saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2188 قېتىم كۆرۈلدى
naprat2009
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 79
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 203
شۆھرەت: 1191 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1189 سوم
تۆھپە: 691 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 518(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىسىگە جۇڭگودائۆلۈم جازاسى بېرىلىشىنىڭ باش-ئاخىرى

ئون نەچچە چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىسىگە جۇڭگودا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىنىڭ باش-ئاخىرى



     2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر فىلىپپىنلىق زەھەر سودىگىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى، فىلىپپىن پرېزىدېنتى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى تېزدىن بۇ جىنايەتچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈمىدىدە بولدى. ئەمما بۇ جىنايەتچىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى. 2007-يىلى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگىلىيەلىك زەھەر سودىگىرى ئاكمالغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش دېلوسىغا ئەنگىلىيەنىڭ كۆپ قېتىم دېپلوماتىيە نارازىلىقى بىلدۈرۈشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
     1997-يىلىدىن بۇيان، ئاشكارا ئۇچۇرلارغا ئاساس سىستاتىستىكىلىغاندا، 16 نەپەر چەتئەللىك زەھەر جىنايەتچىسىگە جۇڭگودا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، جۇڭگودا قاماق جازاسى بېرىلگەن ياكى قوغلاپ چىقىرىلغان جىنايەتچىلەر بولسا تېخىمۇ كۆپ. نۆۋەتتە چەتئەللىك كىشىلەرنىڭ زەھەر سودىسى دېلوسى داۋاملىق ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك دۆلەت رەھبەرلىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەدلىيە دېپلوماتىيە تالاش-تارتىشلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
      جۇڭگونىڭ ئەتراپىدا غايەت زور زەھەر ئېھتىياج بازىرى بار، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن سىرت، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زەھەر ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ جۇڭگو ئارقىلىق زەھەر ئەتكەس قىلىشى ئۈزۈلمىدى، جىنايەت سادىر قىلىش رايونى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىلارمۇ كۈنسېرى ئاشتى. جۇغراپىيىۋى سىياسەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو سىياسىي جەھەتتە داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئاساسلىق زەھەر ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ زىچ قورشاۋىدا تۇرماقتا، ئالتۇن ھىلال ئاي رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان زور مىقداردىكى زەھەر جۇڭگو بازىرىنى تەمە قىلىشنى باشلىدى، چېگرا رايونىدا مۇسادىرە قىلىنغان ئەتكەس زەھەر تارىخىي رېكورت ياراتقان.
     شەرقىي جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ چەتئەللەرگە چېتىلىدىغان جىنايەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم جاڭ شىياۋۋېي نىڭ كۆزىتىشىچە، نۆۋەتتە چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى ئاساسلىقى شەخسىي ياكى چەتئەل جىنايى گۇرۇھلىرىنىڭ كونتروللىقى شەكلىدە زەھەرنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈپ ساتىدۇ ياكى جۇڭگونى ئۆتەڭ قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە توشۇيدۇ. قىلمىشىنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردا چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى ھەر خىل قوراللارغا قىستۇرۇپ ئېلىپ ماڭغان ياكى ئادەم تېنىگە زەھەر يوشۇرۇش شەكلىدە ئايرودروم، دېڭىز پورتىدىن كىرگۈزۈش بۇ خىلدىكى دېلولاردا نىسبەتەن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن. رايون جەھەتتىن قارىغاندا، زەھەر سودىگەرلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىلگىرىكى غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىن پەندىنپەي ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەن، زەھەرنىڭ تىپى تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان، خىروئىن، مۇز زەھەر، ئېفېدرىن ھەتتا دولانتىن (Dolantin) قاتارلىقلار ئالاقىدار دېلولاردىكى زەھەر مەھسۇلاتى بولۇپ قالغان.

     زەھەر سودىگەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ياپونىيەلىكلەرنىڭ زەھەر دېلوسى كۆرىنەرلىك ئاشقان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قارا جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنىشى بولۇپ، دەم ئېلىشقا چىققان خادىملار، ئۆيىگە قايتالمىغانلاردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگودىكى مۇز زەھەر، خىروئىن قاتارلىق زەھەر مەھسۇلاتلىرىنى ياپونىيەگە ئەتكەس قىلىپ ساتقان، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى غايەت زور باھا پەرقىدىن پايدا ئالغان.
      چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى جۇڭگودا (ياكى چېگرىدىن كىرىپ چىققاندا) قولغا چۈشكەندىن كېيىن نەق مەيداندا تۇتۇپ قېلىنىدۇ ھەمدە ئاخىرىدا ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدا زەھەر ئەتكەس قىلىش، سېتىش، توشۇش، ياساش جىنايەتلىرىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى قانۇنىدا، چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى دېلوغا چېتىشلىق دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار ئادەتتە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش، مۇددەتلىك قاماق جازا بېرىش ھەتتا ئۆلۈم جازاسى شەكلىدە بىر تەرەپ قىلاتتى.
جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسزلىك ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پراففىسسورى جاڭ جىيې نىڭ بايان قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ چېگرا ئىچىدىكى چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى دېلوسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار ئىكەن. چەتئەللىكلەرگە چېتىشلىق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرىنى تەكشۈرگەندە، جىنايەتچى تۇرۇشلۇق شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساقچىلار سوراق قىلىدۇ. «ۋېينا ئەلچىلىك مۇناسىۋەت ئەھدىنامىسى» دىمۇ، ئومۇمەن چەتئەللىكلەرنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان قانۇنىي ۋاستە قوللانغاندىن كېيىن، دەرھال مەزكۇر كىشىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىش، كۆرۈشۈش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك، شۇ دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئىككى تەرەپ كۆرىشەلەيدىغان ئىنسانىي ھوقۇق مېخانىزىمىنى تېزراق ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن.





        1994-يىلى 2-ئايدا، فىلىپپىننىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسى دۆلىتىدىكى گېزىتتىن ئىككى فىلىپپىنلىقنىڭ زەھەر ئەتكەس قىلغانلىقى سەۋەبلىك جۇڭگو ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان. بۇ دېلونى سوت قىلىش ۋاقتى ئىككى يىلغا سوزۇلغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە جۇڭگو ئەدلىيە ئورگانلىرى فىلىپپىننىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىغا ئۇقتۇرمىغان، فىلىپپىن شۇ سەۋەبلىك بېيجىڭغا دېپلوماتىيە جەھەتتىن ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1995-يىلى، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، ئالىي سوت، تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى قاتارلىق تارماقلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشقا چېتىلىدىغان دېلولاردا، تەكشۈرۈش تارماقلىرى 48 سائەت ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ئورگانغا مەلۇم قىلىشى كېرەك، بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش دەرىجىدىكى ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلىشى، ئوخشاش دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىگە دوكلات قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەنلىكىنى جاكارلىغان.
         بېيجىڭدىكى بىر ئاقلىغۇچى ئاۋدوكات ئالاقىدار دېلوغا ۋاكالەتچى بولۇپ باققان، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى تۇتۇلغان ھەمدە بىرىنچى قېتىملىق سوت ئېچىش ۋاقتى بېكىتىلگەندىن كېيىن، سوت ئاچىدىغان سوت مەھكىمىسى دەرھال يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىلىشتىن 7 كۈن بۇرۇن سوت قىلىش ۋاقتىنى ئالاقىدار دۆلەتنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىغا ئۇقتۇرىدۇ. ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان بۇ ئاۋدوكاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوتلاش جەريانىدا خەنسۇچە تىل-يېزىق ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئالىي سوتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، چەتئەللىك جىنايەت گۇماندارلىرى تەرجىمان ۋە ئاۋدوكات تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، ئەمما چوقۇم جۇڭگودا ئاۋدوكاتلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئاۋدوكاتنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە، جۇڭگو چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دېپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ جىنايەتچىنى يوقلاشىغا رۇخسەت قىلغان، ئەمما تاشقى ئىشلار تارماقلىرى ياردەملىشىشى كېرەك.
مەزكۇر ئاۋدوكاتنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، جازا بېرىلگەندىن كېيىن، چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىسى ئالاقىدار تۈرمىگە قامىلىدىكەن، جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پراففىسسورى شۈ لەنتىڭنىڭمۇ بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، «قەيەردە تۇتۇلسا شۇ يەردە قامىلىدۇ ھەمدە يەرلىك سوت مەھكىمىسى سوتلايدۇ». ھەر قايسى جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەخسۇس چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنى قامايدىغان تۈرمە تەسىس قىلىنغان، ئەمما ئومۇميۈزلۈك ئەمەس. قاماقتىكى جىنايەتچىلەر بەلگىلىك قاراتمىلىققا ئىگە، مەسىلەن شېنياڭدىكى ئالاقىدار تۈرمىگە ئاساسلىقى جەنۇبىي كورىيە، شىمالىي كورىيە ھەمدە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئالاقىدار جىنايەتچىلەرنى قامىلىدۇ. نۆۋەتتە گۇاڭدۇڭ، نەنجىڭ، شېنياڭ قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا چەتئەللىك زەھەر جىنايەتچىلىرى جازا ئۆتىمەكتە.

         چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ قامىغان تۈرمىلەردە ھەمىشە تەرجىمان سەپلىنىدۇ، ئەمما ئوخشىمىغان دۆلەتلەر جىنايەتچىلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تېخى يىراق. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو تۈرمىلىرى جىنايەتچىلەرنىڭ ئەمگەككا قاتنىشىشى بەلگىلەنگەن، نۇرغۇن چەتئەللىك جىنايەتچىلەر بۇ بەلگىلىمىنى تەستە چۈشنىدۇ. ئەمگەك ھەققى جەھەتتە، چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىس سەل يۇقىرى، يېمەكلىك ئۆلچىمىمۇ سەل ئوخشىمايدۇ.
       نۆۋەتتە، چەتئەللىك زەھەر جىنايەتچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغاندا كۆپىنچە ئوكۇل ئۇرۇش شەكلى قوللىنىدۇ. جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، جەسىتى يەرلىكتە كۆيدۈرۈپ تاشلانسا ياكى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلسا بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلىشتا ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ياكى شۇ دۆلەت ئەلچىخانىسىنىڭ پىكىرىنى ئالىدۇ. جەسەت كۈلى ۋە جەسىتىنى، مال-مۈلكىنى چېگرىدىن ئېلىپ چىقىشتا بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى «ئۈلۈمنى مۇۋاپىق بىتەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات» يېزىپ بېرىشى كېرەك. ئىچكى زاتلارنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بەرسە، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال ئىجرا قىلىنىدىكەن. ئەگەر چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش قوشۇمچە جازا بولسا، ئاساسىي جازا ۋە باشقا جازالار ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ياكى يېنىكلىتىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى ئىجرا قىلىنىدىكەن.
       2009-يىلى 3-ئايدا، ۋېيتناملىق زەھەر سودىگىرى زەھەر ئېلىپ كىرگەندە، چاڭشا چېگرا مۇداپىئە ۋە تاموژنا تەكشۈرۈش پونكىتى تۇتۇۋالغان. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، چاڭشا شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋېيتناملىق زەھەر سودىگىرى ۋە ئۇنى كۈتۈۋالغۇچىنىڭ زەھەر ئەتكەس قىلىش جىنايىتى تۇرغۇزۇلۇپ، ئىككىسىگە مۇددەتسىز قاماق جازا بەدى ھەمدە چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى.

