قومۇلدا ئۇچ ياشلىك يىتىم قىز ئەقىدەئاي
ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالدى
ئەمدىلا ئۈچ ياشنىڭ قارىسىنى ئالاي دېگەن ئوماق بىر يىتىم نارىسىدە قىزچاق ئېغىر كۆيۈك ئازابىدا تولغىنىپ ، كېسەل كارۋىتىدا ئىڭىراپ ياتماقتا !
« بالا كەلسە كۆرۈنۈپ كەلمەس ، پۇت- قولىنى ساڭگىلىتىپ» دىگەندەك 2012 - يىلى 4- ئاينىڭ 22- كۈنى ( يەكشەنبە) ئەقىدەئاي ( كۆيۈپ يارلانغۇچى) ئېھتىياتسىزلىقتىن پەسكە قويۇپ قويۇلغان قايناقسۇ چۆگۈنگە پۇتلىشىپ ئۈستىگە ئولتۇرلۇشۇپ قالىدۇ.يىڭىلا قاينىتىلغان لىق قايناقسۇ بالىنىڭ تۆۋەن قىسمىغا پۈتۈنلەي تۆكۈلۈپ كىتىدۇ. « چىر !» قىلغان قاتتىق يىغا بىلەن تەڭ مەسۈمە ھوشىنى يوقىتىدۇ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن ئىسىنى يوقاتقان ئانىسى نېمە قىلىشىنى دەمالىقتا بىلەلمەيدۇ. ئاز ئۆتمەي ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ئۆيگە كىرىگەن ئۆتكەن – كەچكەنلەر ۋە خوشىنلارنىڭ ياردىمىدە بالىنى تارانچى كان ئىشلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىدۇ. ئۇلار ئىلاجىسىز ئەھۋالدا باش چايقىشىدىن كېيىن ناھايىتى قېيىندا قاتناش ھەل قىلىپ بالىنى قۇمۇل 377 – دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىدۇ. دوختۇر ۋە سېتىرالارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بالىنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا 30000.00 يۈەن ( ئۈچ تۈمەن يۈەن) دىن ئارتۇق ئىقىتسادى چىقىم بولىدۇ.
بالنىڭ ئانىسى مەريەمگۈل تارانچى كان رايوندا ئىشىسىز ، يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن. ( يولدىشى ئىشسىز بولۇپ ، بالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نىسپەتەن ياردەم بېرىشى ئىمكانىيىتى يوق.)
مومىسى پاتەمخان تارانچى كان رايونىدا ۋاقىتلىق تازلىق ئىشچىسى . بىر ئائىلىدە ئۈچۈيلەن مومىسىنىڭ خىزمىتىدىن كىرىدىغان ئازغىنە مائاشقا قاراشلىق .
مۇشۇنداق ئەھۋالدىكى ئائىلە قىسقا مۇددەتتىكى بۇنچىۋالا چىقىمنى قانداقمۇ كۆتىرەلىسۇن! يەنە كېلىپ بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئەمدى ئوتتۇرا باسقۇچى داۋالاش ،ئەسىلىگە كەلتۈرۈش باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىقىتىسادى بەدىلى تېخى ئۇزۇنغا سوزۇلغان. ئالدىمىزدا، ھېلىمۇ بەخىتكە يارىشا تارانچى « مېھرىبان ئانىلار» كۆللىكتىپى ، قۇمۇل دارىلمۇئەلىمى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى،قومۇل مال باھا ئىدارىسىدىكى ئامىنەم قاتارلىق جەمىئيەتتىكى بىر قىسىم ساخاۋەتچى شەخسلەرنىڭ ياردىمى ۋە 377 دوختۇرخانىنىڭ ئېتىبار بېرىشى ھەمدە كۆپ قىسىم پۇلنى ئۆتنە ئېلىشى ئارقىسىدا ئەقىدەئاي ۋە ئۇنىڭ ئائىلسى دەسلەپكى ھالقىلىق باسقۇچتىن ھەر ھالدا ئوڭۇشلۇق ئۆتتى . ئەمما بۇندىن كېيىنچۇ؟
ئىقىتسادى چىقىم ئېلىپ كەلگەن رەھىمسىز رىياللىق مەسۈمەنىڭ ئانىسى بىلەن مومىسىنى ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بىر ئاي يېققىن جىددى، ئەستايىدىل داۋالاش ئارقىلىق ھاياتى قۇتقۇزۋېلىنىپ قېلىنىغان ئەقىدەئاي يېققىندىن بۇيانقى ئىقىتسادى ئۈزۈلۈپ قېلىش تۈپەيلىدىن كېسىلى ئۈزلىكسىز ئېغىرلىشىپ كۆيۈك يارىسى يالغۇنۇپ ، قايتىدىن سەكراتقا چۈشۈپ قالدى.
5- ئاينىڭ 24-كۈنى تېرە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلماقچى. ئۇ كېسەل كارۋىتىدا مۈلدۈرلەپ تۇرغان جانسىز كۆزىلىرى ئۈمىدلىك تىكلىمەكتە! ئۇنىڭ قاردەك ئاق ، سۈتتىنمۇ پاك قەلبى بىزدىن مېھىر تىللىمەكتە. ئېغىر مۇھتاجىلىقتا قالغان بىر سەبى پەرزەنتنى قۇتقۇزۋالايلى! ئاشۇ بالىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى!!!
«تاما-تاما كۆل بولار» قېرىنداشلار ئىمكانىيىتىمىز بولسا قۇمۇل 377- دوختۇرخانىغا كۆيۈك بۆلىمى ( 2- قەۋەت) بىرىنچى كېسەل ئۆيىگە بارايلى. ھەممىزنىڭ ئىزگۈ تىلىگى ۋە ئەمىليىتى ياردىمىزنىڭ خاسىيىتى ھەمىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن بىچارە مەسۈمەنىڭ كېسىلى شىپا تېپىپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرگىسى.