توخوتۇرنىڭ مەن ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ يولىدا دىگىنى توغرا .لېكىن مەن سوپىلارنى سۆيىمەن دىسڭىز ئازغۇن بولىسىز .بۇ ھەقتە ئومومى ئالىملار بىرلىككە كېلىپ بولغان .پەقەت شىئەلەرلە سوپىلارنى توغرا دەيدۇ .سوفى ئەقىدىسى شىئەلەر ئارقىلىق دىيارىمىزغا كەلگەندە ئاللىقاچان ساپلىقىنى يوقىتىپ ،نىشانسىز يولغا كېتىپ بولغان .يوقىرقى سوفىلار توغرىسىدىكى يازمىدا تەپسىلى توختالدۇق .
ئىسمائىل داموللا ھاجىمنىڭ دىگىنىنىڭ خاتاسى يوق .بىز شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ يولىدا.
مەزھەپ دىگەن ئىلمى ئالىملارنىڭ ماڭغان يولى .يەنە چۈشەندۈرەمدىم جامائەت .مەن بۇ يەردە مەزھەپ جىدىلى ئەمەس مەزھەپ جىدىلى دىگەن نىمە دىگەننى چۈشەندۈرىۋاتىمەن .
بەزى ئىنكاسچىلار يوقىردا مەن ئەۋەتكەن يازمىلارنى تەنتەكلىك قىلماي ئالدىرماي ئوقۇغاي .
مەزھەپ دىسىلا كۆزىگە ئاللىنىمىلەر كۆرسىتىدىغان بولۇپ كەتتى ھازىر ماۋۇ مەجوسى تەشۋىقات ئاپىراتلىرى .ھەقىقەتەن ئوتتۇرا شەرىقتىكى شىئە سۇننى جېڭى بىر سىياسى جەڭ .ئۇلارنىڭ جىدىلى ھەقىقەتەن بىزنى ئەقەللىسى يات قەۋىملەرگە سەت كۆرسەتتى .ئۇلارغا ئىسلامنى چۈشۈندۈرىشىمىزگە چوڭ قىيىنچىلىقلانى كەلتۈردى .ئەگەر بىر دىنسىز ياكى سىزنىڭ بالىڭىز سىزدىن نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرىقتە شىئە ۋە سۈننى جىدىلى چىقتى دەپ سورىسا .بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىدىن دەپلا بولدى قىلسىڭىز بولامدا؟بىر مۇسۇلمان ئوتتۇرا شەرىقتە ئېقىۋاتقان قانلارنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلىش بەكمۇ زۆرۆر .ئۇ قانلار ئاتالمىش مەزھەپ جىدىلى بولماستىن بەلكى سىياسى جەڭدور .ھۆكمىرانلارنىڭ خەلىقنى قارا يولدا قالدۇرۇپ ئۆز مەنپەتىنى قاندۇرۇش جېڭىدور .ئۇلارنىڭ جىدىلى بىز دەۋاتقان مەزھەپ جىدىلى ئەمەس .ئىسلام دۇنياسىدا ئومومىي ئالىملار ھۆرمەت قىلىدىغان مەزھەپلەر يەنى ئىلىم يوللىرىدىكى كىشىلەر ھەرگىز مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆكۈشكە رىغبەتلەندۇرمەيدۇ . .مانا بۇ مەزھەپ .
ماڭا مەزھەپ جىدىلى قىلدىڭ دەۋاتقانلار سوغاققان بولۇڭلار .ئالدى بىلەن نىمىنىڭ مەزھەپ ئىكەنلىكىنى بىرلىكتە ئۆگىنەيلى .ئۆزىنى مەن ھېچقانداق مەزەھەپ ئەمەس دەۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتەۋەتقان ناماز ،قىلىۋاتقان بەزى ياخشى ئەمەل قەئىدىلىرىنىڭ
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ مەزھىپىنىڭ ئىكەنلىكىنى بەلكىم ئۆزىمۇ بىلمىسە كىرەك .
توخوتۇركا ما گىپىڭىزنى يەنى بادناش قىيداش ۋە زەخەرخەندىلىك پۇرايدىغان جۈملىنى ياندۇرۋالسىڭىز <كىم گەپنى ئارغامچىدەك ئۇزۇن قىلسا ھەقىقەت شۇ تەرەپتە بولۇپ قالىدىغان ئش يوق >.
بىز مەزھەپ مەسىلىسىگە ھامىنى يۈزلىنىمىز .ئۇنى بالىلىرىمىزغا ۋە ئەتراپىمىزدىكى ئىسلامدىن ئەنە ئوتتۇرا شەرىقتىكى جىدەللەر سەۋەبىدىن گۇمانلىنىۋاتقان كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈشكە مەجبورمىز .بۇنىڭ ئۈچۈن نىمىنىڭ مەزھەپ ئىكەنلىكىنى بىلىش زورور قېرىنداشلار .بىز ئىتىپاقلىققا مۇھتاج .
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-04-25 17:44قايتا تەھرىرلىدى ]