يېزا مەكتەپلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ياخشىلىنىشنى كۈتمەكتە
شەنشىدىن جاڭ چيۇشيەن
نۆۋەتتە يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش بىنالىرى ئېگىزلىدى، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىق ئەسلىھەلەرمۇ كۈنسايىن تولۇقلىنىۋاتىدۇ، بىراق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىگە ئانچە ئېتىبار قىلىنمايۋاتىدۇ. كۆپ ساندىكى يېزا مەكتەپلىرىدە بىرىنچىدىن، ئىسسىتىش ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش ئەسلىھەلىرى يوق، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار يىلبويى، قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقى، يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدا خىزمەت ۋە ئۆگىنىش قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، مەكتەپ ئاشخانىسى كىچىك، ئاشخانا بويۇملىرى تولۇق ئەمەس، سۇ توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى دائىم دېگۈدەك بۇزۇلۇپ قالىدۇ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئازغىنە بار بولغان تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ۋە سورۇنلىرىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى قىسقا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشى زېرىكىشلىك، قاينام تاشقىنلىق كەمچىل.
«قىسىم ئۇرۇشقا ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، ئاشلىق ۋە باشقا تەمىناتلارنى ئاۋۋال تەييارلاش كېرەك»، نورمال تۇرمۇشتىكى زۆرۈر بولغان كۆڭۈل ئېچىش تەلىم – تەربىيە، ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئېھتىياجى. مۇئەللىپ شۇنداق تەكلىپ بېرىدۇكى: مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشنى ماسلاشتۇرسىكەن ۋە ئۇلارنى بىر بىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكۈزسىكەن.
يېزىلاردىكى مىيىپ بالىلار مائارىپى كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج
خېنەندىن ۋاڭ يۈشىن
تولۇق بولمىغان ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا نۆۋەتتە ئېلىمىزدە 0 – 6 ياشقىچە بولغان مىيىپ بالىلار سانى 1 مىليۇن 800 مىڭ ئادەم ئىكەن، شۇنداقلا بۇ سان يىلسايىن ئېشىۋىتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا بالىلىرى ئەڭ زور نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. يېزىلاردىكى مىيىپ بالىلار ئۇزۇن مەزگىل سەل قارالغان توپ، بولۇپمۇ چەت يېزا كەنتلەردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ مىيىپ بالىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ كۆيۈنىشىگە ئېرىشەلمەيلا قالماي يەنە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگىمۇ ئېرىشەلمەي، كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ ياكى باشقا غەرەزلىك كىشىلەر تەرىپىدىن بېقىۋىلىنىپ ياشاۋاتىدۇ. ئاندىن كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇللىرى بىلەن بۇ «بېقىۋالغۇچى»لارنىڭ يانچۇقىنى توملاۋاتىدۇ.
يېزىلاردىكى مىيىپ بالىلار جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە تەقەززا بولماقتا! ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار كۆڭۈل بۆلۈشنى ئېغىزىغىلا ئېسىپ قويماي، ھەرىكەتكە كەلسىكەن. بولۇپمۇ ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى سىياسەت ۋە مەبلەغ ياردىمى بېرىپ، يېزىلاردىكى مىيىپ بالىلارنىمۇ مائارىپ تەربىيەسى ئالالايدىغان گۈزەل بالىلىق دەۋرىدىن بەھرىمەن قىلسىكەن.
تاھىرجان ئەركىن تەرجىمىسى