ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق ئىشلەيدىغانلىغىنى ھەممىز بىلىمىز،لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ھەسرىتى يىتىپ ئاشقىچە.
1-مىسال :
مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پىكىر ئېلىپ باقتىم ،
-ئاراڭلاردا كىتاپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بارمۇ؟
--؟؟؟؟
بىرەر پارچە رۇمان ئوقۇپ باققانلار بارمۇ؟
ئىككى ئوقۇغۇچى قولىنى كۆتىرىپ : بىز ئوقۇپ باققان .
-ياخشى،نەچچە پارچە رۇمان ئوقۇدۇڭلار؟
ئىككى پارچە،
مانا بۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى تىز كۆرۇنۇش30 نەچچە ئوقۇغۇچىدىن ئاران ئىككى ئوقۇغۇچى 2-3 پارچە رۇمان ئوقىغان .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ بالىلاردىن كۈتىدىغىنى ئۇلۇغ تىلەكلەر،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈتىدىغىنى زادى نىمە؟
2- مىسال: ئاددى بىر تاپشۇرۇق بىرىلگەن بولۇپ سىنىپتىكى 80% ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇغى ئوخشاش خاتا ، بالىلاردىن سۇرىدىم .
-بۇنى كىمدىن كۆچۇردۇڭلەر ؟
ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن بىرسىنى كۆرسەتتى.
-بۇ ئاددى تاپشۇرۇقنى سەنمۇ چۇشەنمىدىڭمۇ؟
ئوقۇغۇچى تىرناقنى تاتلاپ تۇرۇپ:
-مۇئەللىم بۇ تاپشۇرۇقنى دادام ئىشلەپ بەرگەن.
3.مىسال: سىنىپتا 30نەچچە ئوقۇغۇچى بولۇپ يىتىم،ئائىلىسىدە قىيىنچىلىغى بار ئوقۇغۇچىلار خېلىلا كۆپ بولۇپ كىيىم پۇلى،كىتاپ پۇلى(قوشۇمچە كىتاپ) پۇلى يىغىش توغرا كەلسە بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن يىغىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ،مەكتەپ خاتىرجەم ھالدا ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشىدىن تولۇق تۇتۇپ قالىدىغان بولغاچقا بىركۇنى ئوقۇتقۇچى:
- سىز كىيىم پۇلى،كىتاپ پۇلىنى قاچان ئەكىلسىز ؟
- .....................
ئەتىسىدىن باشلاپ ھېلقى ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بىچارە ئوقۇتقۇچى ئۆيىگە نەچچە قېتىم بارسىمۇ ،بالىنى مەكتەپكە بەرمەيدۇ،ئوقۇتقۇچى بالىغا تارتىشۋاتقان، لېكىن ئاتا-ئانا بولسا زادى نىمىنى ئويلايدىكىنتاڭ؟
4- مىسال : مەلۇم بىر كۇنى بىر سىنىپقا دەرس تىڭشاپ كىردىم ،ئوقۇتقۇچى شۇنچىلىك چىڭقىلىپ سۆزلەۋاتىدۇ،ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ خىيالى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان،ھىچكىم دەرس ئاڭلاش خىيالىدا يوق،ئاچىچىغىم شۇنچىلىك كەلدىكى يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالدىم.غەزەپ بىلەن مۇنبەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ
- قايسىڭلار ھازىرقى دەرس مەزمۇنىنى دەپ بىرىسىلەر؟
بىر سۇئال سۇراي : ئۇلۇغبەگ نىمىشقا بىر قولىدا قېلىچ،بىر قولىدا قەلەم تۇتقان دەپ سۇپەتلىندۇ؟
پىچىرلىشىشلار ئاڭلىۋاتىدۇ،كىمدۇ ئۇلۇغبەگ ؟ ھە مۇئەللىم سۆزلەۋاتقان ئادەم شۇ ئوخشايدۇ؟
جاۋاب بەرگىدەك ھىچكىم يوق،غەزەپتىن تىترەپ كەتتىم .
سىلەرنىڭ ئەجدادىڭلار-ئۇ ،ئۇ مال-مۆلۇك، باي-باياشاتلىق ئەبەدىلىك ئەمەس ،بىر قەۋمنىڭ ئەبەدىلىگى بىلىم خاسلىغىدا دىگەن ،لېكىن شۇ ئۇلۇغ كىشلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان سىلەر نىمە دىگەن بىخۇد -ھە~!
كىچىچە ئازاپلىنىپ ئۇخلىيالمىدىم ،بۇ بىزنىڭ كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كۆرۇنۇشلىرى ............
ئوقۇتقۇچىنىڭ دىيىشىچە بالىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىغى ئىتايىن تۇۋەن بولۇپ ئوقۇشنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارىغاچقا دەرسكە قىزىقمايدىكەن،تاپشۇرۇقنى بىر سىنىپ بالا ئىچىدە بىر نەچچە ئوقۇغۇچىلا بىرىدىكەن،قاتتىقراق گەپ قىلسا مەكتەپكە كەلمەي ئۆيىدە يېتىۋالىدىكەن،ئوقۇتقۇچىمۇ ئامالسىز كۇننىڭ ئۆتۇشى،تۇكنىڭ يېتىشى بويىچە دەرس ئۆتىۋاتقان ئىكەن.
5-مىسال:
سىنىپتا مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار بولۇپ،مەن بۇ مەسلىگە نىسبەتەن سوغوققان بولۇپ دەرسىمنى توختۇتۇپ بىر ھەپتە << قۇتادغۇبىلىگ>> ،<<ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى>> دىگەن كىتابلاردىن ھەپتە كۇنلۇك دەرس تەييارلاپ ئۇقۇغۇچىلارغا مۇھەببەت توغرىلىق دەرس ئۆتتۇم ،تۇنجى سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلار مۇھەببەت توغرىسىدىكى ئۇقۇمنى ئاڭلاپ قىزىرىپ-تاتىرىپ خىجىل بولۇپ كەتتى .
مۇھەببەت داشقاللىرى،ئەخلاق ۋە سۆيگۇ دىگەن دەرسلەرنى ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ ماسلىشىپ كەتتى ،مىنىڭچە ئوقۇغۇچىلاردا مۇھەببەت ئۇقۇمى كىچىك ئۇقۇم ئەمەس،شۇڭا كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ توغرا تەربىيە بەرمىسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاك تۇنجى سۆيگۇسى ۋە كەلگۇسى ھاياتىدىكى ئائىلە چۇشەنچىسى پۇچەكلىشىپ نۇرغۇن بالىلىرىمىز يىتىم ،ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپ كىتىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلار كۇندە دىگۇدەك خىلمۇ-خىل مەسىللەرگە يولۇقۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىمۇ كۆپ بولىدۇ ،مائارىپ سىرتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چاچنى تاراپ چىرايلىق ياسىنىپ مەكتەپكە قاراپ ماڭغىندىن،ئايدا ئالىدىغان 2000-3000 مۇئاشىدىن قىزغىنىپ ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قارپ كىتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ سىرتى پارقىراپ تۇرغان بىلەن يۇرۈگى،روھى،جىسمانى قۇۋۋىتى،جېنى زەئىپلىشىپ كەتكەن،ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرغان بولىدۇ،%80 تىن ئارتۇپ ئوقۇتقۇچى پىنسىيەگە چىقىپ يۇرەك ئاغرىغى،يالغۇزلۇق،ۋە نىرۋا ئاجىزلىشىىش ،سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق كىسەللەر سەۋەبىدىن يېشى 60-70 تىن ئاشمايلا كىتىپ قالىدىكەن.
ئوقۇتقۇچىلار دۇچ كىلىۋاتقان بېسىملار.
دەۋرىلىك بېسىمى
ئوقۇتقۇچىلار ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلالسا بولدى ،ۋاقىت توشوپ كەتسە ئالدىرغىنچە بالىلىرىنى چوڭ ئۆيگە ياكى يەسلىگە ئاپىرىپ ئالدىراپ-تىنىپ مەكتەپكە كىلىپ يوقلىمىغا قاتنىشىپ كۇندىكى دەرس سېتكىسى بويىچە دەسكە بىر قېتىم تەييارلىق قىلىپ دەرسكە كىرىپ ،چۇشتىكى ئازغىنا ۋاقىتتا ھاپلا-شاپلا چۇشلۇك تاماق يەپ يەنە خىزمەتكە كىتىۋاتقان بىر ھەپتىدە بەش كۇن ئوخشاش رېتىم،ئوخشاش يول،ئوخشاش يوقلىما بۇ ھىچقانداق بىلىنمىگەن بىلەن تۇرغۇنلۇق ھالەتتىكى توختام ھالەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىنى قېرىتىپ ،ئىجادى كۇچىنى ۋە قىزغىنلىغىنى يوقۇتۇپ دائىم ھېرىيدىغان،بىر نەرسىلەردىن بىزار بولىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۇرىدۇ.
مەسئولىيەت بېسىمى
ئوقۇتقۇچى ھەر قانچە ئۆزىنى تاتقان بىلەنمۇ ،ھەرقانچە دۆت بولغان بىلەنمۇ بۇ كەسىپ بىلەن شوغۇللانغان ئىكەن ئامالسىز ھالدا ئۆزى تۇيۇپ-تۇيماي ئەۋلادلارغا مەسئول بولۇش بېسىمىغا دۇچ كىلىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنمەيۋاتقان،تىرىشمايۋاتقان ھالەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئازاپنى شەكىللەندۇرىدۇ،بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەۋلادلارغا بولغان مەسئوليەت بېسىمى بولۇپ ئاتا-ئانىنىڭ مەسئولىيىتىدىنمۇ مۇقەددەس ۋە سۆيۇملۇك بولىدۇ.
ئىقتىساد بېسىمى
ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشىدىن باشقا ھىچقانداق كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا جەميەتتە ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ بىچارە كىشىلەردۇر.ئوقۇغۇچلىرىنىڭ كىيىم پۇلىنى تۆلەۋاتقان،كىتاپ پۇلىنى تۆلەۋاتقان ،مەكتەپ ئىئانە دەپ تۇتىۋاتقان ،توي-تۆكۇن- نەزىر چىراق كۇندە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇچرەت تۇرىۋاتقان،ئائىلىسىنى باقمىسا تېخى ،ئۆي پۇلى،پار پۇلى،توك پۇلى،سۇ پۇلى..... قاتارلىق شەكلى ئۆزگەرگەن باج-سېلىقلار ئۆچرەتتە تۇرىۋاتقان ئاي ئاخىرىدا قولىدا بىر نەچچە يۇەنلا ئېشىپ قالغان ياكى قىزىل رەقەم خۇددى قىزىل چىراقتەك ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋاتقان بولغاچقا ئىقتىساد بېسىمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىنى سۇندۇردىغان يەنە بىر كۆرۇنمەس بىر روھى بېسىم ،ھەي بىچارە ئوقۇتقۇچىلار .
باشلىق كىلىدۇ ؟ بېسىمى
باشلىق كەلگىدەك ؟! دەرھال دەرس توختاپ تازلىققا كىرىشىپ كىتىمىز ،ئىشىك-دىرىزىلەرنى قايتا-قايتا سۇرتۇپ،مەكتەپ ئىچىنى خۇددى جۇڭگۇنىڭ جانان چىنىسىدەك پاقىرتىپ تاشلايمىز ،پىلان-خۇلاسە،دەرس تەييارلىغى،تاپشۇرۇق،قاتارلىقلارنىڭ كىچىچە ئىشلەپ تۇگىتىمىز ،باشلىق كىلىش ئالدىدا مەكتەپ ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،بۇ كۇندە ئوقۇغۇچىلار تا باشلىق كىتىپتۇ دىگەن خەۋەر كەلگىچە تازلىق قىلىدۇ،دەرس بەزىدە بىركۇن توختاپ قالىدۇ،ئوقۇتقۇچىلار باشلىق قاچان كىلىدىكىن دەپ تىت-تىت ۋە دەككە-دۇككىدە بىركۇن بىسەرەمجان ئۆتىدۇ ،باشلىق مەكتەپكە كىرمىگىدەك دىگەن خەۋەر كەلگەندىن كىيىن ئاندىن نورمال دەرس باشلىندۇ.
ئىمتىھان بېسىمى
ئوقۇتقۇچىلار بىر مەۋسۇم جاپالىق خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە مەۋسۇم ئاخىرىدا نەتىجە ئىلان قىلىدۇ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرى ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت سۇپەت كۆرسەتكۇچى بولغاچقا نومۇر تۇۋەن چىقىپ قالسا شۇ ئوقۇتقۇچىنى نەس باسقىنى باسقان .مەكتەپ بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىقتىدارسىزلىغىنى بىلىپ ئۇنىڭغا جەرىمانە قويغاننى ئاز دەپ ئۇنى دەرسخاندىن چىكىندۇرۇپ ،ئۇنى دەرس مۇنبىرىگە ئاسانلىقچە يېققىىن كەلتۇرمەيدۇ،بىر قىسىم ئىقتىدارسىز ئوقۇتقۇچىلار تۇرلۇك ھىيلە-نەيرەڭلەر بىلەن نەتىجىسىنى يوقىرى كۆتىرىپ شەھەر،ۋىلايەت ۋە ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك ئىلغار ئوقۇتقۇچى بولۇپ سايلىندۇ،لېكىن ھالال خىزمەت قىلغان ،ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار بولسا بۇنداق تەلەيگە ئاسان نېسىپ بولمايدۇ.
سىزچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى قانداقراق ئىكەن؟ ؟؟؟؟
[ بۇ يازمىنىkokturukدە2011-02-27 14:13قايتا تەھرىرل ]