ئۈچ خىل ئادەم
مەن ئىلگىرى پەلەسەپە بىلەن شۇغۇلىندىغان بىر پروفىسۇردىن (بەخىت دەپ نېمىگە ئېيتىمىز؟) دېگەن تولىمۇ قاملاشمىغان بىر سوئالنى سوراپ ساپتىمەن. مويسىپىت بۇ سوئالىمغا بىۋاستە جاۋاپ بەرمەستىن مۇنداق دىدى:
_ھەر قانداق ئادەم ھايات مۇساپىسدە ئۈچ خىل ئادەمگە يولۇقىدۇ: بىر خىلى ، ھىچقانداق مۇددىئاسسىز ساڭا كۆيندىغان ، سېنى قوغدايدىغان ، ساڭا ياردەم قىلىدىغان ئادەم: يەنە بىر خىلى ، ساڭا رىيازەت چەكتۈردىغان ،، دوپپاڭغا جىگدە سالىدىغان ، سەندىن پايدىلىندىغان ئادەم: ئۈچىنچى خىلى بولسا ، ساڭا زىيانمۇ يەتكۈزمەيدىغان ھەم پايدىمۇ يەتكۈزمەيدىغان ئادەم. ئەمدى كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئەسلەپ باقساڭ ، كىملەرنىڭ قەلبىڭدە ئايرىم – ئايرىم ئاشۇ ئۈچ ئورۇندا تۇردىغانلىقىنى بىلىۋالىسەن.
شۇئان كۆز ئالدىمغا ئاتا – ئانام ، قېرىنداشلىرىم ، ئاندىن ئۇستاز ۋە قەدىناسلىرىم كەلدى...ئۇلار سۆزسىز بىرىنجى خىلدىكى ئادەملەر ئىدى: ھالبۇكى ، ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى مۇھەببەتنى باھانە قىلىپ مېنى ھۆل خىشقا دەسسەتكەن قىز، سودىدا مېنى كەينى كەينىدىن قاقتى- سوقتى قىلغان ئەمەلدار شەكسىز ئىككىنجى خىل ئادەملەر قاتارىنىڭ بېشدىن ئورۇن ئالدى: ئۈچىنجى خىل ئادەملەرگە تەۋەلىرى ساۋاقداشلىرىم ، خىزمەتداشلىرىم ، قوشنا – قولۇملار ، ئۇ يەر - بۇ يەردە تونۇشۇپ قالغان كەزگۈنلەر ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتى.
مويسىپىت يەنە سورىدى :
_قايسى خىلدىكى ئادەملەر كۆپ، قايسى خىلدىكى ئادەملەر ئاز ئىكەن؟
_ئۈچىنجى خىلدىكى ئادەملەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ، بىرىنجى خىلدىكىلىرى 40 چە ، ئىككىنجى خىلدىكىلىرى 15 چە كېلىدىكەن،- دېدىم مەن يوشۇرمايلا .
مويسىپىت بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ تەمكىن ئېيتتى :
_بىرىنجى خىلدىكىلەر ساڭا غايەت زور مۇھەببەت ئاتا قىلىدىغان ھەم ساڭا ھەر ۋاقىت مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇردىغان ئادەملەر : ئىككىنجى خىلدىكىلەر سېنىڭ پىشىپ يېتىلىشىڭگە تۈرىتكە بولىدىغان ، ئەمما سېنى ھەممىشە ئازاپلايدىغان ھەم غەزىپىڭنى تاشتۇردىغان ئادەملەر : ئۈچىنجى خىلدىكىلەر ھاياتىڭدا كەم بولسا بولمايدىغان ناتۇنۇش ۋە تونۇش ئادەملەر ، ئۇلار ھايات مۇساپەڭدە بىرىنجى خىلدىكى ياكى ئىككىنجى خىلدىكى ئادەملەرگە ئايلىنىشى مۇمكىن ، بۇ پۈتۈنلەي ئۆزۈڭگە باغلىق .....
بالام، شۇ نەرسە ئېسىڭدە بولسۇنكى ، قەلبىڭدە بىرىنجى خىلدىكى ئادەملەرنىڭ سانى ئېشىپ ، ئىككىنجى خىلدىكى ئادەملەرنىڭ سانى ئازىيىپ يوقىلىش ھالىتىگە بارغاندا ، بەخىتمۇ ساڭا شۇنچە يېقىن كېلىدۇ! ئەكسىچە ، سېنىڭ سېنىڭ باشقىلارنىڭ قەلىپ تۆرىدە بىرنجى خىلدىكى ئورنۇڭ قانچە كۆپەيسە ، ئىككىنجى خىلدىكى ئورنۇڭ قانچە ئازايسا ، ئۇ چاغدا غەلبىگە شۇنچە يېقىنلايسەن!
ئاخىردا مويسىپىت مەندىن سورىدى:
_ بالام ، ئەمدى بىلىۋالدىڭمۇ ؟
مەن بېشىمنى لىڭىشتتىم . دەرۋەقە ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئۈچ خىل ئادەم بولىدىكەن ، بۇ( بەخىت ) بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپلا قالماستىن (غەلبە ) بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن .