«تېگى پەس» ئادەملەر كىم؟
مۇئاممار ئۇلۇغيار، 2012-يىلى 30-مارت.
«تېگى پەس» دىگەن سۆز، كىشىلەر ئۆزئارا قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغاندا دەيدىغان زەھەردەك ئاچچىق سۆز بولۇپ، بۇ قارشى تەرەپنى ئىنتايىن تۆۋەن تەبىقىنىڭ پۇشتى، دەپ ھاقارەتلەش مەقسىدىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇنداقتا «تېگى پەس ئادەم» دىگەن زادى قانداق ئادەمگە قارىتىلغان؟ ئىنچىكە تەھلىل قىلساق ئېنىقكى، «تېگى پەس ئادەم» تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ:
1. تېگى-تەكتى، ئەسلى ۋەسلىدىن تەربىيە كۆرمىگەن، ساپاسى ئىنتايىن تۆۋەن، قارا قۇرساق، مەدەنىيەتسىز، بىلىمسىز، ئاڭسىز ئادەم؛
2. ئىشنىڭ ئېپىنى بىلمەيدىغان، دىتى يوق، چارىسىز، ئۇرۇغىدىن دۆت، قائىدە چۈشەنمەيدىغان ئادەم؛
3. ئىرادە-ئېتىقادىنىڭ تايىنى يوق، نام-نىشانسىز، بېلى بوش، لىڭتاسما، لايغەزەل ئادەم؛
4. كېپىنى تىزىدىن ئاشمايدىغان، «ئىككى نان تاپسا، بىرىنى داپ چالىدىغان»، يۆلىگەنسېرى سوڭىغا دەسسەيدىغان، ئەسلى نەسەبىدىن ئىلگىرى كەلمەيدىغان يالاڭتۆش ئادەم؛
5. ئەسلى-ۋەسلىدىن تارتىپ چاكىنا، قىلىقسىز، تۇتۇرۇقسىز، شاللاق، تاماگەر، يالاقچى، خۇشامەتچى، نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان، شەرمى-ھاياسىز، پەدىشاپنى تەرك ئەتكەن ، يۈزى قېلىن ئادەم؛
6. ئۇرۇغىدىن گۇمانخور، پىتنە-غەيۋەتچى، ئىچى تار، ھەسەتخور، قىتىغۇر، زەھەرخەندە، چېقىمچى ئادەم؛
7. پۇشتىدىن قولى ئەگرى، يالغانچى، ساختىپەز، تانغاق، ھارامخور، ئاچكۆز، تەييارتاپ، نەپسانىيەتچى ئادەم؛
8. ئۇرۇغىدىن كۆكەمە، يۈزسىز، چاتاقچى، جىدەلخور، گەدەنكەش، بالاخور ئادەم؛
9. ئەسلى-ۋەسلىدىن تانغان، ۋاپاسىز، تۇزكور، ساتقىن-مۇناپىق ئادەم.
ئوبدان كۈزىتىدىغان بولساق، ئەتراپىمىزدا، ھەر قەۋم، ھەر جەمەتتە يۇقارقىدەك يىرگىنىشلىك ئىللەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرىۋالغان «تېگى پەس» ئادەملەرنى ماڭدامدا بىر ئۇچرىتىپ قالىمىز. زامانىمىزدا، ئەبجەش مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىنسان ئەقلىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىشى ۋە ئېزىقتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل «تېگى پەس» ئادەملەر كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، «تېگى پەس» ئادەملەرنى ئىزدىمىسىڭىزمۇ تاپالايدىغان بولۇپ كەتتى. ئىشەنمىسىڭىز، ئەتراپىڭىزغا ئوبدان قاراڭ، ئەنە چوڭ-چوڭ ئەمەلدار، كادىر، سودىگەر، دېھقان، ئوقۇغۇچى، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن...ئىشقىلىپ، ھەممە تائىپىلەردىن يەتكۈچە ھۆ بولغۇدەك مىساللارنى تاپالايسىز...
بىر قەۋم ياكى جەمەتكە نىسبەتەن، كۆپچىلىك تەرىپىدىن «تېگى پەس» دىگەن باھاغا ئىگە بولۇپ قېلىش ئىنتايىن شەرمەندە بولغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى يۇقارقىدەك يىرگىنىشلىك ئالامەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ھايۋانلاردىمۇ كۆرۈلمەيدۇ! شۇڭا بۇنداق «تېگى پەس»لەرنىڭ خالا قۇرۇتىدەكمۇ ئىززەت-ھۆرمىتى يوق، ھەرقانداق بىر ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئادەم ئۇلاردىن ئىنتايىن يىرگىنىپ، خۇددى ۋابا كېسىلىدىن قاچقاندەك قاچىدۇ...
قاراڭ، قېرىندىشىم، لاياقەتلىك ئادەم بولماق ھەقىقەتەن تەس. ئەمما ھەممە ئادەم ئۆزىنى سەللا ئىختىيارىغا قويۇۋېتىدىغانلا بولسا، ئارتۇق كۈچىمەيلا «تېگى پەس» تائىپىلەر قاتارىغا كىرىپ كېتەلەيدۇ!...شۇڭا، ئەقلىمىزنى بىلگەندىن باشلاپ، ئۆز ئۆزىمىزنى باشقۇرۇشنى ھەر-بىر دەقىقىلەردە ئەستىن چىقىرىپ قويساق بولمايدۇ. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشتا بوشاڭلىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، تازا ئۆلچەملىك «تېگى پەس»لەردىن بولۇپ كەتتى...بۇنداق كۆپىيىۋەرسە پۈتۈن قەۋمىمىز بىر چوڭ توپ سۈپىتىدە «تېگى پەس» قەۋم بولۇپ قالماسمۇ؟ ئۇنداقتا بىز ۋە بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتى قانچىلىك بولار؟...ئۇلۇغ تەڭرىم شۇ كۈنلەرنى بەندىسىگە كۆرسەتمىسۇن!!!