ھەددىدىن زىيادە ياسىنىۋېلىش. ئەمەلىيەتتە ئەرلەر تەبئىي چىراينى ياخشى كۆرىدۇ.
دەسلەپكى بىر نەچچە قېتىملىق ئۇچرىشىشتىلا كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش. سۈكۈتمۇ خانىم- قىزلار جەلىبكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.
ئاز گەپ قىلىش. قارشى تەرەپنىلا گەپ قىلدۇرماي، ئانچە- مۇنچە گەپ سوراپ تۇرۇش كېرەك.
قارشى تەرەپكە بەك بالدۇر باھا بېرىۋېتىش. قارشى تەرەپنى ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىگە بەك بالدۇر تونۇشتۇرۇش. كۈندەشلىك قىلىش. ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش. پۈتۈن دىققىتىڭىزنى قارشى تەرەپكىلا مەركەزلەشتۈرۋالماي، دوستلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسەتلىرىنى قولدىن بەرمەڭ، ئىشلار تەبئىي تەرەقى قىلىشى كېرەك.
قارشى تەرەپنى خۇشال قىلىمەن دەپ بەك زورۇقۇپ كېتىش. ياسالمىلىق قىلىش. ئەگەر قارشى تەرەپ بىلەن ھەقىقى كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ھەرگىز ھاكاۋۇرلۇق ۋە ياسالمىلىق قىلماڭ.
ئاتىكاچىلىق قىلىش. ھەممە ئىشتا مېنىڭلا دېگىنىم ھېساپ دېمەي، قارشى تەرەپنىڭ پىكرىگىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ.
قارشى تەرەپنىڭ پۇلىغىلا كۆڭۈل بۆلۈش. مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.
[ بۇ يازمىنىalnurدە2011-02-17 17:41قايتا تەھرىرلىدى ]