saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1815 قېتىم كۆرۈلدى
bagdashi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6223
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 193
شۆھرەت: 1196 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1198 سوم
تۆھپە: 676 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 189(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ھەپتىلىك قىزىق نوقتا: لادىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقى

ھەپتىلىك قىزىق نوقتا: لادىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ
 بىر يىللىقى





      2011-يىلى 2-ماي كۈنى ئامېرىكا  بازا تەشكىلاتى يەنى ئەلقائىدە تىرۇرلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى ئوسامە بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكالىدى. بۇ  ئىشقا ھازىر دەل بىر يىل توشتى.
شۇ كۈنى سەئەت 9دىن 35مىنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پىرىزدىنتى باراك ھۈسەيىن ئوباما ئەلقائىدىنىڭ كاتتىۋېىشى ئوسامە بىن لادىننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات تارقاتقان ئىدى. ئامېرىكا ئىلگىرى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدە نىيۇ يورك دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ 110 قەۋەتلىك قوشماق بىناسىغا بۇلىنىپ سوقتۇرۇلغان يۇلۇچىلار ئايرۇپىلانى ۋە ۋاشىڭتۇندىكى بەش بۈرجەكلىك بىناغا سوقۇلغان يۇلۇچىلار  يۇلۇچىلار ئايرۇپىلانىنى ئەلقائىدىنىڭ ئەزالىرى ھەيدىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ ۋەقەدە جەمئى 3000دىن ئارتۇق بىگۇناھ پۇقرا ئۆلگەن  ئىدى.
رەسىمدىكى بولسا پاكىستاننىڭ ئابىدئابادتا كىشىلەر ئەتىسى بىن لادىن مۈكۈۋالغان بۇ ئۆينى كۆرۈشكە كېلىپ ئۆي ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان ھالەت.

مەنبەسى: شىنخۇا تورى

تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-06, 20:58
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-06 19:21 |
تۈرۈك
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7384
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 47 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 47 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

11-سىنتەبىر ۋەقەسى- ئامېرىكا پىلانلىغان ۋەقە، گۇمانلىق نوقتىلار بەك كۆپ، ئويلاپ بېقىڭ بىر ئايرۇپىلان سوقولۇپ 45مىنۇتتىن كېيىن يەنە بىر ئايرۇپىلان سوقولۇپتۇ،ئامېرىكا بۇنىڭ ئالدىنى ئالالماسما؟
lutun
ئادىل
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 21:24 |
bagdashi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6223
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 193
شۆھرەت: 1196 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1198 سوم
تۆھپە: 676 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 189(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىراق پاكىستانلىق خالىد قاتارلىق قولغا ئېلىنغان بازا ئەزالىرى بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئىقرار قىلغان. لادىنمۇ بۇ ئىشنى قىلمىدىم، ياكى بۇنى قىلغانلار توغرا قىلمىدى دىگەندەك ھىچقانداق بايانات بەرمەي جىم تۇرۇۋالغان. ھەتتا ئۇ كىيىن بۇ ئىشىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنىمۇ يېقىنلىرىغا ئېيتقان .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 22:06 |
edirhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 308
شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 987 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    گەرچە بىن لادىن ئۆلگەن بولسىمۇ بىر ھەقىقەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. بۇ دۇنيادا ئاللاھتىن ئۆزگە چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى يوق ئىكەنلىكى. ئامرىكا گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك قۇدرەت ئىگىسى بولسىمۇ ، ئۆز بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىدى. دېمەك، دۈشمەن مەيلى چۈمۈلە بولسىمۇ ئۇ ھامان ئىنتايىن يوشۇرۇن تەھتىد كۈچىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 22:34 |
曲马多!
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6949
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 36 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 36 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشقىلىپ مەن بىنلادىننى  يامان  كورمەيمەن!
simfoniya
قىز-ئوغۇللىرىمىز  تۇگەشمەكتە!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 22:51 |
dilfin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 822
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 92 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 92 سوم
تۆھپە: 53 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 56 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بۇرۇن 11-سىنتەبىر توغرىلىق تۆۋەندىكى ماقالىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.
11- سېنتەبىر زادى كىمنىڭ ئويۇنى؟(داركىنىس ماقالىلىرى)
تۆت يىلدىن جىق ۋاقىت ئۆتتى ۋە 11- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ زادى كىمنىڭ نىمە مەخسەت بىلەن قىلغانلىقى ئاستا - ئاستا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئامېرىكا ھۆكۇمىتىنىڭ دىيىشىچە پۇتۇن جاۋاپكارلىق ئەل-قائىدە ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى بولغان بېن لادىندا. ۋە بۇنىڭ ئۇچۇن ئىككى ئۇرۇشنى قوزغىدى. كىشىلىك ھوقوقلار دەپسەندە قىلىندى، تىرلىيونلىغان دوللارلار خەجلەندى. ئەمدى ئىران تەھدىت قىلىنىۋاتىدۇ، ئارقىسىدىن سۇرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ............. باھانە نىمە زادى؟
ھىچقانداق بىر دۆلەت ياكى تەشكىلات بۇ ۋەقەنى يېقىندىن تەكشۇرەلمىدى. سەۋەبى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پۇتۇن يىپ ئۇچى ۋە دەلىللەر قولىدا بولغان ئامېرىكا ئامىيەسى ۋە CIA, FBI بۇ دەلىللەرنى << مۇتلەق مەخپى >> دىگەن تامغا بىلەن پىچەتلەپ ئامبارغا تىقىۋەتتى ۋە بۇلارنى تەكشۇرۇش قەتئى مەنئى قىلىندى. مەسىلەن بۇ دەلىللەرنىڭ بەزىلىرى بۇلار: بەش بۇرجەكلىك بىناغا سوقۇلغان Boing AA77 ئايرۇپىلانى، سوقۇلغان 4 ئايرۇپىلاننىڭ ھەربى رادار ئىچىدىكى ئۇچۇش لىنىيەسى ۋە ئايرۇپىلاننى قاچۇرغان 19 ئەرەپنىڭ سالاھىيەتلىرىنىڭ قانداق تېپىلغانلىقى........................
( CIA - Central Intelligence Agency - مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى. )
( FBI - Federal Bureau Investigation - قوشما شىتات تەكشۇرۇش ئىدارىسى )
نۇرغۇنلىغان تەكشۇرگۇچىلەر بۇ ۋەقەنىڭ << رەسمى دوكلادى >> غا قارشى چىقتى. يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر ئويۇن بارلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ۋەقە يۇز بەرگەن بىرىنجى كۇنى قولىغا چۇشكەن، ئامېرىكا ھۆكۇمىتى تېخى يىغىۋېلىشقا ئۇلگۇرەلمىگەن دەلىللەر بىلەن، بۇ ئىشنىڭ ئارقىدا ئامېرىكا ھۆكۇمىتى ياكى MOSSAD نىڭ بارلىقنى ئىسپاتلاشقا تىرىشتى. ۋە بىز بۇگۇن بۇلارنىڭ بەزىسىگە قاراپ باقايلى.
( MOSSAD - ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋە ئالاھىدە ھەرىكەتلەر تەشكىلاتى نىڭ قىسقارتىلىشى. بۇ تەشكىلات دۇنيانىڭ ئەڭ يامان 5 جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىرى. بۇ 5 تەشكىلات بولسا CIA - ئامېرىكا ، MI6 - ئەنگىلىيە ، KGB - رۇسىيە ، MIT - تۇركىيە ، MOSSAD - ئىسرائىلىيە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە MOSSAD ئەڭ مەخپى، ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارغا ئىگە. دۇنيادىكى چوڭ سۇيقەست ۋەقەلىرىدىن تارتىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كېننىدى نىڭ ئۆلتۇرۇلۇشىگىچە بولغان ۋەقەلەر MOSSAD بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. )
ھەربىر ئايرۇپىلان بىناغا سوقۇلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئاۋىئاتسىيە شېركەتلىرى يۇلۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىكتە ئامېرىكا ھۆكۇمىتى ئېلان قىلغان تېرورچىلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ ئىسىمى يوق. بىر نەچچە كىشى بەلكى يالغان ئىسىم ئىشلەتكەن بولىشى مۇمكىن، مەسىلەن مۇھەممەت ئاتتا باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئايرۇپىلانغا چىققان بولىشى مۇمكىن. ئەمما 19 ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يالغان ئىسىم بىلەن ئايرۇپىلانغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىرسىگە ئۆلۇمگە ماڭغان ئادەم ئىسىمىنى ئۆزگەرتمەيمۇ ئايرۇپىلانغا چىقالايتتى. تېخىمۇ مۇھىمى چىرايىغا قارىسا ئەرەپ چىرايى، ئىسىمى بولسا ئامېرىكا ئىسىمى بولغان بىرسىدىن باشقىلار تېخىمۇ ئاسان گۇمانلىناتتى. بۇ دەلىللەرگە ئاساسەن بۇ << تېرورچىلارنىڭ >> جىقىنىڭ بۇ ئايرۇپىلانلاردا يوق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز.
2 بىناغا ئايرۇپىلان سوقۇلۇپ 3 مىنۇتتىن كېيىن CNN خەۋەر قانىلى دەرھال نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىشكە باشلىدى. ئەمما قانداق بولۇپ زۇڭتۇڭ بۇش بۇ ۋەقەدىن 15 مىنۇت كېيىن خەۋەردار بولدى؟؟؟
بۇ ھەقتە پروفېسسورGriffin مۇنداق دەيدۇ:
ئۇ كۇنى بۇش فلورىدا شىتاتىنىڭ ساراسوتا شەھرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى مىللى مائارىپ پىلانىنى سۆزلەۋاتاتتى. پۇتۇن گېزىت ژورنال قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردە ئىدى. مۇخبىرلار بالىلار بىلەن چاقچاق قىلىشىۋاتقان بۇشنى كامېرالارغا ئېلىۋاتقان ئىدى. سائەت 8:45 مىنۇت ئۆتكەندە تۇنجى ئايرۇپىلان دۇنيا تىجارەت مەركىزىگە سوقۇلدى. CNN بولسا 8:48 مىنۇت ئۆتكەندە بۇنى پۇتۇن دۇنياغا خەۋەر قىلدى. بۇش 9:30 دا مۇخبىرلارنىڭ يېنىغا كېلىپ << بىر تېرورىسىت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى >> دۇنياغا ئېلان قىلدى. زۇڭتۇڭ بۇش نىمىشقا 45 مىنۇت ساقلىدى؟؟؟ بۇش بۇ سۇئالغا كېيىن مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى : << CIA بۇنى ماڭا سائەت 9:00 دا خەۋەر قىلدى .>> يەنى CNN نىڭ 3 مىنۇتتىن كېيىن دۇنياغا ئېلان قىلغان خەۋىرىنى، CIA، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇشقا 15 مىنۇتتىن كېيىن خەۋەر قىلدى. بۇ سىزنىڭچە مۇمكىنمۇ؟؟؟
بۇ يەردە ئەڭ گۇمانلىق ئايرۇپىلان بولسا، بەش بۇرجەكلىك بىناغا سوقۇلغان 4- ئايرۇپىلان. 100 توننا ئېغىرلىقىدا، قاناتلىرىدا لىق بېنزىن بولغان ۋە سائىتىگە 708 كىلومىتر تېزلىك بىلەن سوقۇلغان بىر ئايرۇپىلان، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئۇ بۇرجىكىنى تۇپتۇز قىلىۋېتىشى كېرەك. بىنادا پەقەت 5 مېتىرلىك بىر تۇشۇك ئېچىلدى. بۇ خىل تۇشۇك پەقەت ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشلىتىۋاتقان << توما خەۋك >> راكېتاسى بىلەن ئېچىلالايدۇ. FBI بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن بىنانىڭ پۇتۇن مەخپى كامېراسىنى ئېلىپ، ئىچىدىكى پۇتۇن كۆرۇنۇشلەرنى << يوق قىلىۋەتتى >>. شۇنىڭ ئۇچۇن << بىناغا زادى نىمىنىڭ سوقۇلغانلىقى >> تېخىچە ئىنىق ئەمەس. ئەگەر بۇ بىناغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سوقۇلغان بولسا، ئۇنداقتا ئىچىدە لىقمۇ-لىق يولۇچى بولغان 4- ئايرۇپىلان نەدە؟؟؟ ئامېرىكا ھۆكۇمىتى بەش بۇرجەكلىك بىناغا سوقۇلغان ئايرۇپىلاننى ھانى خۇنجۇر ئىسىملىك تېرورچىنىڭ ھەيدىگەنلىكىنى سۆزلىگەن ئىدى، ھالبۇكى خۇنجۇر نىڭ 1 يىل بۇرۇنقى ئۇچقۇچىلىق مەكتىپدىكى ئىمتىھانلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن ناچار نۇمۇرلار ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇئەللىملەر 5 قېتىم ئۇنىڭغا دىپلوم بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى. بۇنچىۋالا << ناچار بىر ئۇچقۇچى >> 7000 مېتىر ئىگىزلىكتىكى بىر ئايرۇپىلاننى قانداق قىلىپ، پەقەت ئەڭ ئۇستا ئۇچقۇچىلارلا قىلالايدىغان 360 دەرىجىلىك پەسكە ئەگىلىش ھەرىكىتىنى، قىلچە خاتالاشماي قىلالىدى؟؟؟
دۇنيا تىجارەت مەركىزىگە ئايرۇپىلان سوقۇلۇشتىن 31 مىنۇت بۇرۇن، بۇ ئايرۇپىلانلار بىلەن ئالاقە ئۇزۇلدى. شۇنىڭ بىلەن << قائىدە بويىچە >> بۇ ئايرۇپىلانلارنى ئېتىپ چۇشۇرىۋېتىش ئۇچۇن، ئەڭ يېقىندىكىMcGuire ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئەمەس بەلكى 280 كېلومىتىر يىراقلىقتىكىCape Cod بازىسىدىن بىر F-16 يولغا چىقتى. ھالبۇكى McGuire بازىسى بولسا 3 مىنۇت يىراقلىقتا ئىدى. F-16 نىڭ ئۇچقۇچىسى بولسا مۇنداق دەيدۇ : < - ئۇلارغا يېتىشىش ئۇچۇن ئەڭ تېز سۇرئەت بىلەن ئۇچتۇم، ئەمما يېتىشەلمىدىم- . > بۇ ئۇچقۇچى ئۇپئۇچۇق يالغان سۆزلىدى. چۇنكى بىر F-16 ئەڭ تېز ئۇچقاندا بىر مىنۇتتا 51 كېلومېتىر ئۇچالايدۇ ۋە 8 مىنۇت ئىچىدە نيۇ-يورك قا بېرىپ بۇلۇشى كېرەك يەنى، تۇنجى ئايرۇپىلان سوقۇلۇشتىن 23 مىنۇت بۇرۇن !!!!!!!
بىز ئەمدى بەش بۇرجەكلىك بىناغا سوقۇلغان ئايرۇپىلان ياكى << باشقا نەرسىنىڭ >> رەسىملىرىگە قاراپ باقساق تېخىمۇ جىق گۇمانلىق نۇقتىنى بايقايمىز.
تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك ئايرۇپىلان بۇ نۇقتىدىن ئۇچۇپ كېلىپ سوقۇلغان.
ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمگە ياخشى دىققەت قىلىڭلار، بۇ بىر Boing-A77 ئايرۇپىلانىنىڭ بىنانىڭ ئالدىدىكى چوڭلىقى. ئەگەر بۇ ئايرۇپىلان بۇ يەرگە سوقۇلغان بولسا، نىمىشقا ئىككى قاناتنىڭ سوقۇلغان يېرىگە ھىچنىمە بولمايدۇ؟؟؟
ۋە قۇيرۇقنىڭ سوقۇلغان يېرى نىمىشقا ئۆز پېتى تۇرىدۇ؟؟؟
يەرلەردە سول موتورنىڭ ھىچقانداق بىر سۇركىلىش ئىزى يوق، بۇنداق چوڭ ئايرۇپىلان يەردە نىمىشقا ئىز چىقارمايدۇ؟؟؟


ۋەيران بولغان يەر ئاران مۇشۇنچىلىك

ۋە تېخىمۇ مۇھىم بولغان يېرى، ئايرۇپىلان ياكى << باشقا بىر نەرسە >> سوقۇلغان يەر، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دەل رېمۇنت قىلىش ئۇچۇن بوشىتىلغان قىسىمى، ( پاھ پاھ ... تەسادىبىلىققا قاراڭ !!! )
  ئەمدى بىزنىڭ شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن ۋە ئامېرىكا ھۇكۇمىتى جاۋاپ بېرەلمىگەن ياكى بېرىشنى خالىمىغان سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقايلى:
1. دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققى قىلغان ئاخبارات ۋە جاسۇسلۇق تورىغا ئىگە بولغان ئامېرىكا، نىمىشقا بۇ ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى؟ ئەگەر ئۆزى بۇ ۋەقەنىڭ بۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپالمىغان بولسا، باشقا << دوست جاسۇس تەشكىلاتلىرى >> نىمىشقا ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرمىدى؟ قولىدا پۇتۇن دۇنيانىڭ خەۋەرلىشىش تورىنى كونترول قىلىدىغان << ECHELON >> دەپ ئاتالغان غايەت زور ۋە مەخپى بىر كۇزىتىش تېخنىكىسى تۇرۇپ، << بىر ئۇچۇم تېرورىستنىڭ >> نەدە نىمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىنى نىمىشقا بىلەلمىدى؟
2. يالغان پىچاق كۆتۇرىۋالغان بىر ئۇچۇم ئادەم، بۇنچىۋالا جىق ئايرۇپىلاننى ئېلىپ قېچىش ئۇچۇن يىتەرلىكمۇ؟ 19 ئادەم يالغان پىچاق بىلەن 3-4 كىشىلىك گۇرۇھ بولۇپ، بۇ ئايرۇپىلانلارغا كىرىپ، ئىچىدىكى قۇراللىق قوغدىغۇچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئايرۇپىلاننىڭ كونترولىنى قولىغا ئالالىشى سىزنىڭچە قانچىلىك ئەقىلگە سىغىدۇ؟
3. 19 ئادەم ھىچقانداق بىر خاتا چىقارماي، بۇنچىۋالا جىق ئايرۇپىلاننى<< ئوڭۇشلۇق ھالدا >> قانداق ئېلىپ قاچالىدى ؟
4. بىرىنجى ئايرۇپىلان بىناغا سوقۇلۇپ 15 مىنۇتتىن كېيىن ئىككىنجى ئايرۇپىلان سوقۇلدى. 40 مىنۇتتىن كېيىن بەش بۇرجەكلىك بىناغا سوقۇلدى. بۇنچىلىك جىق ۋاقىتتا نىمە ئۇچۇن بۇلارغا دەخلى قىلىنمىدى؟ بۇنى پەقەت << گاڭگىراپ قالدۇق >> دەپ قۇتۇلىشى توغرىمۇ؟ بۇ خىل ھادىسىلەرگە قارشى ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇملارغا قارشى ھەر يىل نەچچە يۇز مىليارتلىغان دوللارلار خەجلەۋاتقان ئامېرىكىغا ئوخشاش بىر دۆلەتنىڭ << گاڭگىراپ قېلىشى >> ئەقىلگە سىغامدۇ؟
5. بەش بۇرجەكلىك بىنانى قوغداش ئۇچۇن كىچە كۇندۇز تەييار تۇرىدىغان ۋە 5 مىنۇتتا ئۇچۇشقا تەييار ھالغا كېلىدىغان كۇرەشچى ئايرۇپىلانلار نەدە قالدى؟ دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى قوغدىلىدىغان بىناسى بولغان PENTAGON يەنى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى، تېخىمۇ مۇھىمى << ماگنىتلىق مەيدان قوغداش سېستىمىسى >> نىمىشقا ئىشلىمىدى؟ چۇنكى بۇ سېستىما بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا رۇخسەتسىز كىرگەن ھەر قانداق ئايرۇپىلاننىڭ رادار سېستىمىسىنى بۇزۇۋېتىدۇ ۋە رادار سېستىمىسى بۇزۇلغان ئايرۇپىلان، ھاۋادىكى بىر قارغۇغا ئوخشايدۇ.
