مەن «توۋا !!!» دىدىم، سىزچۇ؟
توۋا دىدىم،ئەپسۇس!!!ئاڭلايدىغان ئادەم يوقتەك تۈيۈلدى،بىلمدىم،مەن ئۆزۈمنى شۇنداق ھىس قىلمەنكى زاماننىڭ كەينىدە قالغاندەك ھازىرقى مەدەنيەتكە يىتىشەلمىگەندەك ۋەزىيەتنىڭ كەينىدە قالغاندەك بوپقالدىم،جۈملىدىن ئەينى چاغلاردا بىر نان تاپساق تەڭ بۆلۈشۈپ يىمىسەك بىر-بىرىمىز نى قەرزداردەك ھىساپلايىدغان دوسىتلىرىممۇ ئۆزىنى مەندىن قاچۇرىۋاتقاندەك مىنى ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان بىراك مال سۈپىتىدە كۆرىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم،ئۇلار بولسا ھازىر زامانغا تولۇق ماسلاشقان بولۇپ مەيخانە -قاۋاقلاردا قىزلار بىلەن يۈرگىننى كۈلىرىنىڭ خۇشال ئۆتكەنلىكىنى ماڭا قايتا-قايتا سۆزلەش بىلەن پەخىرلىنەتتى،ئەيىش-ئىشىرەت كەيىپ-ساپا ئۇلارغا ئاشىنا ئىدى،ئۇلار مەن بىلەن بىر مىللەت بىر دىندىكىلەر ئىدى،
ھېكايە سۆزلەي،
بىر ئوقۇتقۇچى ئاغىنەم بولىدىغان رەسملىششتىن بۇرۇن بىزگە تەربىيە،پەنىد-نەسىھەت ئوقۇپ بەش ۋاخ نامازنى قازا قىلمايدىغان ،نىمە دىگۈلۈك رەسمىلىشىپ ھازىر مۇدىر بولدى،بىراق بارلىق ئويۇننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينايدىغان بوپ قالدى،تىخى ھىيتتىن-چاغان ياخشىكەن دەپ داۋراڭ سىلىۋاتىدۇ،يەنە تىخى ئىسل ياتاقلاردا ھاراق-تاماكا يەنە،،،،،،،،مەن ئۇنىڭغا بۇرۇنقى كۈنلىرىمىزنى دىدىم،بىراق ئۇ ماڭا نۇرغۇنلىغان سەپسەتىلەرنى سۆزلەپ كېتىپ قالدى،مەن ئاچچىقىمنى تەستە بېسىپ ياندىم،بەزىلەر تېخى ئۇرساڭ بولمامدۇ؟ئۇنى قىلساڭ بولمامدۇ؟-بۇنى قىلساڭ بولمامدۇ؟دىيىشى ئىنق،مەنمۇ ئاران ياشاۋاتىمەن،مۇنبەر يۈزىدە دىمەك ئاسان،ئەمەليەتتە..خېلى تەسكە توختايدۇ.
بىز نىمە ئۈچۈن ئاسان ئۆزگىرىمىز،نىمىشقا بىر مىللەتتىكى بىر دىندىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇتقان يولى ئوخشاش بولمايدۇ،ياخشىلقنى ئۇچىرىسا ھەقسىز قىلىشنى خالىمايمىز،بىراق گۇناھنى پۇلغا ئىلىپ ،قەرزدار بوپ قىلىمىز،ئاخىرىدا ۋەيران بوپ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچىرايمىز.توۋا دىدىم،سىزمۇ توۋا دەڭ،ئەجىبا مىنىمۇ ئاشۇنداق كەيىپ-ساپا بىلەن قىزلار بىلەن خوشۇم يوقمىدۇ،مەن ئەر ئەمەسمىكەنمەن،ئادەم پۇل تاپقانسىرى روھى خۇنۇكلىشىپ زەئىپلىشەمدىغاندۇ،باشقا ياخشى ئىش قىلسا ۋاقتى مەنىسىز تۈيۈلامدىغاندۇ،ئائىلە،ئاتا-ئانا ئەل -جامائەت نەزىرىدە ياتلىشامدىغاندۇ،ياكى مەنمۇ باي بولۇپ پۇل تاپقاندا شۇنداق بۇزۇلارمەنمۇ.100 كويغا ھاراق ئىچىشكە رازىكى بىر سائىلغا بىر كوي چىقمىسا،200 كويغا ياتاق ئىلىپ قىزلارنى 400 كويغا مىھمان قىلىپ قولىغا 500 كوي بەرگە سخى مەرتلەرنىڭ 10 كوي ئىئانىغا قورسىقىنى ئاغىرىتىپ غۇدۇلاشسا مەن يەنە توۋا دىمەي نىمە دەي،