مەنبە: سۇمرۇغ ھەپتىلىكدىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى، مەزمۇن سەل كۆپ بولغاچقا، قالغان ئىككى بۆلىكى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ. باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !







[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-05-11 01:08قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-10, 23:10
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-10 23:04 |
apilla
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7520
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامىنى تېزراق يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن...رەھمەت سىزگە....
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-10 23:25 |
anasbay
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7523
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

فىلىپىننىڭ شۇڭا ئاچچىقى يامانكەندە...........
باغداش ھەممېمىزنىڭ ئائىلىسى...........
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 01:30 |
yalghuz2
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6560
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 247 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 247 سوم
تۆھپە: 141 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 144 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنچە ئىشلار بىز ئوقۇغاندەك بولماسلىقى مۇمكىن.
نىمە ئۈچۈن ئىككى يىل سۈرگەن بىر دەۋادا پىلىپىن ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئەلچىسىگە خەۋەر بىرىلمەيدۇ؟
ئەنگىلىيەلىك زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىسى ۋەقەسىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ھەرگىزمۇ يېزىلغاندەك ئەمەس.... .
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 05:11 |
iwirghol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرەت: 620 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 621 سوم
تۆھپە: 364 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 368 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 448(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

فىلىپپىنلىقلارنىڭ 90نەچچىنچى يىللىرى دۆلىتىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىغا قىلغانلىرى ئاچچىقتىن ئىكەندە؟
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 10:06 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 1468 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1482 سوم
تۆھپە: 867 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 867 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چەتئەللىك بولامدۇ، جوڭگولۇق بولامدۇ زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ ھەممىسنى يوقۇتۇش كىرەك.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 11:00 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 609
شۆھرەت: 3091 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3093 سوم
تۆھپە: 1849 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1850 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنداق گۇيلارغا ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ
simfoniya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 13:26 |
tozan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7274
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 104
شۆھرەت: 533 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 534 سوم
تۆھپە: 319 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 320 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توغرا ،ئۇلار ئۆلۈمگە لايىق!
saltanat
شەرىق ۋە غەرىپتە ئىككى ئىت ياتىدۇ.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 14:58 |
يولۋاس
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 267
شۆھرەت: 1328 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1339 سوم
تۆھپە: 799 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر پاي ئوق ئتسا ئىش تۈگەيدۇ.
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 17:22 |
muammar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6060
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 275 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 285 سوم
تۆھپە: 152 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 152 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇ زەھەر پىلانلىق ھالدا ئەيپلەنگۈچىنىڭ يېنىغا يوشۇرۇن تىقىپ قويۇلۇپ ئۇنىڭغا قارا چاپلانمىغانلار بولسا، ئېتىپ تىتمە-كاتاڭ قلىۋېتىش كېرەك.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 19:47 |
naprat2009
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 79
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 203
شۆھرەت: 1191 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1189 سوم
تۆھپە: 691 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 518(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى جازالاش دېپلوماتىيە ماجراسى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرىنى جازالاش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان دېپلوماتىيە ھەرىكىتى كۆپ كۆرىلىدۇ. جىنايەتچىنىڭ دۆلىتىنىڭ رەھبىرى ئاشكارا ئەپۇ سورايدۇ ياكى شەخسىي سالاھىيىتىدە دېلو تۇرغۇزغان دۆلەت رەھبىرىدىن ئەپۇ سورايدۇ. بىراق مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەدلىيە سوت قىلىشىغا بىۋاستە ئارىلىشىشىنى رەت قىلىدۇ. چەتئەللەرگە ئالاقىدار ئەدلىيە دېلولىرىدا ھەمىشە خەلق رايىنى باغلىۋالىدۇ، شۇڭا جازا بەرمەكچى بولغان دۆلەت ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ بېسىم قىلىشى بىلەن، زەھەر ئەتكەس قىلىش سەۋەبلىك دومىنىكا ساقچىلىرى تۇتۇپ قالغان فرانسىيەلىك ئىككى قىزنى دومىنىكا پرېزىدېنتى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلدى، كېيىن فرانسىيەنىڭ تاشقى ياردەم ئىشلىرى تارمىقىنىڭ مەسئولى ئېلىپ كەتتى.
2007-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئەنگىلىيەنلىك زەھەر ئەتكەسچىسى ئاكمال 4030 گىرام خىروئىننى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، تاموژنا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرى بايقاپ قالدى. ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا ئۆلۈم جازاسى بەردى، ئاكمال نارازىلىق ئەرزى سۇندى.
مەزكۇر دېلونى ئىككىنچى قېتىم سوت قىلىشتا ئاقلىغۇچى بولغان ئاۋدوكات ساۋخوڭ () «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» گە بىلدۈرۈشىچە، بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە پىكىرى بولغانلىقتىن، 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسى ئەلچىخانا ئىككىنچى كاتىپى ئارقىلىق ساۋخوڭ بىلەن ئالاقىلاشقان، ساۋخوڭ ئاكمالغا ھەقسىز ئاقلىغۇچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساۋخوڭنىڭ دېيىشىچە، ئىككىنچى سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، ئەنگىلىيە ئاكمالنىڭ نېرۋىسى بىنورمال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ئاكمال ئېنىق قىلىپ:«مېنىڭ نېرۋا كېسىلىم يوق، ئەمما نېرۋا كېسىلى بېكىتىشى قىلىشىغا قوشىلىمەن» دېگەن. بىراق ساۋخوڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، «مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئاكمالغا ئەدلىيە جەھەتتىن نېرۋا كېسىلى بېكىتىشى قىلىشقا قوشۇلمىغان، بۇ تەرىپى مەزكۇر دېلونىڭ ئاساسلىق يوچۇقى».
2009-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلوغا ئىككىنچى سوت ئاچتى، ساۋخوڭ ئۆزى تەكلىپ قىلغان تەرجىماننى ئېلىپ سوتقا كەلدى، ئەنگلىيە ئەلچىسى پۈتكۈل جەرياننى ئاڭلىدى. 2009-يىلى 4-ئايدا، ئىككىنچى سوت ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ مەزگىلدە، ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسى ساۋخوڭغا ئېلخەت يوللاپ:«ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ھەر قانداق شارائىتتىكى ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرىدۇ، ئەنگىلىيە پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەندە ياكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغاندا، بىز مۇۋاپىق دەرىجىدە ھەر قانداق ۋاستە قوللىنىپ جازا بەرگۈچى دۆلەتكە ئارىلىشىمىز» دېگەن. ئەنگىلىيەنىڭ شۇ نۆۋەتلىك باش ۋەزىرى برائۇن ۋە ئاكمالنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئارىلىشىپ، ئاكمالنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولدى. ئاخىرقى پەيتكە نەچچە سائەت قالغاندا، تېلېفون ئارقىلىق جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرىغا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى: سوت ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندا، ئاكمالنىڭ روھىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى يۇقىرى مۆلچەرلەپ قويدى، دېدى. 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 29-كۈنى ئاكمالغا ئۈرۈمچىدە ئوكۇل ئۇرۇپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.
شۇ كۈنى، ئەنگىلىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى جۇڭگونىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم چاقىرتىپ، بۇ ئىشقا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. بىرائۇن چۆچىگەنلىكىنى ۋە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئاكمالدىن سىرت، زەھەر ئەتكەس قىلغان ياپونىيەلىك ئىككى ئەرگە جۇڭگودا ئۆلۈم جازاسى بەردى، ياپونىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى ئەينى چاغدا جۇڭگونىڭ جازانى يېنىكلىتىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئەمما رەت قىلىندى. ياپونىيە ھۆكۈمىىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ياپونىيە جۇڭگو ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمىگە باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ياپونىيە پۇقرالىرىغا جۇڭگودا زەھەر ساتسا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراش خەۋپ-خەتىرىنىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 21:05 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر