پىنسىيەگە چىققان كادىرنىڭ ئۆيى مەجبۇرى چېقىلىش
جەريانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىلدى
5-ئاينىڭ 1-كۈنى خېنەن ئۆلكەلۇباناھيىلىك پارتىكومدىن پىنىسىيەگەچىققان كادىر لىيۇيۆشەن، ئۈزىنىڭ ھويلىسىدا ناھيىلىك پىلان تەپتىش ئەتىرىتىدىكى قانۇن ئىجراقىلغۇچىلار بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قېلىپ، مەجبۇرى ئۆي چاققۇچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارلاندۇرۇلغان بۇلۇپ، دوختۇرخانىغا بارغاندا جان ئۈزگەن. ئۆلكىلىك ج خ تارماقلىرى بۇناھيىگە كىلىپ، جەسەت تەكشۈرمەكچى بولغان. ۋەقەدىن كىيىن پىلان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن توختۇتۇلغان.بىرئادەم جىنايى ئىشلاربۇيىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان، ئىككى ئادەم ئامانلىق بۇيىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان.
بۇكۈنى، لىيۇ ئۈزىنىڭ يۈزيىللىق كونا ئولتۇراق ئۆي ئورنىدا ئۈيىنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئىشقاكىرىشكەن، ئەمما ناھيىلىك پىلان ئىدارىسىدىكىلەر بۇلارنىڭ تاملىرىنى ئۆرىۋىتىپ، يېڭىدىن ئۆي سالساڭ بولمايدۇ دېگەن.5-ئاينىڭ 1-كۈنى پىلان ئىدارىسىدىن 80 دىن ئارتۇق كىشى بۇكەنتكە كىرىپ، بىرنەچچە ئائىللىكنىڭ ئۈيىنى مەجبۇرى چاققان. لىيۇ ئائىلىسىگە كەلگەندە، لىيۇيۆشەننىڭ خىشلارنى يىتىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھويلىغا يۆتكەۋاتقىنىنى كۈرۈپ، يېڭىدىن قۇرلۇش قىلغىلى تۇرۇپسەن دەپ ئۇرۇپ كەتكەن. لىيۇيۆشەننىڭ ئىنىسى ئاكىسىنىڭ ئۇرۇپ يىقىلغىنىنى كۈرۈپ، :« ئادەم ئۆلدى» دەپ ۋارقىرىغان، قانۇن ئىجراقىلغۇچىلار بۇكىشىنىمۇ تىپىشكە باشلىغان.
5-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئائىلە تاۋاباتلار جەسەتنى ناھيىلىك پارتىكومنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئېلىپ كىلىپ جاۋاپقا ئىرىشمەكچى بولغان. ھۈكۈمەت تەرەپ كۆپ قېتىم مەسلىھەتلەشكەن، ئەتسى ئەتىگەندە ئۇلار جەسەتنى بۇلاشتىن ئەنسىرەپ، يوتقانغا يۆگەپ ئۈيىگە ئېلىپ كەتكەن، ئەمما جەسەت ساندۇقى پارتىكوم دەرۋازسى ئالدىدا قالدۇرۇلغان. بىرسائەتلەردىن كىيىن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى زۇراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئەتىرى ساقچى چىقىرىپ، يىغىلغان ئاممىنى ھەيدىۋەتكەن، ج خ ئىدارىسىدىكىلەر جەسەتنىڭ يوتقانغا يۆگەپ ئېلىپ كىتىلگىنىدىن خەۋرى يوق بولغاچقا ناھيىلىك پارتىكوم ئالدىغا قۇيۇلغان جەسەت ساندۇقىنى بۇلاپ كەتكەن. ساقچىلارجەسەت بۇلاش جەريانىدا لىيۇيۆشەننىڭ ئاچىسىنىڭ سۈڭىكىنى سۇندۇرۋەتكەن، يەنەبىر تۇغقىنى ئىككى كۈن سۇلاپ قۇيۇلغان. جەسەت ساندۇقىنى بۇلاپ، ساندۇقنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ھۈكۈمەت تەرەپ يەنە ئائىلە تاۋاباتلاربىلەن سۆھبەتلەشكەن.ھەمدە، جەسەت تەكشۈرۈش تەلىۋىنى ئوتتۇرغان قويغان. يەرلىك ساقچىلارئىشەنجىسىز بولغاچقا، لىيۇ ئائىلىسىدىكىلەر يۇقىرى دەرىجىلىكتىن كىلىپ، جەسەت تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
نەچچە كۈندىن بىرى ئىنتىرنىت تورىدا يەرلىك تورداشلار بۇئىشقا قارتا نارازى بولغان،
« ھۈكۈمەت يېڭى يېزا قۇرلىشى ئېلىپ بارىمىز دەپ ، بىزنى يېڭى ئۆي سېلىشقا يول قويمايدۇ، بۇئەھۋالغا بىريىلدىن ئاشتى» دەيدۇ يەرلىك ئامما. بۇنىڭ سەۋەبى ئاددى بۇلۇپ، يېڭى ئۆي سالسا چېقىش تەسكە توختايدۇ ھەم تۆلەپ سوممىسىمۇ يۇقىرىلاپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۈكۈمەت شەخسى ئۆي سېلىشقا زەربە بېرىپ كەلگەن. ئەمما بۇجايدا ھۈكۈمەتنىڭ قانۇنسىز ھالدا يەر ئىگەللەش قىلمىشى ناھايىتى كۆپ بولغان.
لىيۇ ئائىلىسسدىكىلەر ئۈزىنىڭ شەخسى تۇرالغۇ يىرىدە ئۆي سالسا نېمە ئۈچۈن بەزى ئۇرۇنلارنىڭ بەلگۈلىمىسىگە خىلاپ بۇلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتى. تۈنۈگۈنگە قەدەر لىيۇ ئائىلىسىدىكىلەر ھۈكۈمەت بىلەن تۈلەم مەسلىسىدە تېخىغىچە بىرلىككە كىلەلمىگەن.
مەنبە: شىنلاڭ تورى.
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-05-10 19:17قايتا تەھرىرلىدى ]