەت قىلسىڭىزلا ئىش پۈتۈپ، سىزگە دەپ بېرەتتى ئەمەسمۇ. ھازىر ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بەك سەزگۈر، سىز ۋەلسىپىت ياكى موتوسكىلىتتا چىقىپ، قايتىپ كىرىپ بولغىچە ئۇلار ماشىنىسىدا غۇييىدە كىرىپ، تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ.

ئۇستازىم، ئەمەلىيەتتە مەسىلە سىز ئويلىغاندەك ئەمەس، ئايدا. پەسىلدە، يىلدا مەكتەپ مالىيەت چىقىم ئەھۋالى ئاشكارلىنىدۇ. چىقىم ھۆججەتلرىى مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ. مېنى ئۆي ئالدىڭىز، ماشىنا ئالدىڭىز دەپسىز، بىنا  ئۆي دىگەن ھازىر «بەشتە كېپىل» ئائىلىلەردىمۇ بار. دېھقانلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ماشىنا ئومۇملىششقا باشلىدى. سىزنىڭ خەۋىرىڭىز يوق ئوخشايدۇ، ھازىر ئەڭ ئاسان ئالغىلى بولىدىغان نەرسىنىڭ بىرسى بىنا ئۆي، يەنە بىرسى ماشىنا. ئالدىن تاپشۇرۇدىغان 20-30مىڭ يۈئەن پۇلنى تاپشۇرسىڭىزلا ئۇلار سىزنىڭ بولىدۇ. ھېچكىم سىزگە كېلىپ مەن مۇنچە پۇلنى قەرىز قىلىپ ماشىنا ئالدىم، ئۆي ئالدىم دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرمەيدۇ. نۇرغۇن مال-مۈلۈكنىڭ گېپىنى قىپسىز، نۇرغۇن دىگىنىڭىز زادى قانچىلىك؟ نۇرغۇن دىگىنىڭىز زادى نېمىلەر؟   ئۆيۈمدە كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملرىى خېلى تولۇق، بۇلارنىڭ سانىنى ئۇقمايمەن. ئەمما سىز نۇرغۇن دىگەنلىرىڭىز مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى. ئىقتىسادچانلىق مېنىڭ تۇرمۇش پىرىنسىپىم، بىنا ئۆينىڭ تاملىرىنى زىننەتلەشمۇ مېنىڭ نەزىرىمدە «ئېغىر ئىسراپچىلىق، داغىۋازلىق قىلغانلىق»، شۇڭا ئوننەچچە يىل بۇرۇن ئۆي ئالغان بولساممۇ ھازىرغىچە زىننەتلەگسىز، بۇندىن كىيىنمۇ ھەم شۇنداق. ھۆكۈمەت پارىخورلۇققا، چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بېرىۋاتىدۇ. پاش قلىنىپ تۇتۇلغانلارغا قارىتا «نۇرغۇن»ئىبارىسىنى قوللانماي سوممىسىنى دەۋاتىدۇ، مەسىلەن: خىيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك يەرلىك باج ئىدىرىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جياڭ شىنيۈەن 5مىليوندىن ئارتۇق پارا ئېلىپ موللاق ئاتقان، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خې مىنشۈ 4مىليون 410مىڭ يۈئەن پارا ئېلىپ موللاق ئاتقان، خېنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇجيې 6مىليون340مىڭ يۈئەن پارا ئېلىپ موللاق ئاتقان، سىچۈەن ئۆلكىسى چيەنۋېي ناھيەلىك پارتىكومنىڭ سابىق شۇجىسى 18مىليون590مىڭ يۈئەن پارا ئېلىپ موللاق ئاتقان، پۇشيەن ناھيىلىك كۆمۈر كان ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى خاۋپېڭجۈننىڭ بايلىقى 100مىلىيون يۈئەندىن ئاشقان، ئۇ بېيجىڭ، خەينەن قاتارلىق جايلاردا 35ئورۇندا ئۆي-جاي ئالغان... دېمەك بۇلارنىڭ پارىلىرىمۇ «نۇرغۇن» دىيىلمەي سانى بىلەن ئاشكارلانغان، مېنى «نۇرغۇن مۇلكىڭىز...» دىگىنىڭىز بۇلارنىڭكىدىنمۇ كۆپ دىمەكچىمۇ سىز؟  سىز دىگەن شۇ نۇرغۇن مال-مۇلكۈم قەيەردىدۇ؟ بىر بىنا ئۆيدە زادى قانچىلىك نۇرغۇن نەرسە بولماقچى؟! ئۇستازىم قارىسىغا ئۇنداق يالغان ياۋاداق گەپ قىلماڭ.   «مەن مەكتەپ مۇدىرى، ئۇستازىم نېمە دەر» دەپ گەمە كولاپ، بورا سېلىپ يېتىشنىڭ ئورنى يوق. بىزنىڭمۇ ئىش ھەققىمىز بار، مەكتىپىمىزدىكى بىرنەچچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بازارنىڭ ئاۋات يېرىدە ئىجارە دۇكانلىرى بار. بۇلارنى نەدىكى پۇلغا ئالغاندۇ دەپ ھېچكىم خىيال قىلمايدۇ. مەكتەپ مۇدىرى يېڭىراق شاپاق دوپپا كىيىپ كىرسىمۇ ئۇنى بۇنى دىسەك بولماس. ئۇستازىم، سىز ۋاقتىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىغا بېرىڭ، سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭىزغا ئەڭ ياخشىسى شۇلار جاۋاپ بەرسۇن.

ئۇستازىم، يىللاردىن بېرى مەكتەپلەردىكى ئىقتىساسلىقلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن گەپنى قىپسىز، سىزنىڭكىدە ئازلاپ كەتكەن بىلەن باشقىلارنىڭكىدە كۆپىيىۋاتىدۇ. شۇ ئازلاپ كېتىۋاتقان بالىلارنى سىز ئوقۇتىۋاتىسىزغۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن ئازلاپ كەتتى، 40يىللىق شەرەپلىك تارىخىڭىزنى پەش قىلىپ ماڭا شۇنچە ئۇزۇن خەت يېزىپسىز، ئۇستازىم، خەۋىرىڭىز بار، ئالى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈشكە ئۆزگەرتىلدى. بۇ ئىش مىللى مەكتەپلەردىكى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا تۇنجى زەربە بولدى. كىيىىن ھۆكۈمەت ئاز-سانلىق مىللەتلەرگە كۆڭۈل بولۇپ، نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ ئىچكرىى تولۇق ئوتتۇرا،  شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلدى، مەكتەپلەردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرلەر شۇ ياققا كەتتى، بىلەمسىزكىن بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتاھان تۈرىدە ئويغۇر تىل-ئەدەبىياتى يوق. دىمەك ئۇلار ئويغۇر تىلىنى بىلمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. بۇ بىزنىڭ مىللى مەكتەپلەردىكى تىل-ئەدەبىيا ئوقۇتۇشىغا ئېغىر زەربە بولدى. بىز ئوقۇتمىدۇق ئەمەس، ئوقۇتتۇق ئەمما ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى مەيلى باشلانغۇچتا بولسۇن مەيلى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بولسۇن كىيىن ئىشلىتىلىشچانلىقى يوق، ئەسقاتمايدىغان ئارتۇقچە بىلىمگە ئايلىنىپ قالدى. بۇنداق بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنكۈسى، ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆگەتكۈسى كەلمىدى. ئوقۇتقۇچىلار ھەرقانچە كۈچىسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. مەكتەپلەردىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن جەمئىيەتتە خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلرى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ ئەھۋال خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمىتىمىز جىددى تەدبىر قوللىنىپ مىللى مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويدى. ئەگەر ھۆكۈمەت قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، مىللى مەكتەپلەرنى قوغدىماي، ھەر بىر يېزىغا بىردىن خەنزۇ مەكتەپ سالغان بولسا، بۇكەمگىچە يېزىلاردىكى ئويغۇر مەكتەپلەر ئاق قالاتتى. چۈنكى نۆۋەتتە دېھقانلىرىمىزغا نىسبەتەن پەرزەنتىلىرىنىڭ بىر ئېغىز خەنزۇ تىلىدا ئاتا، ئاپا دەپ چارقىرىشى، دۇنيادىكى بارلىق بىلىملەرنى ئىگەللىگەنلىكىدىن ئەۋزەل. دىمەك مۇنەۋۋەرلەر ھىچقەيەرگە كەتمىدى، يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ ئىچىدە بار.

ئۇستازىم، مەكتەپلەردە پارتىيە ياچايكىسى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، مەكتەپتە ھەرقانداق ئىش يۈز بەرسە مەكتەپ مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل، قانداقچىسىگە سىزگە ئىتتىرىپ، سىزنى مەسئۇل قىلىپ قويغاندىمەن؟ مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئىشلارغا پالانى ئوقۇتقۇچى مەسئۇل دىسەم كىممۇ ئىشىنەر، ئۇ چاغدا ھەممە مېنى مەسئۇلىيەتسىز، ئىقتىدارسىز دىمەسمۇ؟ قانداقمۇ بۇ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى يەنە داۋاملىق ئىشلىيەلەي، ئۇستازىم، نەچچە ئون، نەچچە يۈز ئوقۇتقۇچى قانداقمۇ ياقتۇرمىغان بىر مۇدىرنى مەكتەپتىن قوغلىۋېتەلمىسۇن، ئەگەر نەچچە ئوقۇتقۇچى بىرەر ئايلىق دەرسىنى تەييارلىمىسا، تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرمىسە، ياكى تەييارلىغان، تەكشۈرگەن بولسىمۇ، تەكشۈرۈش ئۆمىگى كەلگەندە قەستەن قىلمىدۇق دەپ تۇرۇۋالسا بۇ مۇدىرنىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز مۇدىر چۇقۇم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ ئۇنداق كېتىدىغان ئەخمەق تەكشۈرگۈچىلەر يوق. ئۇستازىم سىز بارغانچە تاينى يوق ئۇششاق گەپلەرنى كۆپ قىلىپسىز.

ئۇستازىم، بەزىدە تەكشۈرگۈچىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ياخشى خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كېلىشىنى، قايسى مەكتەپكە بېرىشى، قايسى خىزمەتنى تەكشۈرۈشنى مەكتەپ مۇدىرى ئورۇنلاشتۇرمايدۇ. مەكتەپ مۇدرىمۇ تەكشۈرگۈچى ئاز كەلسە ياكى كەلمىسە، خاتىرجەم نورمال خىزمەت قىلسام دەپ ئويلايدۇ. ئەمما تەكشۈرۈش ئۇنىڭ رايىغا باقمايدۇ. تەكشۈرۈش مائارىپ ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ كەلسە سىز ھەم بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ياخشى خىزمەت قىلىسىزلەر، تەلشۈرۈش ئوقۇتۇشنىڭ سىرتىدىكى بىر قىسىم خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ كەلسە سىز ھەم بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقچىلار تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرىسىزلەر. بۇ خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى، پالانى خىزمەت پالانىنچى كۈنى تەكشۈرۈلىدۇ، تەييارلىقنى ئوبدان قىلىڭىلار دەپ ئۇختۇرۇش كەلسە ئۇنداق ئەمەس دەيدىغانغا، ياكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەييارلىق خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرمايدىغانغا مەكتەپ مۇدىرى قانچىلىك ئادەم، ئۇنىڭ ھوقۇقى قانچىلىك ھوقۇق. يۇقىرىنىڭ تەييارلىققا بەرگەن مۆھلىتى جىددى بولسا جىددى، كەڭرەك بولسا كەڭرەك ئورۇنلاشتۇرۇدىغان گەپ، سىزنىڭ تەكشۈرۈشىڭىز بىزنىڭ ئوقۇتۇشىمىزغا تەسىر يەتكۈزدى دەپ تەييارلىق قىلمايدىغانغا، ياكى ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈيدىغانغا ھەددىڭىز ئەمەس. ھەممە ئىشنىڭ لايىقى، يارىشىقى بولىدۇ. بۇ خۇددى سىزگە ھەپتىدە ئىككى كۈن دەم ئېلىش بېرىلسىمۇ، يەنە زۈرۈرىيەت سەۋەبىدىن خىزمەت ۋاقىتلىرىدا رۇخسەت سورىغاندەكلا بىر ئىش. بۇنداق ئىشلارغا ۋايساپ باھانىخورلۇق قىلىپ كەتمەي، تەكشۈرۈش كۈندە كەلمەيدۇ. باشقا كۈنلەردە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ كەتسىڭىزلا بولىدۇ.

ئۇستازىم، سىزنى يۇقىرىدىن كەلگەنلەر قابۇلىيەتسىز دىسە مەندىن رەنجىمەڭ. مەن  قول ئاستىمدىكىلەرنى قابۇلىيەتسىز دەپ باققىنىم يوق. ئەمەلىيەتتە مەن ئۇلارنى "سىلەر ھەممىڭلار قابۇلىيەتسىز" دىگەن ئىكەنمەن، ئەلۋەتتە، ئۇلار بىلەن بىللە خىزمەت قىلماسلىقىم كېرەك. بۇ، خۇددى "بۇ تاماق بۇزۇلۇپ قاپتۇ" دېگەندىن كېيىن، ئۇنى يىمىگەندەكلا ئىش، ئەگەر يەنە يىسە كېسەل تارتىيدىغان گەپ. سىزنى قابۇلىيەتسىز دىگەن بولسا سىزنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىڭىزنى توغرا چۈشىنەلمىگەن بولسا كېرەك. دىمىسىمۇ، مەن باشتا دىگەندەك سىزدىكى چۈشكۈنلۈك، سىزدىكى غۇرۇرسىزلىق، سىزدىكى غەيۋەتخورلۇق سىزنىڭ سەپتىن ئايرىلىدىغان ۋاقتىڭىزنى تەقەززا قىپتۇ. ئەمەلىيەتتە سىز ھەقىقى 40يىللىق شانلىق تارىخى بار بىر ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز مائارىپ سېپىدىن شەرەپ بىلەن ئايرىلىشىڭىز كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس. سىز قېرىغاندا نومۇس قىلماي ئۆزىڭىز خېتىڭىزدە دىگەن ئاشۇ پەسكەش قىلىقلارنى يۇقتۇرۇۋاپسىز، تېخى نومۇس قىلماي ئۆز قەلىمىڭىز بىلەن چاۋىڭىزنى چىتقا يېيىپسىز. بۇ پەسكەش قىلىقلارنى ھەممە ئوقۇتقۇچىلارغا دۆڭگەپ بېقىپسىز. ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، تېخى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ قەلبى پاك، ئادىمىلىكى مۇستەھكەم. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۇنداق پەسكەش قىلىقلاردىن يىراق. ھەم مەڭگۈ يىراق بولغۇسى، شۇڭا سىزگە يەنە بىر تەۋسىيەم، قىلىقلىرىڭىز باشقىلارغا يوقۇپ قالغۇچە تىزراق پىنسىيىگە چىقىۋالارسىز دىگەن ئۈمۇدۇم بويىنچە پىنسىيەگە چىقىپسىز، رەھمەت سىزگە. ئەمما خاتىرجەم بولۇڭ، مەكتىپىمىز يەنىلا قايناق، جۇشقۇن كەيپىياتتا، مېنىڭ مەكتەپتە ئەنسىرەيدىغىنىم سىزدەكلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ئەمەس ياش غۇنچىلارنى يۇقۇملاندۇرۇدۇ.  ئەۋلاتلىرىمىزنى نابۇت قىلىدۇ.

خېتىڭىزنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ ھەق گەپنى قىپسىز، ماڭا پىنسىيىگەچىققاندىن كىيىنمۇ يەنە تەربىيە قىلغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. مەن خوشھاللىق بىلەن قوبۇل  قىلىمەن.

ھۆرمەتلىك مۇدىر! سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئوقۇتقۇچىلار شۇ باللىرىڭىزغا ئوخشايدۇ، گاھىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سىزگە باش ئاغرىقى تېپىپ بەرسە، گاھىدا سىزنى ھاقارەتكە قويىدۇ. گاھىدا سىز يەنە ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭىزنىمۇ كۆتۈرەلمەي قالىسىز. بىراق نىملا بولمىسۇن، ئۇلار يەنىلا سىزنىڭ يىتەكلىشڭىزگە، غەمخورلىقىڭىزغا، ھىمايە قىلىشڭىزغا مۇھتاج.

سىز، بىزنىڭ بارلىقىمىز- ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ئۆزىمىزنىڭ باللىرى ئۈچۈن ئەمەسمۇ!!!

تورداشلار، مېنى كەچۈرۈڭلار، خىزمەت ئالدىراشلىغى سەۋەپلىك جاۋاپ خېتىم بەك كىچىكىپ كەتتى.

1-2-جاۋاپلىرىمغا چۈشكەن  ئىنكاسلارنى كۆردۈم ھەممىڭلار بىلەن جاۋاپلىشىپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقتىم يوق. جاۋاپ يازمىسام كۆرمىگەن ئوخشايدۇ، ياكى باشقىچە چۈشىنىپ قالايمىقان گەپ قىلماڭلار، بۇ توردىكى مۇلاھىزىلەر چۇقۇم ئىلمى پىكىر قىلىشىمىز كېرەك. بىر قىسىملار تەرلەپ قاپتۇ يەي... دىگەندەك گەپلەرنى قىپتۇ، بىر قىسىملار مېنىڭ كىملىگىمنى بىلىشكە تەقەززا بولۇپ كېتىپتۇ. مائارىپ ئۈستىدە بولىۋاتقان پىكىرلەر مائارىپچىلارغا خاس ئىلمى، سىلىق بولۇشى لازىم.

مېنىڭ كىملىكىم مۇھىم ئەمەس، مۇھىم مەسىلە مائارىپىمىزدىكى رەھبەرلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىەيتتن قېچىش، مەسىلىنىڭ ماھايىتىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك  مەسىلىسى، بىر قىسىملارنىڭ مائارپىمىز توغرىسىدا توغرا بولمىغان كەيپىيات، سەلبى تەسىر پايدا قىلىپ، ئويغۇر مائارىپى، ئويغۇر مائارىپچىلىرىنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزۈشكە ئۇرۇنۇش ياكى شۇنداق قىلىش مەسىلىسى.

يېقىننىڭ ياقى " بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى" تىمىسى ئاستغا مۇھاكىمىلەردە پۇتكۈل قەشقەر مائارىپى، ھەتتە پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭ مائارىپى مۇجەسسەملەشتۈرۈلدى. شۇ مەكتەپتىكى مۇدىر قەشقەردىكى ھەتتا پۈتكۈل شىنجاڭدىكى مۇدىرلارغا تەقلىد قىلىنىپ مۇھاكىمىلەر قانات يايدۇرۇلدى. ئايرىملىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ، توغرا بولمىغان كەيپىيات  بەرپا قىلىش، خەلقىمىزنىڭ مائارىپىمىزغا، مائارىپچىلىرىمىزغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا ئايرىم ئىشلارنى ئايرىملىق، نۇقتىسىدا، ئومۇمىلىققا تەۋە ئىشلارنى ئومۇمىلىق نۇقتىسىدا تۇرپ مۇھاكىمە قىلىشىمىز لازىم.

بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ "...سېسىمىغان كالا گۆشى" تىمىسى ئاستىكى ماقالىسى ئىنكاسلاردا يەنە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، جەمئيەت پىكىرى پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن جاپاكەش مۇدىرلارنىڭ يۈزىگە قاتا سۈركىدى، بىڭسى بولسا سېسىمىغان شۇ كالا گۆشىنى مەكتەكە قايدۇرۇپ ئەكىلىپ ئاندىن نەتىنجىسىنى يازسا بولمامدۇ. ھازىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى شەمەردەك. بىردەمدە جايلايدۇ.  ئوقۇتقۇچى دىگەن زىيالىدەك پىكىر قىلىىش، زىيالىدەك ئىش قىلىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ "ئىككى پۇڭنى ئۈچ ئەپەندە تالىشىپ قاپتۇ"  دەيدىغان سەقىمىسىگە زاڭ بولۇپ بەرسەك بولماس.

غۇلجىدىكى ئاتالمىش "ئانا تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەتقىقى قىلىدىغان" بىر خانىم بىر مەكتەپتە بىر مۇدىرنىڭ قار ئېتىشىپ ئوينىغانلىقى ئۈچۈن بىر ئوقۇغۇچىنى تىپىپ ئۇرۇپ دومۇلۇتۇپ ئېغىز بۇرنىنى قان قىلىۋەتكەنلىكىنى ئەپسۇسلانغان ھالدا يېزىپتۇ، بۇنىڭغا مەن تېخىمۇ ئەپسۇسلىنىپ كەتتىم. نەرى ئوقۇتقچى ئۇنىڭ، تېخى ئانا تىل  توغرىسىدا تەتقىقاتچىمىش، شۇنى بىر تەرەپ قىلىپ ئەھۋالنى ئىبرەت قىلىىپ ئېلان قىلسا توغرا بولىدۇدە. ئەھۋالنى تېلدا بولسىمۇ رەسىمگە ئېلىۋېلىپ توردا ئېلان قىلىپ رەسۋاسىنى چىقىرىشى كېرەك. ئۇنداق قىلالمىغاندا شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئېغىز بۇرنىدىكى قان بىلەن ساقچىخانىغا ياكى مائارىپ-مەمۇرى تارماقلىرىغا، ئىنتىزام ئورۇنلىرىغا ئاپپىرىپ شۇ مۇدىرنى مۇدىرىلىقىدىن ئەمەس، خىزمتىىدىنمۇ قالدۇرۇۋېتىپ، ئاندىن توردا ئىبرەت قىلىشى كېرەكتە. ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالماي. مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قۇرۇق گەپ قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى.

ئاخىرىدا تور ئەھلىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ مائارىپىمىزنىڭ، مائارىپچىلىرىمىزنىڭ  شان شەرىپىنى قوغدىشىنى، كەڭ خەلقىمىزنىڭ مائارىپىمىزغا، مائارىپچىلىرىمىزغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، كەڭ مائارىپچىلىرىمىزنىڭمۇ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانۇن بويىنچە قوغداشنى بىلىشىنى، خىزمەتتە  مەسئۇلىيەتچان بولۇپ خەلقىمىزنىڭ ئشىەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مائارىپىمىزدا شانلىق نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېزىش جەريانىدا توغرابولمىغان، ئاشۇرۇۋەتكەن تەرەپلەر بولسا كەچۈرۈشۈڭلارنى ئۈمدى قىلىمەن.

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-02, 19:42
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-02 19:18 |
almas123
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6180
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 380 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 228 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 228 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«يېزا باشلىقىغا خەت»، «ھاكىمغا خەت»لەرنىمۇ يازساڭلار تېخىمۇ قىزىيتتى......
مەنچە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى، ماشىنىلىرى مۇدىرنىڭكىدىن ئېسىل، مال- دۇنياسى مۇدىرنىڭكىدىن كۆپمىكىن دەيمىنا!؟
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-02 20:21 |
kumaltag
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6482
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 580 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 580 سوم
تۆھپە: 347 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 347 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 99(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى almas123دە2012-06-02 20:21يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
«يېزا باشلىقىغا خەت»، «ھاكىمغا خەت»لەرنىمۇ يازساڭلار تېخىمۇ قىزىيتتى......
مەنچە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى، ماشىنىلىرى مۇدىرنىڭكىدىن ئېسىل، مال- دۇنياسى مۇدىرنىڭكىدىن كۆپمىكىن دەيمىنا!؟

كىنايا قىلماڭ .نىمە دىگىنىڭىز بۇ؟؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-02 21:59 |
almas123
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6180
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 380 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 228 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 228 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەكتەپ مۇدىرىنىڭ گېپى چىقسىلا تورداشلارنىڭ قايناپ، چېچىلىپ كېتىشلىرىدىن، بىر قىسىملار مەكتەپ مۇدىرىغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتىمىكىن دەيمىنا!؟
مەنمۇ بىر ئۇقۇتقۇچى (20نەچچە يىللىق سىتاژغا ئىگە) بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ:«بىرسىمىز قالساق، يەنە بىرىمىز چىقىمىز»دېگەن گېپى خېلى ياقتى. دېمىسىمۇ مەكتەپتە چوقۇم مەكتەپ مۇدىرى بولۇش كېرەك، مۇدىرلىرىمىزنى تىللاپ يۈرۈپ خېلى كۆپلىرىمىز خەقنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ (ياكى شۇجىلىرىنىڭ) قولىغا قالدۇق، ئۇلار كېلىشى بىلەنلا زۇۋانىمىز يوقاپ كەتتى.
كونىلارنىڭ «ئۆزۈڭنىڭ يامىنىدىن قاچما، خەقنىڭ ياخشىسىغا يانداشما» دېگەن بىر ھىكمىتى بولىدىغان.....
ئاخىرىدا بارلىق مائارىپچىلارنىڭ بىر بىرىنى قوللىشىنى، بىر- بىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى، بىر بىرىنى چۈشىنىشىنى، مائارىپچى ئەمەسلەرنىڭمۇ مائارىپچىلارنى، مائارىپنى قوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-02 22:37 |
turknaz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5819
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 130 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 77 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 77 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«ئۆزۈڭنىڭ يامىنىدىن قاچما، خەقنىڭ ياخشىسىغا يانداشما» بۇ سۆزنى بەك ياقتۇردۇم . ھەقىقەتەن بەك توغرا گەپ .
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-03 00:03 |
tunji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6299
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 59 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 59 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ مەكتەپ مۇدرىنىڭ 3- قېتىم يازغان جاۋاب خىتىمۇ ئېلان قىلندى. مەن خەت يازغۇچى ۋە جاۋاب خەت يازغانلارنىڭ يىزىقچىلىق جەھەتتىكى تىل ئىشلىتىش قابىليتىگە ھەقىقىتەن قايىل بولدۇم . مەكتەپ مۇدىرى شۇنىڭ بىلەن ئۇجىقىپ كەتتى ، دەپ ئويلىغانتىم . چۈنكى ئالدىنقى بىر ئىنكاستىكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىقتىزادىي كىرىمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ ، دەپ قارىغانتىم . بىراق بۇ مەكتەپ مۇدىرى يەنىلا  پارتىيىنىڭ يول قويغان پىرىنسىپى بويىچە چۈشەنچە بېرىپتۇ. دېمىسىمۇ ھازىرقى ۋاقىتتا ئەمەلدارلارنىڭ باي بولمىغىنى يوق . مەكتەپلەردە ھەربىر ماترياللار، ئىستۇراخانىيەگە قاتنىشى ۋە قاتناشتۇرۇش، مەكەپكە سېتۋىلىنغان ھەر بىر نەرسىگە نىسپىتەن شۇنى تەمىنلىگۈچىلارنىڭ مەلۇم پىرسەنت بويىچە شىركانە بېرىشش ، ھەممىمىز بىلىدىغان ئەقەللىي قائىدىلەر بولۇپ قالدى... ھەتتا سىز سىنىپ مۇدىرى بولغۇچى ئوقۇتقۇچى  مەلۇم بىر پايدىلىش ماتىريالى سېتۋالسىڭىزمۇ كىتاپخانا ئورۇنلىرى سىزگە ئەڭ كەم بولغاندا %15 پايدا بېرىدۇ . بۇ قالغان پايدىنىڭ بىرقىسمىغا نىسپىتەن قىيىنچىلىقى بار ئۈچ-تۆت ئوقۇغۇچىنىڭ ماتىرايال پۇلىسىنى كۈتۈرۋەتكەن تەقدىردىمۇ ، يەنە سىزگە بىرەر يۈز يۈەن ئەتراپىدا مەنپەت قالدۇ. (مەن بەزى خىزمەتداشلىرىمنىڭ شۇنداق باھادا ماتىريال ئەكەلدۈرگىنىنى كۆرگەن ، لېكىن ھازىر بۇنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ مەكتەپ كونتۇرۇل قىلىدۇ) دېمەك مەكتەپ مۇدۇرى خالىمىسىمۇ قزىقتۇرىغان بۇ مەنپەتلەرنى تاشلاپ قويغۇسى يوق . ئاز تولا پۇللۇق بولۇپ قالىدىغانلىقى ئېىنىق... بۇ بەك بىر سىرلىق تىپىشماقمۇ ئەمەس... ئىلگىركى بىر مەكتەپ مۇدرىمىز بولدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىستۇراخۇانىيەگە قاتناشتۇرۇش تەشەبۇسنى چىقىراتتى... ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن سىنىپ مۇدرىلىرنى مىھمان قىلاتتى. ئاندىن تاپشۇرغان پۇلىمىز بويىچە %5 نى سىنىپ مۇدىرلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى... يەنىلا بىز رازى ئەمەستۇق ، مەكتەپ مۇدىرى بىزنى گولداپ قويۇپ ، ئۆزى تۈمەنلەپ پايدا ئېلۋالدى ، دەپ گۇمانلىناتتۇق . ئۇنىڭ قورۇ جايىنىڭ ئىسللىقى، يەنە بانكىدا نەچچە يۈزمىڭ يۈەن پۇلىسىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا داۋراڭ سالاتتۇق . مانا ھازىر چوڭ بىر قورۇدا يىغىپ ئوقۇلىدىغان 3000 يىقىن ئوقۇغۇچىسى بار مەكتەپتە ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. بۇ مەكتەپتىكى يولداش تولىمۇ پاك ئەمەلدار ، لېكىن ئىلگىرىكى %5 دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرۈپ باقماپتىمىز... لېكىن شۇنداق رازى بولۇپ ئىشلەۋاتىمىز، ھېلقى يولداشنىڭ باي ئىكەنلىكى راس . لېكىن باشقىلارنىڭ چۈشەندۈرشىچە ئۇنىڭ ئاتا-ئانسىمۇ كاتتا بايلاردىنمىش. ئايالىمۇ قايسىدۇر بىر ماي پونكىتىنىڭ رەھبىر ، ئۇمۇ بەك باي ئەۋلادىمىش. شۇڭا بۇ كىچىكىنە پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇزۇپ يۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. مەيلى ئىنكاس يازدىغانلار نېمە دېسۇن ، مەن بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ  مەسئۇليەتچان ، تەلەپجان ئىكەنلىكىنى تەن ئالدىم... بىشىنى ئىچىگە تىقىپ يوقاپمۇ كەتمىدى، خىلى ئاچچىق يازغان يازمىلىرىمىزغا زەردە بولۇپ سەكرەپمۇ قوپمىدى... بەلكىم بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاخرقى ئىرشمەكچى بولغان جاۋابىمۇ شۇ بولىشى مۈمكىن . شۇنداق بولغان تەقدرىدىمۇ يىراقنى كۆرەلەيدىگەن . مەكتەپ مۇدرىنىڭ يەنىلا سوغۇققان بولىشىنى ، ئۆزىگە چۈشكەن پىكىر - ئىنكاسلار ئاساسىدا يەنىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇشىنى ، مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۆپرەك باش قاتتۇرىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مېنىڭ يەنە بۇ مەكتەپ مۇدىرىغا بولغان قايىلىقىمنىڭ سەۋەبى، ئەگەر بىزنىڭ ماۋۇ قەشقەردە ، بىرەر ئوقۇتقۇچى تورغا ئىمزالىق ئەمەس، ئۆزىنى يۇشۇرۇپ تۇرۇپ دەت ئېيتقان بولسا ، قانداق ئۇسۇل قوللىنىشتىن قەتىينەزەر ئۇنى تىپىپ چىقشىى ھەم ئەدبىنى بېرىش ئۈچۈن ھەممە ۋاستىنى ئىشلىتىشنى چەتكە قاققىلى بولمايتتى. مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن . مەكتەپ ئۇستىدىن يۇقىرغا يوللانغان ماتىرياللارنىڭ ئىگسىنى ئىزدەش كۈرىشى مۇشۇ سۆزۈمنىڭ ئىسپاتى. شىمالىي شىنجاڭ مائارىپى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىدىكى پەرىقنىڭ ھەقىقىتەن چوڭلىقىنى بىلىۋاتىمەن... شىمالدىكى ئوقۇتقۇچىلار سىلەرنىڭ ھەقىقىتەن تەلىيىڭلار ئوڭ ئىكەن...
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-03 17:08 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر