ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە دىن
مۇھەممەتجان سادىق
ئەسكەرتىش : مەزكور ماقالە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلىدىن باغداش تورى تەرىپىدىن تورغا يوللاندى . رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!
ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا شامان دىنى ، مانى دىنى،نستورىيان دىنى ،بۇددا دىنى ۋە ئىسلام دىنى قاتارلىق ھەرخىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلدى .
دىن-ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ بىر تۈرى ، ئىجتىمائىي ئاڭ دېگىنىمىز ،ئىدىيە ،نۇقتىنەزەر ۋە نەزىرىيەلەرنىڭ يىغىندىسى بولۇپ ،ئۇ تەبىئەت ۋە جىمئىيەت ھەققىدىكى كۆز قاراشتىن ئىبارەت ، سىياسى ئىدىيە ، قانۇن،ئەخلاق ،پەلسەپە، ئەدەبىيات قاتارلىقلامۇ ئىجتىمائىي ئاڭ شەكىللىرى بولۇپ ،ھەرقايسسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن رىئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . بۇلار ئۆز-ئارا يېققىن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ بىر بىرىگە تەسىر قىلىشىپ تۇرىدۇ .
دىن بىلەن ئەدەبىيات بىر بىرگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئىدولوگىيە بولسىمۇ ، ئۇلاردىن بىر -بىرىگە يېقىن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ،بىر -بىرىگە تەسىر قىلىشىپ كەلدى . ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا كۆز تاشلايدىغان بولساق بۇنداق ئەھۋالغا ئومۇمىيۈزلۈك يولۇقىمىز.
دىن بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنى توغرا چۈشىنىش ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى -ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا توغرا ۋارىسلىق قىلىشتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ، بىز دېئالىكتىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخىي ماتىرىيالىزىمدىن ئىبارەت ئىلمىي دۇنيا قاراش ئارقىلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنى توۈرا تونۇپ ، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى بۈگۈنكى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيۈتىى ۋە سوتسىيالىستىك مەنىۋى ھاياتنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرشىمىز لازىم :
مۇندەرىجە:
1.دىن ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى تارىخي دەۋرلەردىكى رولىنى قانداق چۈشىنىش مەسلىسى
2.ئىپتىدائىي دىن ۋە ئىپتىدائىي خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
3.ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا نىمە ئۈچۈن دىنىي تۈس بولىدۇ ۋە ئۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك .
4.ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى دىنغا قارشى ئىدىيە
5.دىن ئوبىكتىپ جەھەتتىن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئاكتىپ رول ئوينىدى .
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ، داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز <ئۇيغۇرخەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە دىن >نامىدىكى ماقالىدە بولسۇن !