6. بۇ ۋەقەدە، ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ چوڭ مەسئولىيەتسىزلىك قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ تۇرۇپ، نىمىشقا بۇ تارماقلاردىكى مەسئولىيەتسىزلىك قىلغان ئادەملەرگە بىر جازا بېرىلمىدى؟
7. 4 ئايرۇپىلاننىڭ ھەربى رادارلارغا كۆرۇنگەن ھالدا ھىچقانداق بىر سىگنال بەرمەي، بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت بەلگىلەنگەن لىنىيەسىدىن چەتنەپ ئۇچۇشى ۋە بۇ ئايرۇپىلانلار بىلەن بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئالاقىنىڭ ئۇزۇلۇپ قېلىشى نىمىشقا دىققىتىنى تارتمىدى؟ بۇ سىزنىڭچە مۇمكىنمۇ؟
8. 4 ئايرۇپىلاننىڭ ھەممىسىدىكى << قارا ساندۇق >> قانداق بولۇپ << ئوقۇغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە >> بۇزۇلۇپ كەتتى؟
9. زۇڭتۇڭ بۇش نىمىشقا ئۇ ۋاقىتلاردا قەستەن نەچچە كۇن ئاق سارايدىن يىراق تۇردى؟
10. ئەتىسى كۇنى تېپىلغان ۋە ئىسپات دەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان << تېرورىستلارنىڭ >> ئۇچقۇچىلىق ئۇگۇنۇش ماتېرىياللىرى ۋە قۇرئانى-كەرىمنى، << تېرورىستلار >> نىمىشقا ئوتتۇرغا قويۇپ قويدى؟ FBI بۇ << ئىسپاتلارنى >> قانداق بولۇپ بۇنداق تېز قولغا چۇشۇردى؟
11. ئايرۇپىلانلارنىڭ يەردىن كونترول قىلىنىش ئېھتىمالى بارمىتى؟ ( ئايرۇپىلاننى يەردە تۇرۇپ كونترول قىلىدىغان سېستىمىنىڭ ئىسىمى - JPALS ). ئەگەر ئايرۇپىلانلار يەردىن كونترول قىلىنغان بولسا، ئۇ 19 كىشى پەقەت ھىچنىمىدىن خەۋىرى يوق يولچىمىدى؟ 11- نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلاننى گۆرۆگە ئېلىۋالدى دىيىلگەن مۇھەممەت ئاتتا نىڭ قاھىرەدىكى دادىسى، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئوغلى بىلەن 2 قېتىم كۆرۇشكەنلىكىنى سۆزلىدى. ئۇنداقتا مۇھەممەت ئاتتاغا زادى نىمە بولدى؟
12. FBI بۇ ئايرۇپىلانلارنى قاچۇرغانلارنىڭ ئىسىم ۋە سالاھىيەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرەپ. ئەمما كېيىن بۇلارنىڭ بىرى بولغان ئامىر ئابباس بۇركارى نىڭ بىر يىل بۇرۇن ئۆلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇكىسى ئادنان بۇركارىنىڭ بولسا FBI دا جاسۇس ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ 19 كىشىنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ ئىسىمى يولۇچۇلار تىزىملىكىدە يوق. بۇلارنىڭ يەنە بىرى بولغان ئابدۇلئەزىز ئەل ئۆمەر بولسا كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە << مەن رىيادتا، تېخى ياشاۋاتىمەن >> دەپ ئېلان قىلدى. يەنە بىر كىشى بولغان سەئىد ئەل ھەمدىنىڭ بولسا تۇنىستا ياشاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
13. بۇ 19 كىشى ئايرۇپىلانغا چىقمىغان بولىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇلارنىڭ قالغانلىرى بىر يەرلەردە مەخپى ئۇجۇقتۇرۇلغان بولىشى ئېھتىمالى بارمۇ؟
14. بېن لادىن تاكى 2004- يىلىغىچە بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلدى، ئۇنداقتا نىمە ئۇچۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى توختىماي بۇ ئىشنى بېن لادىن قىلدى ئېلان قىلىۋەردى؟ نىمە ئۇچۇن باشقا سەۋەپلەر ئويلۇشۇپ بېقىلمىدى؟ ۋە تېخىمۇ مۇھىمى نىمە ئۇچۇن 2004- يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاز قالغاندا بېن لادىن بۇنى تۇيۇقسىز ئېتىراپ قىلدى؟ بۇشنىڭ تېخىمۇ جىق ئاۋاز ئېلىپ، سايلامدا غەلىبە قىلىشى ئۇچۇنمۇ؟
15. سەۋەبىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ئېنىق بولماي تۇرۇپ، ئامېرىكا نىمىشقا بىر سائەتتىن كېيىن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى؟
16. بېن لادىننى نىمىشقا بۇگۇنگىچە تۇتالمىدى؟ پاكىستان ھۆكۇمىتى نەردە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان لادىننىڭ يېرىنى ئامېرىكا نىمىشقا تاپالمىدى؟ ياكى بېن لادىن يېڭى دۇنيا خوجايىنلىرىنىڭ بىر << ئارتىسىمۇ >> ؟؟؟؟؟؟
17. ئەگەر بېن لادىن بۇنچىلىك كۇچلۇك بولغان بولسا، 11- سېنتەبىردىن كېيىن تېخىمۇ جىق ۋە چوڭ تېرورچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟
18. ياكى بۇ ۋەقە ئەسلىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىنى تۇرغۇنلىقتىن چىقىرىش ئۇچۇن، تېخى كونترول قىلىنالمىغان رايونلارنىڭ كونترول قىلىنىشى ئۇچۇن، يېڭى ھاكىمىيەتلەر قۇرۇشى ئۇچۇن ۋە ئامېرىكىنىڭ پۇتۇن دۇنيانى كونترول قىلىش ئۇچۇن، MOSSAD ۋە CIA تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر << مەخپى ھەرىكەت >> مىدى؟
19. 11- سېنتەبىر كۇنى نىمىشقا دۇنيا تىجارەت مەركىزىدىكى يەھۇدىلارنىڭ جىقى ئىشقا كەلمىدى؟؟؟؟
ھەربىر فىلىمنىڭ بىر سېنارىيەسى بار، ئامېرىكىلىقلار بۇ كەسىپتە چىمپىيون. 11- سېنتەبىر ۋەقەسى بولسا، رېئاللىقتا ئىشلەنگەن بىر ئامېرىكا فىلىمى. ئەمما ھەر سېنارىيەنىڭ بىر ئاجىز تەرىپى بار ۋە كىچىك بىر جىددى تەكشۇرۇشتىن كېيىن پۇتۇن ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم قاتىل ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ئەمما بىر شەرت مۇستەسنا، پۇتۇن دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك.
ئەگەر دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلسا، بىتەرەپ تەكشۇرۇشلەر ئېلىپ بېرىلسا يۇقىرىدىكى كۆز قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە بىز رازى. ئەگەر بۇ دەلىللەرنى مەخپى تۇتۇشقا ۋە يۇشۇرۇشقا داۋام قىلسا، ئامېرىكا ھۆكۇمىتى تۆۋەندىكى جىنايەتلەرنىڭ باش جاۋاپكارى:
1. 11- سېنتەبىردە 3000 كىشىنىڭ ئۆلىشى.
2. ئافغانىستاندا مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۇشى.
3. ئىراقتا يۇزمىڭلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۇشى.
4. كېننىدىنىڭ ئۆلۇمى!!!!!!!!!!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 23:11 |
bagdashi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6223
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 193
شۆھرەت: 1196 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1198 سوم
تۆھپە: 676 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 189(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىن لادىن ھىچقاچان ۋە ھىچ زامان ئۆزىنى مۇشۇ مۇنبەردىكى بەزىلەر ئۇنى ئاقلىغاندەك ئاقلىغان ئەمەس. چۈنكى ئىشتانغا چىققان كۈڭۈلگە تايىن.
ئۇ بۇ ئىشنى قىلمىغان بولسا نۇرغۇن ئۇن لىنتىلىرى ئېلان قىلغان لادىن نىمىشقا ئۆزىنى ئاقلاپ ئاتالمىش مۇنبەر ئادۋۇكاتلىرى دىگەندەك ئا ق ش نىڭ ئاتالمىش ھىلى مىكرىنى پاش قىلمايدۇ؟ نىمىشقا بۇ گەپ توغرىسىدا ئاق كۆك دىيىشتىن تىلى كۆيىدۇ؟...
ئەقىل بولغان بىلەن ئىشلەتمىسە بىكار، خۇددى كۆز بولغان بىلەن دىققەن قىلمىسا تۆگىنىمۇ تاپالمىغاندەك.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 23:24 |
kapitan1227
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7053
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 64 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 64 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەخمەت نىجات بىر قېتىمىلىق نۇتىقىدا:<< 11-سىنتەبىر ۋەقەسى ئامىركىنىڭ ئۇيۇنى.11-سىنتەبىر كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىناسى قۇپقۇرۇق ئىدى.چۇنكى 11-سىنتەبىر ئامېركىغا ئارام ئېلىش كۈنى.بۇ پەقەت ئوتتۇرا شەرىققە كىرىشتىكى باھانە ...>>دىگەن ۋە نۇرغۇن پاكىتلانى كۆرسەتكەن.
مەنچىمۇ راسلا ئامىركىنىڭ ئۇيۇنىدەك قىلىدۇ.قالغىننى بىر ئاللا بىلىدۇ...
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 00:18 |
yadikar.jm
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3937
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 68 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 69 سوم
تۆھپە: 41 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 42 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئامېركا ئوتتۇرا شەرىققە ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا.....
مۇشۇ ئامېركا ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىۋىلىپ كەتمەي ھەجەپ........قىلدى ھە
  
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 19:29 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 1468 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1482 سوم
تۆھپە: 867 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 867 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

موشۇ يىللاردا ئامىرىكا بىن لادىن ئۆلسىلا دۇنيا تىرورچىلىقتىن، ئادەم ئۆلىشتىن قۇتىلىدىغاندەكلا تەشۋېق قىلىپ كەتتى، بۇلتۇر ئۇنىمۇ ئۆلتۈردى، لېكىن تىرورلۇق ۋە ئادەم ئۆلۈش يەنىلا يۈز بىرېۋەردى. ھەرقانداق ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ھەل قىلمىسا بىكار. نىمە ئۈچۈن بۇلار تىرورلۇق قىلىدۇ دىگەن سۇئالنى ئالدى بىلەن ئويلىسا بولاتتى. مەن ئەلۋەتتە زوراۋانلىققا، تىرورلۇققا بايرىقىم روشەن ھالدا قارشى تۇرىمەن.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-08 17:58 |
karluq02
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 51 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 51 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوساغاققا ئارپىدىيان باھانە بولغاندەكلا ئىشقۇ ، بۇ.....!
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-10 17:41 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر