ئەگەر بالىڭىزنىڭ شەھۋانى فىلىم كۆرىدىغانلىقىنى
بايقىسىڭىز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!
شەھۋانى فىلىم كۆرۈش ھادىسىسى ھازىر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بەكمۇ ئوموملىشىپ كېتىپ بارىدۇ .مەن مۇشۇ ھەقتە بىر مەكتەپنىڭ ئەخلاق مۇدىرى بىلەن پاراڭلىشىپ باقسام ،ھادىسىنىڭ بۇنداق ئېغىر ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنمىدى .مەن پاكىت ئۈچۈن تورخانىلارغا كىرىپ ،تورخانە ئىگىلىرى بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشىنى تاپىلىدىم . بولسا مۇناسىۋىتى ياخشى بىرەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن مەخپى سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تاپىلىدىم .يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىسى يوق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ سېرىق فىلىم كۆرۈش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بېقىشىنى ئۆتۈندۈم .شەھۋانى فىلىم كۆرۈش ھادىسىسى ئەخلاقنى بۇزۇشتا چېكىگە يەتكەن ھادىسە بولغاچقا ھازىر ئاتا ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ياشلاردىكى جۈملىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىدىكى بۇ ھادىسىدىن قانداق قۇتۇلۇش توغرىسىدا تېخى ئاقىلانە ۋە ئۈنۈملۈك چارە تاپالىغىنى يوق .ئەخلاق مۇدىرلىرىنىڭ ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ ھازىرقى يېڭى دەۋىردە ئۆسۈپ يىتىلىلىۋاتقان ياشلارنى زەھەرلەۋاتقان يېڭى مەدەنىيەت ئەخلەتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تەرەققىياتىغا نىسبەتەن تونۇش بولمىغاچقا ئەقەللى تونۇشقا ھەركەت قىلىپ باقمىغاچقا ياشلاردىكى بۇ ھادىسىلەردىن قانداق مۇداپىيە قىلىشنى بىلمەيدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن .ئەگەر بۇ ھادىسە بىر دېھقان ئائىلىسىدە پەيدا بولسا قانداق قىلماق ؟ئەگەر بۇ ھادىسە بىر دىنغا سۇز زىيالى ئائىلىسىدە پەيدا بولسا يەنە قانداق قىلماق؟زادى ئۈنۈملۈك بىر تەربىلەش ئۇسولى بارمۇ يوق ؟كۆپچىلىك ئەگەر بالام ياكى ئۇكام سېرىق فىلىم كۆرىۋاتقانلىقىنى بايقىسام مۇنداق قىلىمەن دىگەن تېمىدا بىر پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق .مەسىلىدىن قانچىكى ئۆزىمىزنى تارتساق شۇنچىكى كىرىزىسقا چوڭقۇر پاتىمىز .ئەڭ ياخشىسى بارلىق ئەزالار ئۆزىگە يوقىرقى سۇئال قويۇپ پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقسا دەيمەن .
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-04-13 18:18قايتا تەھرىرلىدى ]