باغداش تورى خەۋىرى :
تونۇلغان ئىقىدارلىق مۇزىكانت ، ئىجادىيەتچى ،ناخشىچى ئەركىن كېرەم 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتى قومۇل دىيارىدا <ئەركىن كېرەم ئىجادىيەت ناخشا كېچىلىكى > ئۆتكۈزمەكچى . بۇ قېتىمقى كېچىلىككە پىشقەدەم سەنئەتكارلاردىن مەخموت ئابلېز ، ئەركىن سادىر، خېدىسگۈل ، روشەنگۈل تۇرسۇن ، ئەلگە تونۇلغان ئىجادىيەتچى ، كومپىزىتور ،ناخشىچى ئىسكەندەر سەمەت ، تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسى ، بىرگە ماھىر ،كۆپكە قادىر رىياسەتچى غەيرەت ئوسمان زۇركى ،يېتىلىۋاتقان ياش ئىجادىيەتچى ، ناخشىچى ئىزدۇللا ، ئىقتىدارلىق ناخشىچىلىرىمىزدىن ، شەھرىزات ، خاسىيەتگۈل، ماھىر ئۇسۇلچىلاردىن رەناگۈل ،سالامەت قاتارلىقلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىل نومۇرلىرىنى تاماشىبىنلارغا سوۋغا قىلىدىكەن .
ئەركىن كېرەم بۇ قېتىمقى كېچىلىك ھەققىدە توختىتىلىپ مۇنداق دەيدۇ :
مەن بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلىۋاتقىلى ئۈچ يىلغا يېققىن بولدى ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم ، ئۆمەك رەھبەرلىكى ۋە ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا چوڭ ياردەملەردە بولدى ، مەن بۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ، بۇ قېتىمقى كېچىلىككە ئاساسلىق ئۆزەم رەتلىگەن خەلق ناخشىلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرىمنى تەييارلىدىم ، بۇ قېتىمقى كېچىلىك تاماشىبىنلارغا خوشاللىق ئاتا قىلسا مەن تولىمۇ خوشال بولىمەن .
ئىگەللىشىمىزچە بۇ كېچىلىك جەمئىي بەش مەيدان قويىلىدىغان بولۇپ نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىندىكەن .
ئويۇن قويۇش ۋاقتى : 4-ئاينىڭ 29-30-كۈنى ۋە 5-ئاينىڭ 1-2-3-كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى :6:30
ئورنى :قومۇل ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى ئويۇن قويۇش زالىدا
بېلەت سېتىش ئورنى : تۆتكوچا ئەلھايات مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى : 13999689449،6983023
بېلەت باھاسى :80يۈەن 24-چېسلادىن باشلاپ سېتىلىدۇ