ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلەتلىك 3-دەرىجىلىك ساياھەت باغچىسى بولغان ئارتام بېغىدا ئەتىيازلىق ‹‹چېچەك سەيلىسى›› پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. ئىگەللەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بۇ پائالىيەتكە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مەخسۇس سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. ۋىلايەتنىڭ مەدەنىيەت سەنئەت ئورۇنلىرى ۋە 13-دېۋىزىيە مەدەنىيەت-سەنئەت ئورۇنلىرى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدىكەن... شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قۇتلۇق پائالىيەتتىن ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ۋاقىپ بولۇپ، ئەتىيازلىق سەيلى-ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھارغىنلىقلىرىنى چىقىرىۋالسۇن دەپ ئۇشبۇ ئۇچۇرنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇق... ۋاقىپلانغايسىلەر....
بۇ يازمىنىمۇ باغداشقا يوللىغان ئىدىم. ئەپسۇس تورداشلارنىڭ ھەممىسىنى باغداش مۇنبىرىگە چىقماي ئارتام چېچەك سەيلىسىگە چىقىپ كەتمىسۇن دېدىمۇ ئەيتاۋۇر بىلمىدىم، باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن تەستىقلانماپتۇ...شۇڭا بۇ كاتتا ئىشتىن خەۋەردار بولسۇن دەپ ئىنكاس سۈپىتىدە يوللاپ قويدۇم...
http://www.uqur.net