بۇ ناخشىنى دەسلەپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان مەشرەپ پروگراممىسىدا ئەسقەر رېقىپ ئېيتقان، كېيىن سودىيە ئاي، يوقىرى ئاقيەردىكى ئابلېز، غالىپ ئەرشىدىنلەر ئېيتقان. مەنچە بۇلار ئىچىدە ئاھاڭنى ئەڭ ياخشى ئالغىنى، ئەسلى ئاھاڭنى ساقلاپ قالغىنى يەنىلا سودىيە ئاي، بىر قىسىملىرىمىزغا ياۋروپا چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلىغاچقا ياقمىغان گەپ. مۇزىكىسىنى ئورۇنلاش جەھەتتە ھەممەيلەن ئابلېزنىڭ دوستلار ئەلەم داغەي ناملىق پىلاستىنكىنىسىنى ئاڭلاپ باقساق بولىدۇ. مۇزىكىنى ھەقىقەتەن ياخشى چالغان، تېكىستىمۇ ئۆزگىچە. مەنچە يەنىلا بۇ ناخشىلارغا كەسىپ ئەھلىلىرى باھا بەرگىنى ياخشى. ئابلېزنىڭ ئورۇنلىغىنىنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.
http://music.okyan.com/Song_Index.aspx?ID=275دوستلار ئەلەم دادەي
تەغدىر ئاللاھ سۇبھاناللاھ تاغنى ياراتتىڭ،
تاغ ئۈستىنى قاراڭغۇ دەپ ئاينى ياراتتىڭ.
دوستلار ئەلەم دادەي خانلار ئەلەم دادەي،
يۈرۈڭ ئۇندا بارمايلىمۇ دوستلار ئەلەم دادەي.
ئاتام بىلمەس ئانام بىلمەس مېنىڭ ھالىمنى،
ئۈستۈن خۇدا ئىگەم بىلۇر سارغايغىنىمنى.
دوستلار ئەلەم دادەي خانلار ئەلەم دادەي،
يۈرۈڭ ئۇندا بارمايلىمۇ دوستلار ئەلەم دادەي.
بۇجاھاندا ئۈچ نەرسە بار ئىزلەپ تېپىلماس،
بىرى ئاتا بىرى ئانا بىرى قېرىنداش.
قېرىنداشنى يەرگە سېلىپ تېرىسا ئۈنمەس،
كۆز ياشىمنى دەريا قىلىپ سۇغارسام قانماس.
دوستلار ئەلەم دادەي خانلار ئەلەم دادەي،
يۈرۈڭ ئۇندا بارمايلىمۇ دوستلار ئەلەم دادەي.