يەنە بىر ھىكايە
كەنىتنىڭ چارلاش ۋاقتىدا بىر تاكسىنى توستۇق،تاكسىدىن بىر قىز بىلەن مەن تونۇيدىغا بىر بالا چۈشتى،ئۇ قىز مەس ئىدى،ئوغۇلمۇ شۇنداق،مانا ئۇلاردىن گەپ سوراش جەريانىدا مۇنۇ ئىشنى بىلدۇق،،قىز كىرىيەلىك بولۇپ، بەش دانە قويى باركەن.شۇ قويغا ئوت ئەپبىرىش ۋە ھەلەپ ئېتىش تەس كېلىپ بۇ يۇرتقا قېچىپ كېلىپ، بىر شوپاڭدا ھاراق قۇيۇپ تېىنىنى سېتىشقا باشلاپتۇ،توۋا دىدىم،ئەي ئۇيغۇر جامائىتى توۋا دىدىم،نىمە ئامال،ئوغۇلنى ئۆيىگە كەتكۈزىۋىتىپ، قىزنى تاكسى بىلەن كەينىگە ياندۇردۇق،مەن تەربىيە قىلدىم،جىق قىلدىم،نەس قىز يىغلاپ ئەتىسى يۇرتىغا كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،100 كوي تۇتقۇزدۇم،جىق تۇتقۇزاي دىسەم مېنىڭمۇ باقىدىغان ئانام بىلەن بالام بار،مەنمۇ بىر گاڭسا-جىسا نامىرات،سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز،ئۇقىز كەتتىمۇ كەتمىدۇ بىلمەيمەن،
مەن تىما يېزىپ دەشنام دىگەننى بولىشىغا ئاڭلاپ، تېخى مىنى ئىزلەپ ئۇرىدىغانلارمۇ چىقىپتىكەنتۇق،ئەگەر چىققان بولسا بارلىق دەردىمنى شۇلاردىن ئالاتتىم،توۋا دەيمەن ھەممە ياخشى -ياماننى ،قانۇن-نىزامنى بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا ئەقلىمىزنى تاپمايمىز،ياشلار-دوستلار،قېرىنداشلار مېنى تىللاڭلار،گۇناھىم كەم بولار.ھەجگە چىققانلارمۇ پۇل بېرىپ باشقىلارنى تىللىغىلى سېلىپ گۇناھىنى كېمەيتەرمىش،نىملەرنى دىمىدۇق،نىمىلەرنى قىلمدۇق،ئۆزگىرىۋاتىمىزيۇ بەك ئاز،،بەزىدە ئىشكمگە قاراپ ئولتۇرۇپ قالىمەن،سامان بىلەن كېپەك يىسە بەكرەك ھاڭرايدۇ،بولمىسا شۇ بىر خىل ،ئەمما گۇناھتىن يىراق،بىزدك ئاسى ئەمەس،بەزىدىمۇ دەيمەنغۇ ئىشەك ياخشى سېنىڭدىن!!!!!!!!!!!!ئىنسانغۇ ئەزىز ،بىراق زىمىننى ئانا تۇپىرىقىمىزنى بۇلغاش بىلەن كۈن بىلەن ئايغا دەز تەككۈزىۋاتىمز.ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم ھەممىمىزنىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرگەي،توۋا دىدىم،سىزمۇ توۋا دەڭ بولامدۇ قىرىندىشم،ياز بولمىسا دەيمەن بەزىدە،ياز بولسا يالىڭاچ ماڭغىلى ئاز قالىمىز،قىش بولسا سوغۇقتىن قورقۇپ يوتقاندىن باشقىنى ئۈستىگە ئارتىمىز شۇ چاغمۇ ياخشى ئەسلى شۇنىڭدا بىزمۇ ئوچۇق يەرگە قارىمايمىز،سىزمۇ ئوچۇق يۈرمەيتتڭىز،توۋا دەڭ،توۋا قىلىپ ئۆزىڭىزنى يامان ئىشتىن تارتقايسىز،مەن توۋا دىدىم سىزچۇ؟ دەيدىغانلىرىم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس،،ئاللاغا ئامانەت.
مەنبە: تاز كاللا بوران114 يەكەن