saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«2345»Pages: 5/5     Go
بۇ تېما 15055 قېتىم كۆرۈلدى
talat886
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7154
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 40قەۋەتتىكى ankaدە2012-04-27 13:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ھەقىقىي تارىخ ئاللىبۇرۇن يېزىلىپ بولۇنغان ، ئۇ بەلكىم نەشىردىن چىقالماي ،ياكى  نەشىرگە بەرگۈدەك ئىمكانىيەت يوق مۇشۇنداق ۋەزىيەتنىڭ كاساپىتىدىن  بىراۋلارنىڭ ئۆيىدە تەۋۋەررۈك قىلىپ ساقلانغان بولىشى ، ئاپتورلىرى ۋاپات بولغان بولسا رەپىقىسىگە ،بالىلارغا مىراس قالدۇرۇپ قويغان بولىشى ......................مۇمكىن !بۇ ھامان بىر كۈنى ئاشكارە بولغۇسى،ئىنشائاللاھ!
تارىخ بىزگە سىر ئەمەس ،پەقەت دېيەلمىگەن يېرىمىز بار!
ھەقىقىي تارىخنى يازغان خەلقپەرۋەر  زاتلىرىمىز  مۇشۇ تارىخنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرەلمىگىنى ،ھەقىقي ئەھۋالنى ئەۋلادلارغا بىلدۈرەلمىگىنى ئۈچۈن ئارمان بىلەن كەتكەندۇ ھە؟!
بۇ ئۇستازلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!

دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق، مېنىڭچە ئېنتىرنېتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇنىڭدىن بۇرۇن نەشىر قىلىنالمىغان ،نەشىر قىلىنىپ بولۇپ ۋەزىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ ئامال يوق كۈتۈپخانىلارنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ساقلىنىپ قالغان قىممەتلىك تارىخى ماتېرياللار كۆپلەپ تور يۈزىدە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرىشىشى مۇمكىن.   
چوققا [44 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-30 01:47 |
bagdax
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 1
نادىر تېما : 14
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 1029 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 960 سوم
تۆھپە: 539 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 540 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1088(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     تېما يوللىغۇچى  ئايرىم تېما قىلىپ يوللىغان سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدەستالىنغايوللانغان مەلۇمات(2) پىكىر چېچىلىپ كەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتۇپ مەزكور تېمىغا باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن ئىنكاس شەكلىدە يوللاندى ،




سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات (4)
« مەن كەچكەن كېچىكلەر»  دىكى سوۋېت جاسۇسلىرى
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)


5.   سوپاخۇننىڭ  قەلىمى ئاستىدىكى   « سوۋېتلىكلەر»



(3)    ئەلى ئەپەندى -گابىت مۇزىپوۋ

          سوپاخۇن  سوۋۇروفنىڭ   « مەن كەچكەن كېچىكلەر»  ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە  ئەلى ئەپەندى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى شەخس زاكىر بىلەن ئىسكەندەر تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن  بۇ يەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىخەتەرلىك خادىمى ئەلى ئەپەندىنىڭ كىملىكى ھەققىدىمۇ ئەسلەپ ئۆتۈش مۇۋاپىق بولسا كېرەك.
       1944-يىلى، غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن سوۋېت مەخسۇس خادىملىرى ئىچىدە   باشقۇرۇت مىللىتىدىن كېلىپ چىققان ئەلى ئەپەندى  ئالاھىدە ۋەكىل خاراكتېرلىقتۇر. ئەلى ئەپەندىنىڭ ئەسلى ئىسمى  گابىت  گابىتوۋىچ مۇزىپوۋ بولۇپ، ئەلى ئەپەندى  ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەتكەن ئىسمى.  بۇ ئادەم  زاكىر ۋە ئىسكەندەرنىڭ يېقىن سەپدېشى ھەم دوستى ئىدى. ئۇلارنىڭ  ھايات مۇساپىلىرى چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن ھەم ئوخشاشلىقلارغا ئىگە.
        ئەلى ئەپەندى  رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە  باشقۇرتىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى   بايازىت يېزىسىدا   تۇغۇلۇپ،  قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل بويىدىكى قاراقول رايونىدا ۋە ئوشنىڭ گۈلچە چېگرا رايونىدا ئۇزۇن مەزگىل ۋەزىپە ئۆتىگەن.  گابىت مۇزىپوۋ 1938-يىللىرى بىر قېتىم قەشقەر تەۋەسىگە  ئايروپىلان بىلەن  تاشلىنىپ، 1938-يىلىدىن 1940-يىلىنىڭ بېشىغىچە ئاقسۇ شەھىرىدە « ئىستانبۇللۇق ئەلى ئەپەندى»  دېگەن ئىسىم بىلەن سودا قىلىپ يۈرگەن(65). ئەلى ئەپەندى قۇرئاننى ياخشى بىلىدىغان، دىنىي بىلىملەرگە ئىگە ، ئۇيغۇر، تاتار ۋە قىرغىز  تىللىرىنى بىلىدىغان كىشى ئىدى.  ئۇ ئۆزىنى ئاقسۇدا ئىستانبۇللۇق دەپ، مەخسۇس سودا دۇكىنى ئاچقان.
      ئەلى ئەپەندى، يەنى، گابىت مۇزىپوۋ 1944-يىلى ئىسساقبەك مۇنونوف بىلەن بىرگە ئوشنىڭ گۈلچە رايونىدا شىنجاڭدىن چىققان قىرغىز،  ئۇيغۇر ۋە يەرلىك ئۆزبېكلەردىن بىر قوراللىق ئەترەت قۇرغان بولۇپ،  « بۇيگۇ»  دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئەترەتكە ئىسساقبەك مۇنۇنوف كوماندىر ، ئەلى ئەپەندى  مۇئاۋىن كوماندىرى بولغان ئىدى.  بۇ ئەترەتنىڭ كوماندىرلار  تەركىبىدە  رازاق مەۋلانوفمۇ بار ئىدى.  بۇلار 1944-يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى غۇلجىغا كىرگەن بولۇپ،  ئۇ  كېيىن تېكەس  پولكىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي جۇمھۇرىيەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىلىكىنىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان.
       ئەلى ئەپەندى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدا  رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە ئىشلىسىمۇ، لېكىن ئۇ  ئۈچ ۋىلايەتنىڭ بارلىق ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي رازۋېتكا خىزمىتىنى تۇتقان  ئىدى.  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كونتېررازۋېتكا باشقارمىسى ئۇنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن رىشات سابىتوفنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،  ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر ئەلى ئەپەندىنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئۇيغۇر ۋە ياكى تاتار بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلاتتى. ئۇ، ئۇيغۇر تىلىنى  ئازراق تاتارچە ئاھاڭ ئارىلاشراق سۆزلەيتتى. ئۇ ناھايىتى ئېغىر بېسىق  ھەم ھۇشيار ئادەم ئىدى(66).
       لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى كىملىكى ۋە ئەسلى مىللەت تەركىبىنى يوشۇرغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ باشقۇرىت مىللىتىدىن كېلىپ چىققان ۋە باشقۇرتىستاننىڭ  بايازىت يېزىسىدا ئوقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان، بىراق پۈتۈن ھاياتىنى   باشقۇرتىستان يايلاقلىرىدىن يىراق بولغان   ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ  قارا قول، قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا، ئالتاي، ئوش شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئەلى ئەپەندى غۇلجىدا ئەلى مەمەتوف ۋە ياكى ئەلى ئەپەندى دەپ ئاتىلاتتى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن  جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئۇنى بىر  ئالاھىدە شاھادەتنامە ۋە بىر ئالتۇن قاپلىق تاپانچا بىلەن مۇكاپاتلىغان. شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئىستىقلالىيەت ئوردېنى بېرىلگەن.

        ئەلى ئەپەندى 1946-يىلى ئالتايغا يۆتكىلىپ، تاكى 1949-يىلىنىڭ 2-ئېيىغىچە ئالتايدا ۋەزىپە ئاقتۇرغان.  ئەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ  ئالتايدىكى ئىككى يىللىق ھاياتى جەريانىدا ئاساسلىقى ئوسمان ئىسلامنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇش ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان بولۇپ،  گېنېرال مايور دەلىلقان سۇگۇربايېف بىلەن يېقىن ھەمكارلىقلاردا بولغان.ئەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئالتايدا تۇرغان ۋاقىتلىرى ھەققىدە كۈندىلىك خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى يىللىق ھاياتىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ھەمدە قاچانمۇ بۇ جايلاردىن كېتەرمەن دەپ  ئارزۇ قىلغان ئىدى.ئوسمان ئىسلامنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئەينى ۋاقىتتا موسكۋا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  ن ك ۋ د- ن ك گ ب   تاشقى رازۋېتكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال لېيتىنانت  پاۋېل سۇداپلاتوۋنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە،  1947-يىلى ستالىن    سۇداپلاتوۋنىڭ مۇئاۋىنى نائۇم ئەيتىنگوننى  شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، مىللەتچىلەرنى باستۇرغان ئىدى(67).پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى،  سۇداپلاتوۋ    ئاشكارىلىغان  ستالىن بىۋاسىتە ئەۋەتكەن گېنېرال مايور  نائۇم  ئەيتىنگون  بەلكى  ئالتايدىكى ئوسمان ئىسلام باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭنى يوقىتىش  ئوپېراتسىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ،   بۇ ۋاقىتتا نائۇم ئەيتىنگون يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى نكۋد سىنىڭ ئاتوم پىلانى ۋە  ئۇران تېپىشقا مەسئۇل  «  س»   بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى(68).  ئوسمان ئىسلام سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆكتوقاي رايونىدىكى  ۋولفرام كانلىرى دەپ ئاتالغان ،ئەمەلىيەتتە ئۇران بىلەن مۇناسىۋەتلىك كانلىرىنى قېزىشىغا قارشى چىققان بولۇپ،  ئوسمان ئىسلام ئالتاينى ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كان خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ   ئالتايدا  يادرو قورالى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان  ئىستراتېگىيىلىك  يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش پىلانلىرىغا تەھدىد پەيدا قىلغان ئىدى.

      ئەلى ئەپەندى نېمە ئۈچۈن 1946-يىلى 6-ئايدا باشقا رازۋېتچىكلار بىلەن بىرگە ئۆز ۋەتىنىگە قايتماي، ئەكسىچە ئالتايغا ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردە تۇرغۇزۇلدى؟ بۇنىڭ سىرى چوڭ بولۇپ، تەھلىل قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى نائۇم ئەيتونگوننىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
بۇ ۋاقىتتا غۇلجىدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئالتايدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. 1946-يىلى 6-ئايدىن كېيىن غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم مەخپىي خادىملىرى ئۆز ۋەتىنىگە كەتكەن  بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلغان شۇنىڭدەك يېڭىدىن خادىملار كېلىپ، ھەر ساھەلەرگە ئورۇنلاشقان ئىدى. ئەلى مەمەتوفنىڭ بۇ چاغدىكى ئالتايدىكى ۋەزىپىسى  ئوسمان ئىسلامنىڭ توپىلاڭلىرىنى باستۇرۇش ۋە ئالتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش بولۇپ، ئالتاينىڭ بىخەتەرلىكى  ئىلى ھۆكۈمىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى موسكۋا ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم ئىدى. چۈنكى، بۇ چاغدا موسكۋا كۆك توقايدا  ئىنتايىن  مۇھىم بولغان ئىستراتېگىيىلىك   يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە ئىشلىتىۋاتاتتى.  ئالتاي قولدىن كەتسە، بۇ بايلىقلار قولدىن كېتەتتى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆك توقايدا زادى نېمە قېزىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمىيەتكە پاش بولۇپ قالاتتى.

      ئەلى مەمەتوفقا 1945-يىلى،  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئىستىقلالىيەت 1-دەرجىلىك ئوردېنى ۋە  تاپانچە تەقدىم قىلىنىپ تەقدىرلەنگەن. ئەلى ئەپەندى بۇ تەقدىرنامە ھەم ئوردېننى بىر ئۆمۈر ساقلىغان  شۇنىڭدەك  تەقدىرنانىڭ كوپىيە نۇسخىسى ئۇنىڭ ئوغلى رەم مۇزىپوف تەرىپىدىن  2005-يىلى  مەزكۇر قۇرلارنىڭ مۇئەللىپىگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. ئەلى ئەپەندى تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا     1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلاب  ۋە   شەخسلەر ھەققىدە كۆپلىگەن ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلىغان ھەمدە قول-يازمىلارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنىڭ بىر قىسىمى سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىمى يەنىلا پەرزەنتلىرىنىڭ قولىدا قالغان ئىدى، مەزكۇر قۇرلارنىڭ ئاپتورى  كەمىنە ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدىن خەۋەر تېپىشقا مۇۋەپپەق بولدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق زاكىر، پالېنوۋ، ئىسكەندەر، ئەلى ئەپەندى ، نوغايبايەف، مەۋلانوف ، ئېگناروف ۋە باشقىلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ چۈشەندى.

ئەلى ئەپەندى ئوشقا ئورۇنلىشىپ، 1980-يىلى ئوش شەھىرىدە تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن  74 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ سالاھىتى  سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ پولكوۋنىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن دەپنە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ھەم  ئۇنىڭ مۇسۇلمانچە دەپنە قىلىنىشىغا رۇخەت قىلىنىپ، ئۇنىڭ سەپدىشى ، 1937-يىللاردىكى قەشقەر پاجىئەسىنىڭ ئىگىلىرىدىن بىرى، 1945-1946-يىللىرى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئەۋەتىلىپ، تېكەس ئاتلىق پولكىغا كوماندىرلىق قىلغان راززاق مەۋلانوف  نامىزىنى چۈشۈرگەن.

(4)    پالېنوۋنىڭ ھەقىقى سىرى

       مىللىي ئارمىيىنىڭ 1945-يىلى، ئاپرېلدىن 1946-يىلىغىچە  بولغان ئارىلىقتىكى باش قوماندانى  گېنېرال مايور   پولېنوۋنىڭ  تولۇق ئىسمى ئىۋان گېئورگىيېۋىچ پالېنوۋتۇر.  ئۇنىڭ  مىللىتى رۇس.  ئۇيغۇرلار ئۇنى ئادەتتە پالىنوف  ياكى  پالىنوپ دەپلا ئاتايدۇ.  ئۇنىڭ ئىسمى   بەزىدە  رۇسچە مەنبەلەردە يەنە   ئىۋان ياكوۋلېۋىچ پولېنوۋ، يەنە بەزىلەردە ئىۋان گېئورگىيېۋىچ پالېنوۋ  دەپمۇ  ئاتىلىدۇ.  
پالېنوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى   ن ك ۋ د سىنىڭ  خادىمى بولۇپ،   ئۇنى ياخشى بىلگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىگەن سوۋېت ئىتتىپاقى  رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ  كېيىنكى ۋاقىتلاردا يېزىشقان خەتلىرىدە ئۇنىڭ 1920-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ سوۋېت رۇسىيىسى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرى بويىچە ئىش  كۆرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. دېمەك، ئۇنىڭ  1945-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىشىمۇ موسكۋانىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىي شاھىدلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلانغاندا پالېنوۋنىڭ باشتا پارتىزانلار قوماندانلىق شىتابىنىڭ، كېيىن مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ تەكلىپى رول ئوينىغان ئىدى.
        پالېنوۋنىڭ ئەسلىدە چار پادىشا ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى ئىكەنلىكى ھەمدە 1930-يىللاردا  شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىدە گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بىلەن خىزمەت قىلىپ، كېيىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقى  ھەم تۈرمىدىن بوشاپ،  سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكى  مەلۇملۇق مەسىلە بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەسلى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى مەۋھۇم ئىدى. پالېنوۋنىڭ ئەسلى كىم ئىكەنلىكى    سوۋېت ن ك ۋ د سىنىڭ  غۇلجىدىكى  پودپولكوۋنىكلىرى،   ئەلى مەمەتوف، زاكىر تۆرە ۋە ئىسكەندەر ئەپەندىلەر ئۈچۈنمۇ ئەڭ قىزىقارلىق تېما بولۇپ،  ئوشتا ياشىغان   ئەلى مەمەتوفنىڭ   1970-يىللاردا  ئۆزىنىڭ غۇلجىدا بىرگە مەخپىي خىزمەت قىلغان  ئىككى  كونا دوستى-  ئالمۇتىدىكى ئىسكەندەر ۋە   كراسنادار شەھىرىگە يەرلەشكەن   زاكىر تۆرىلەر بىلەن يېزىشقان خەتلىرىدە پالېنوۋ ھەققىدە بىر قانچە قېتىم توختالغان ھەم پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.
      ئەلى ئەپەندى ئىسكەندەردىن ( ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋتىن)  1973-يىلى پالېنوۋ  ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. ئۇ، 1973-يىلى، 7-سېنتەبىردىكى خېتىدە  پالېنوۋ ھەققىدە ئەتراپلىق جاۋاب بەرگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ 1934-يىلى پالېنوۋ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە پالېنوۋنىڭ  1917-يىلىدىن كېيىن تاشكەنتكە بارغانلىقى ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، غۇلجىغا قېچىپ  كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن ئۆمۈر بويى پۇشمان يېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى يازغان(69).  ئىسكەندەر، «  پالېنوۋ 1924-يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغان  ھەمدە سوۋېت گراجدانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بىزگە ياردەم بەردى ۋە  بىزنىڭ تاپشۇرۇقلىرىمىز بويىچە خىزمەت قىلغان»  دەپ بايان قىلغان[70].
      ئۇ، يەنە پالېنوۋنىڭ 1933-1934-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاپشۇرۇقلىرى بويىچە ئىشلىگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ،  « ئۇ، 1933-1934-يىللاردىكى ۋەقەلەرگە بىۋاسىتە بىزنىڭ رەھبەرلىكىمىزدە قاتناشتى»  دېگەن[71].ئارقىدىن يەنە  ئەلى ئەپەندى زاكىر تۆرە ( پېتىر ئىۋانوۋىچ ساۋىن)دىن  مەلۇمات سورىغان. پېتىر ساۋىن ( زاكىر )  1979-يىلى، 17-ئىيۇل كۈنى ئەلى مەمەتوف ئۈچۈن مەخسۇس  «  ئىۋان گېئورگىيېۋىچ پالىنوۋ ھەققىدە ئۇچۇر»  دېگەن تېمىدا خەت يېزىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا  ئۇ پالېنوۋ ھەققىدە  بىلگەنلىرىنى تەپسىلىي  يازغان.   بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەپسىلىسى  زاكىرنىڭ مەلۇماتىدۇر. بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ يېزىشقان خەتلىرىدىكى پالېنوۋ ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن ئۇنىڭ زادى  كىم ئىكەنلىكى  ئېنىقلىنىدۇ. بۇ ئۈچ رازۋېتچىكنىڭ مەلۇماتلىرىنى  بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن.  زاكىرنىڭ  مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا.   ئىۋان گېئورگىيېۋىچ  پالېنوۋ 1895-1896-يىللىرىنىڭ بىرىدە  تۇغۇلغان.  ئەسلى ئۇ ئورېنبۇرگ ۋە ياكى يەتتەسۇ  كازاكلىرىدىن بولۇپ، بۇ  جەھەتتە ئېنىق ئەمەس.   ئۇ، تاشكەنتتىكى  چارپادىشا ئارمىيىسىنىڭ تۈركىستان ھەربىي رايونىنىڭ شىتابىدىكى تالانتلىق ئوفىتسېرلاردىن بىرى ئىدى. پالېنوۋ   1914-يىلى  چار پادىشاھ  ئارمىيىسىنىڭ تۈركىستان ھەربىي رايونى تەرىپىدىن جۇڭگوغا  ھەربىي رازۋېتكا ئۈچۈن ئەۋەتىلىدۇ ھەمدە چاررۇسىيىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسىنى قوغدايدىغان  100  كىشىلىك ئەترەتنىڭ كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، 1918-1919-يىللىرى  قىزىل ئارمىيە ئۇنى تاشكەنتكە چاقىرىدۇ ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇ بۇ تەلەپنى رەت قىلىپ، غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، بىر مەزگىل يۈرىدۇ. 1921-يىلى ئاتامان دۇتوف سۈيدىڭدە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پالىنوۋ بىر مەزگىل ئۆز ئالدىغا يۈرىدۇ، ئەمما 1926-يىلى غۇلجىدا سوۋېت كونسۇلخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن  ئۇ، كونسۇلخانىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ  كىم ئىكەنلىكى ۋە قانداق بولۇپ غۇلجىغا كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ بىر رۇس ئىكەنلىكى، رۇسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى،  مانا ئەمدى سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئىشلەش ئارزۇسى بارلىقى ۋە ئۆز قولىدا نۇرغۇن رازۋېتكا ئۇچۇرلىرى بارلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سوۋېت رۇسىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا كىرىشىدۇ[72].  1933-1934-يىللىرى ئۇ سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ نورېيكو كوماندىرلىقىدىكى ئالتايىسكىي ئەترىتىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە شېڭ شىسەي ئارمىيىسىدە برىگادا كوماندىرى، گېنېرال مايور ئۇنۋانى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.  بۇ چاغلاردا ئۇ ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن مەخپىي خىزمەت قىلغان ئىدى.زاكىر ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرىگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى خادىملىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە زەربە بېرىش سىياسىي ئېلىپ بارغاندا  شېڭ شىسەي ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاكىسى گرېبىنكىن گېئورگىي مىخايلوۋىچنى بىرلىكتە قولغا ئالىدۇ.  ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى  شېڭ  شىسەيدىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغا بولسىمۇ، ئەمما شېڭ ئۇنداق ئادەملەرنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما،  سوۋېت كونسۇلخانىسى  پالېنوۋ ۋە گرېبىنكىننىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ،  نۇرغۇن  پۇل خەجلەپ،  ئۇلارنى ئاتىدىغان جاللاتقا پۇل بېرىپ ئۇنى سېتىۋالىدۇ، پۇتۈشۈم بويىچە، جاللات ئۇلارنى ئاتماي، ئوق چىقىرىپ قويۇپلا ئازگالغا دەپنە قىلىۋېتىش ، بىراق ئازراق توپا تاشلاپ قويىدىغان بولىدۇ، سوۋەت كونسۇلخانە خادىملىرى مۆكۈپ تەييار  بولۇپ تۇرىدۇ، ئوق چىقىپ، ئۇلارغا ئازگالغا كۆمۈۋېتىلىپ، ساقچىلار كەتكەندىن كېيىن سوۋېت خادىملىرى دەرھال كېلىپ، ئۇلارنى ئازگالنى كولاپ چىقىرىۋالىدۇ.  بۇ چاغدا گرېبىنكىن ئازراق تىنىۋاتاتتى، ئەمما پالېنوۋنىڭ تىنىقى توختىغان، بىراق دوختۇرلار سۈنئىي نەپەس ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنى سوۋېت  كونسۇلخانىسىغا ئېلىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ماڭدۇرىۋېتىدۇ(73). ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنىڭ  ھەممىسىدىن شېڭ شىسەي بىخەۋەر ئىدى.

         پالېنوۋ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەندىن كېيىن،  1943-يىلىنىڭ بېشىدا موسكۋانىڭ بۇيرۇقى بويىچە  تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا شىنجاڭدىن چىققانلاردىن قوراللىق ئەترەت تەشكىللەيدۇ ھەمدە 1944-يىلى، 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆز ئەترىتىنى باشلاپ غۇلجىغا كېلىدۇ. ئۇ ، 1945-يىلى، 1-ئايدا  پېتىر  رومانوۋىچ ئالېكساندروۋنىڭ ئورنىغا  پارتىزانلارنىڭ باش قوماندانى، 1945-يىلى، ئاپرېلدا مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانىلىققا تەيىنلىنىدۇ(74).  پالېنوۋ  بۇ جەرياندا  ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى قوشۇنلارنىڭ  شىخونى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا  ۋە شىمالىي يۈرۈش قوشۇنىنىڭ چۆچەك ، دۆربىلجىن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىدۇ.

      ئۇيغۇر شاھىدلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا  ئۇ، غۇلجىدىكى 2-دومنىڭ مەسئۇلى، موسكۋا ئەۋەتكەن باش ھەربىي -سىياسىي مەسلىھەتچى  گېنېرال  ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ  ئېگناروۋنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مىللىي ئارمىيىنىڭ ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىشىنى توختىتىپ قويغان. چۈنكى، ئۇ  مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىۋاسىتە بۇيرۇق بېرىشتىن ئىبارەت  ھەربىي ھوقۇق شۇنىڭ قولىدا ئىدى.   جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە   مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قالغاندىن كېيىن، 1945-يىلى،  10-ئايدا ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قۇرۇپ،  بۇ كومىتېتقا  پالېنوۋ، ئىسساقبەك، ئەخمەتجان قاسىمى  ۋە كەرىم ھاجىنى  كىرگۈزگەن ھەم ئۆزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلىپ، پۈتۈن ئارمىيىنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي  ھوقۇقىنى كونترول قىلغان ئىدى(75). تارىخىي شاھىدلارنىڭ  ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەلىخان تۆرە پالېنوۋقا مىللىي ئارمىيىگە بۇيرۇق بېرىپ، ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ، داۋانلىق ھۇجۇم قوزغاشقا بۇيرۇغان.  بىراق، ئۇ  ئەلىخان تۆرىنىڭ  بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىغان.  ئۇ، ئۆزىنىڭ ئامالسىز ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ پەقەت موسكۋانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىدۈرگىنىدە، ئەلىخان تۆرە ئۇنىڭ گېنېراللىق پاگونىنى يۇلۇپ تاشلىغان(76). بىراق، پالېنوۋ بەرىبىر بۇيرۇقنى ئىجار قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.  پالېنوۋ شۇنىڭدىن كېيىن،  ئەلىخان تۆرە تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما   يەنىلا 1946-يىلىنىڭ 6-ئايلىرىغىچە  مىللىي ئارمىيىنى ئىدارە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ،   تىنچلىق بېتىم ئىمزالىنىشىدىن كېيىن،  سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىدۇ.  زاكىر تۆرە  « پالېنوۋ 1947-يىلى  شىنجاڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا پۈتۈنلەي  كەتتى ۋە تاشكەنت شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشتى»  (77)دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، پالېنوۋ  تاشكەنتكە يەرلىشىپ، ئالدى بىلەن تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، تارىخ كەسپى ئۆگىنىدۇ ۋە  مەخسۇس  شىنجاڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە دېسسىرتاتسىيە ياقىلىغان.

     سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات ساھەسىگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،  پالېنوۋ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تاشكەنت  شەرقشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى ئىدى.  بۇ يەردە تاشكەنت رادىئوسىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىش باشلانغان ھەمدە تاشكەنتتە  « شەرق ھەقىقىتى»   ژۇرنىلى نەشىر قىلىنىۋاتقان بىر پەيت ئىدى. بۇ ۋاقىتتا يەنە « شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى نەشرىياتى قۇرۇلغان  بولۇپ،  تاشكەنتتە   سوۋېت ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە زىيالىيلىرىدىن   تۇرسۇن رەھىموف،  تۇنجى ئۇيغۇر تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەرشىدىن ھىدايەتوف، تۇنجى بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى  ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى  ئوسمان مەمەتاخۇنوف ۋە باشقا ئونلىغان ئەربابلار خىزمەت قىلىۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا تاشكەنتكە يەرلەشكەن  پالېنوۋنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا قىزىقىشى ھەمدە  تەتقىقاتقا كىرىشىشىدە   بەلكى ئۇنىڭ بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.  پالېنوۋ تاشكەنتتە  ياشىغان  1946-1955-يىللىرى   ئەلىخان تۆرىمۇ تاشكەنتتە بولۇپ، بىراق  پالېنوۋ بىلەن  ئەلىخان   تاشكەنتتە  كۆرۇشمىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكى   بۇ ئىككى ئەربابنىڭ ئىلىدىكى كونا  قورساق كۆپىكى ۋە ياكى  سوۋېت  ك گ ب سىنىڭ بويۇنتۇرۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. پالېنوۋ ئۆمرىنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق قىسىمىنى   ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكۈزگەن ۋە  ئۇيغۇر تىلىنى بىر قەدەر ياخشى بىلگەن ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئالاھىدە قىزىققانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىش  ۋە تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ھەمدە  « 1912يىلىدىكى ئىلى شىنخەي ئىنقىلابى»  دېگەن تېمىدا دېسسىرتاتسىيە ياقىلىغان ھەم  تارىخ پەنلىرى كاندىدات دوكتورى نامىغا ئېرىشكەن .  پالېنوۋ 1955-يىلى تاشكەنتتە كېسەل سەۋەبى بىلەن 60 يېشىدا  ۋاپات بولغان.1947-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى پالېنوۋنىڭ   ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن   ئۇنىڭغا  قىزىل يۇلتۇز ئوردېنى تەقدىم قىلغان.زاكىر ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، پالېنوۋ  ئىلىدىكى ئاق گۋاردىيىچى رۇسلارنىڭ سوۋېتكە قارشى ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھىمايە قىلىش يولىغا مېڭىشىدا كۆپ تەشۋىقاتچىلىق خىزمىتى قىلغان . 1941-يىلى، 6-ئايدا  گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا  ھۇجۇم قىلغاندا، پالېنوۋنىڭ  تەشۋىقاتلىرى نەتىجىسىدە  ئاقلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۈركۈملەپ، غۇلجا ۋە چۆچەكلەردىن سوۋېت  ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ، گىتلېر ئارمىيىسىگە قارشى جەڭگە قاتنىشىپ، رۇس ۋەتىنىنى قوغداشقا ئاتلانغان  ئىكەن.  ئۇ،  ئىلى، چۆچەكتىكى خەلقلەر ۋە رۇسلار ئارىسىدا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە بولغان ئىدى .ئىۋان پالېنوۋنىڭ مىللىي ئارمىيىدىكى ئابرويىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ،  مىللىي ئارمىيىنىڭ  ئوفىتسېرلىرى ئۇنى  جەڭچىلەرگە كۆيۈمچان، ئۇيغۇرلارغا  ئۆزىنى يېقىن تۇتىدىغان، ئۇيغۇر تىلىنى خېلى ياخشى بىلگەن ، جەڭگە ماھىر، قابىل قوماندانى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ.پالېنوۋ  ئەسلىدە  1934-1937-يىللىرى ئارىسىدا موسكۋا  ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفىتسېرلىرىدىن  نورېيكو، پاۋېل رىبالكو ۋە ئوبۇخوۋلارنىڭ  دوستى ھەمدە ئۇلار بىرلىكتە ھەربىي  مەكتەپ پۈتتۈرگەن بولۇپ، رىبالكو ۋە ئوبۇخوۋ  قەشقەردە ماھمۇت مۇھىتى كوماندىرلىقىدىكى ئۇيغۇر 6-دىۋىزيىسىنى كونترول قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. رىبالكو كېيىن،  ۋەتەن ئۇرۇشى دەۋرىدە  سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ تانكا قىسىملىرىنىڭ مارشالى بولدى ۋە  ئىككى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى نامىغا ئېرىشتى شۇنىڭدەك كىيېف، بېرلىن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىشتا رول ئوينىدى. ئوبۇخوۋ بولسا  كېيىن، گېنېرال لېيتىنانت بولغان.پالېنوۋ ئۆزىنىڭ رىبالكو ۋە ئوبۇخوۋلاردىن  قېلىشمايدىغان ھەربىي تالانتى بارلىقىنى سۆزلەپ يۈرگەن ئىكەن.  ھەمدە  ئۇ سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن 1918-1919-يىللاردىنلا تاشكەنتتە قېلىپ خىزمەت قىلغان بولسا، چوقۇم ئەنە شۇ كىشىلەردەك يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئۆز ھەربىي تالانتىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىنى پۇشايمان ئىچىدە تەكىتلىگەن ئىكەن.
lutun
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!
چوققا [45 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-30 15:46 |
margimux
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6714
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىنكاسنى داۋامى چىقىپ بولغاندا يازاي.بەلكىم مەرھۇم بوۋام تەۋەككۈل قارىمنىڭ ئىسمىمۇ كىيىنكى قىسىملىرىدا چېلىقىپ قالار...
چوققا [46 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 19:23 |
sabiha303
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3148
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ خىلدىكى تارىخى تەتقىقات تېرمىلىرنى كۆپلەپ يوللىشىڭىزنى ئۈمىت قىلمەن، ئۇلۇق ئاللاھ ئىگەم زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئوچۇق، قەلىمىڭىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈر قىلسۇن.
saltanat
چوققا [47 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 22:55 |
arman03

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1710
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 134
شۆھرەت: 912 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 922 سوم
تۆھپە: 499 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 502 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 262(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىرزىگۈل ھەققىدىكى مەزمۇنلار يېزىلسا تېخىمۇ تۇلۇق بۇلاتتىكەن.
نەبىجان تۇرسۇن نامىدىكى يۇقارقى قىممەتلىك تارىخى ماتىرياللار كىشنىڭ كۈزىنى ئاچتى، چۇڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. ئۇقۇغان ئادەمنىڭ ھەممىسى ئاپتۇرغا چىن كۆڭلىدىن قايىل ۋە تەشەككۇر بولماي تۇرالمايدۇ. ئاپتۇرنىڭ خالىس ئەمگىكىگە بىرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات ماناشۇ بولغۇسى.
ۋ
چوققا [48 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 18:23 |
turkzad
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3423
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 36 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 36 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامى قاچان چىقار؟ داۋامىنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاۋاتىمەن...
lutun
چوققا [49 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-05 11:41 |
yadikar1145
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6042
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەلى ئە پەندى دىگەن كىشى  خۇجىنىياز ھاجىمغا  مەسلىھەتچى بولغان كىشى شۇمۇ ....
sarkar
چوققا [50 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 17:45 |
oghlanni
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 60 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سوپاخۇن  سوۋۇروف ئاقسۇغا قىلغان سەپىرىدىكى بىر نەچە خاتالىقى 
 رەسىم:
 
 1. ئاقسۇغا قىلغان ئۇرۇش سەپىرى بەك داغ-دۇغۇلۇك بولۇپ ئاقسۇ  دىكى دۇشمەنلەر تۇيۇپ  ئاللاقاچان تەييارلىق قىلىۋاغان. ۋەيۇقۇرىغا دوكىلات قىلىۋالغان،دۇشمەنلەر سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن ئالاقا قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىپ بەرگەن.
2.يولدا ۋاقىت كوپ ئىسىراپ بولغان بەزەن كۈنلەر ئارقاسەپتىكى يڭمەكنى ساقلاش ئۈچۈن كەتكەن.
3.ئاقسۇ نى ئۇزۇن ۋاقىت قورۇشاپ ئىشخال قىلماي دۇشمەنلەر ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئۇلۇق شايېرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئولتۇرگەن.
4.سىتالىندىن چىكىنىش بۇيرۇقى كەلگەندە ياشى ۇسۇل بىلەن چىكەنمەي ئالدىراخ ساندۇلۇق قىلغان شۇنىڭ ئۈچۇن نۇرغۇن ئەسكەر چىقىم بوغان.دۇشمانلەر كەينىدىن كوغلاپ باي نايىسىگىچە قىرغىن قىكغان.
5.گومىنداڭ ئارمىيەسى قالاق ھەربى تەخ نىكىسى بويىچە بارلىق ئىشلارنى ئىلىپبارغان ئاقسۇ شەھرى ئاتىراپىدىكى خەلىق ئامىنى كەڭ كولامدە قوزغىمىغان.
    لىكىن سوپاخۇن  سوۋۇروف نىڭ توپىسى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ .
saltanat
ئالغا  ئالغا  داۋاملىق ئالغا
چوققا [51 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 18:15 |
oghlanni
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 60 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سوپاخۇن  سوۋۇروف ئاقسۇغا قىلغان سەپىرىدىكى بىر نەچە خاتالىقى 
 رەسىم:
 
 1. ئاقسۇغا قىلغان ئۇرۇش سەپىرى بەك داغ-دۇغۇلۇك بولۇپ ئاقسۇ  دىكى دۇشمەنلەر تۇيۇپ  ئاللاقاچان تەييارلىق قىلىۋاغان. ۋەيۇقۇرىغا دوكىلات قىلىۋالغان،دۇشمەنلەر سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن ئالاقا قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىپ بەرگەن.
2.يولدا ۋاقىت كوپ ئىسىراپ بولغان بەزەن كۈنلەر ئارقاسەپتىكى يڭمەكنى ساقلاش ئۈچۈن كەتكەن.
3.ئاقسۇ نى ئۇزۇن ۋاقىت قورۇشاپ ئىشخال قىلماي دۇشمەنلەر ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئۇلۇق شايېرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئولتۇرگەن.
4.سىتالىندىن چىكىنىش بۇيرۇقى كەلگەندە ياشى ۇسۇل بىلەن چىكەنمەي ئالدىراخ ساندۇلۇق قىلغان شۇنىڭ ئۈچۇن نۇرغۇن ئەسكەر چىقىم بوغان.دۇشمانلەر كەينىدىن كوغلاپ باي نايىسىگىچە قىرغىن قىكغان.
5.گومىنداڭ ئارمىيەسى قالاق ھەربى تەخ نىكىسى بويىچە بارلىق ئىشلارنى ئىلىپبارغان ئاقسۇ شەھرى ئاتىراپىدىكى خەلىق ئامىنى كەڭ كولامدە قوزغىمىغان.
    لىكىن سوپاخۇن  سوۋۇروف نىڭ توپىسى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ .
sarkar
ئالغا  ئالغا  داۋاملىق ئالغا
چوققا [52 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 18:24 |
turkzad
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3423
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 36 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 36 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باغداش، بۇ تېمىنىڭ ئاخىرى يوقمىدۇ؟ ساقلاپ قويۇپ بىراقلا ئوقۇي دەپتىكەنمەن، ئەگەر ئاخىرى بولمىسا ئوقۇۋەتسەم ياخشى بولغىدەك...
چوققا [53 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 13:05 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«2345»Pages: 5/5     Go
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر